جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

دادىسىنىڭ ۋاپاتىغا ئارتۇقچە قايغۇرۇش سەبىر قىلىشقا زىت كېلەمدۇ؟

سۇئال

    دادام ۋاپات بولغىلى ئۈچ ئاي بولدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن، ئۇنى كۆپ سېغىنىمەن، كۆپ ئۆزگىرىمەن، بەزى  دادام تۈنۈگۈن ۋاپات بولغاندەك قاتتىق بىئارام بولىمەن، بەزى ياشاشقا رىغبىتىم يوقتەك ھېس قىلىمەن، بەزى ۋاقىتتا ھېچ قانداق بىر ئىشنى ھېس قىلماستىن تىنىچ بولۇپ قالىمەن، شەرئى ئىلىملەردىن مەلۇم دەرىجىدە دەرسلىك قىلدىم، نۇرغۇن دىنى كىتابلارنى ئوقۇدۇم، دەرس ۋە ۋەز-نەسىھەت سورۇنلىرىغا كۆپ قاتناشتىم، سەبىر قىلىشنىڭ مەنىسىنى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋاپلارنى بىلىمەن، مەن دادامغا كۆپ دۇئا قىلىمەن، كۆپ ۋاقىتتا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دىلىمدا بۇ دۇئالارنى كۆپ تەكرارلايمەن: رەببىم! مەن سېنىڭ ھۆكمىڭگە رازى بولدۇم، سەن ئاتا قىلغۇچى ۋە چەكلىگۈچى، بۇيرۇق سېنىڭدۇر، مېنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلغان خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن. لېكىن مەن تېڭىرقاش ئىچىدە، ئەقلىمدە ئۆزۈمنى مۇناپىق دېگەن سۆز تەكرارلىنىدۇ، مەن گەرچە سەبىر قىلساممۇ، بۇ دەرد-ئەلەم، سىقىلىشنى ھېس قىلىمەن؟...

    مەن ھېس قىلغان ئىش ھەقىقى سەۋېرچانلىققا زىت كېلەمدۇ؟ گەرچە مەن رازى بولمىساممۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا قانداق ئېرىشىمەن؟، ئاللاھ تائالانىڭ "ئەسسالام" دېگەن ئىسمىنىڭ مەنىسىنى ئوقۇدۇم، مۇشۇ ئىسىمنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلدىم، دادام ئۈچۈن دۇئا قىلىپ:" ئى ئاللاھ! سەن تىنچلىق بەرگۈچىسەن، تىنچلىق پەقەت سېنىڭدىندۇر، ئى ئۇلۇغلۇق، كاتتىلىق، ئالىلىق ۋە پەزلى-كەرەم ئىگىسى ئاللاھ، سەن ھەقىقەتەن كاتتىلارنىڭ كاتتىسىسەن، سېنىڭدىن دادامنى قەبىردە، قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى تىرگۈزىدىغان كۈندە سالامەت قىلغىن دەپ دۇئا قىلىمەن، قىلغان دۇئايىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    مۇشۇ ھاياتلىقتا ئۆزىنىڭ جىنى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ياخشى كۆرگەنلىرى ياكى مال-دۇنيالىرى ۋە باشقا تەرەپلەردىن تۈرلۈك مۇسىبەتلەردىن سالامەت قالغان ھېچ بىر كىشى يوقتۇر.

    مۇئمىنگە زۆرۈر بولغىنى مۇسىبەتكە ئۇچرىغاندا سەبرى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇش دەرىجىسىگە ئۆرلەشتۇر، بۇ ساۋاپ-مۇكاپاتتا مۇكەممەل بولغان پەزىلەتتۇر، سەبرى بىلەن رازىلىقنىڭ ئارىسىدىكى پەرىقنىڭ بايانى 219462 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا سۆزلەندى.

    سىز بەزى ۋاقىتتا ھېس قىلغان دەرد-ئەلەم تۇيغۇلىرى سەۋېرچانلىققا زىت كەلمەيدۇ، ئەگەر بۇ تۇيغۇ پەقەت كۆڭلىڭىزدە بولۇپ، ۋارقىراپ يىغلاش ۋە كىيىملەرنى يىرتىش قاتارلىق شەرىئەتكە زىت بولغان سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن ئاشكارا قىلىنمىسا بۇنىڭ زېيىنى يوق.

     بەك قايغۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۇيغۇ ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقىسىز كېلىدۇ، بولۇپ سىزگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەزىز كىشىسىنى يوقۇتۇپ قويغاندا شۇنداق بولىدۇ.

     شۇنداقتىمۇ مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىش: بۇ قايغۇلارغا ماسلىشىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماسلىق، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشى ۋە قىلىدىغان ئىبادەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك. سىز كۆپ ۋاقىتلاردا يالغۇز ئولتۇرماڭ، بۇ غەم-قايغۇلار توغرىسىدا كۆپ پىكىر قىلماڭ، ئۆزىڭىزنى دائىم پايدىلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىڭ، شەيتان قوزغايدىغان بۇ قايغۇلارغا ئەسىر بولۇپ قالماڭ، مۇسۇلمان بەك قايغۇرۇپ ئاھ چەكسە بۇنىڭ بىلەن شەيتان خۇرسەن بولۇپ، ئامال بولسا مۇسۇلماننىڭ دىلىغا غەم-قايغۇ سېلىشقا تېرىشىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا النَّجْوَى مِنَ الشَّيْطَانِ لِيَحْزُنَ الَّذِينَ آَمَنُوا وَلَيْسَ بِضَارِّهِمْ شَيْئًا إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ‏ تەرجىمىسى: « گۇناھ توغرىسىدا پىچىرلىشىش مۆمىنلەرنى قايغۇغا سېلىش ئۈچۈن شەيتان تەرىپىدىن بولغاندۇر، (بۇنداق پىچىرلىشىش) ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولمىسىلا مۆمىنلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن.» [سۈرە مۇجادىلە 10-ئايەت].

    سىز دائىم بۇ ئاللاھ پۈتۈۋەتكەن ئىش، بۇ چوقۇم يۈز بېرىدۇ دېگەن توغرىدا پىكىر قىلسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇش دەرىجىسىگە يېتەلەيسىز، دەرد-ئەلەم مۇسىبەتنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ بەلكى زىيادە قىلىۋېتىدۇ.

    سىز دائىم ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا رازىلىقنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنى ئويلاڭ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھۆكمىگە رازى بولغان كىشىدىن رازى بولىدۇ، ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىنمۇ ئارتۇق ساۋاپ بولمايدۇ.

    سىز دادىڭىز ئۈچۈن قىلغان دۇئا گۈزەل دۇئا بولۇپ ئاللاھ تائالادىن قىلغان دۇئايىڭىزنى ئىجابەت قىلىشنى، سىزگە يەتكەن مۇسىبەتنىڭ ئورنىغا بىر ياخشىلىق ئاتا قىلىشنى سورايمىز.  

     ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى