پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

بىر ئىشنى بىر قانچە تۈرلۈك نىيەت-مەقسەت بىلەن قىلسا، ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىمۇ تۈرلۈك بولامدۇ؟

سۇئال

    بىر ئىشنى بىر قانچە تۈرلۈك نىيەت-مەقسەت بىلەن قىلسا، ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىمۇ تۈرلۈك بولامدۇ؟، بىر كىشى مەسچىتكە كېرىپ بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشنى نىيەت قىلدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى رەكئەت تاھارەت نامىزى ۋە ئىككى رەكئەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇنىڭ ھەممىسىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، بىر ئىشتا نىيەت-مەقسەتنىڭ تۈرلۈك بولىشى بىلەن ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپمۇ تۈرلۈك بولىدۇ، بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ مەسچىتكە كېرىپ، بۇنىڭ بىلەن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى، ئىككى رەكەت تاھارەت نامىزىنى ۋە ئىككى رەكئەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى نىيەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەجىر-ساۋابى ھاسىل بولىدۇ، ئاللاھ كاتتا پەزىلەت ئىگىسىدۇر.

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى پەرىز ناماز بىلەن مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى بىرگە نىيەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ، ئۇ كىشىگە پەرىز نامازنىڭ ۋە مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنىڭ ئەجىر-ساۋابى ھاسىل بولىدۇ". ["ئەلمەجمۇ" 1-توم 325-بەت].

    ئىمام غەزالى رەھىمەھۇللاھ" ئىھيا ئۇلۇمىددىن"4-توم 370-371-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تائەت-ئىبادەتنىڭ ئەسلىدە توغرا بولىشى ۋە ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ زىيادە بولىشى نىيەتكە ئالاقىدار بولىدۇ، ئەمما ئىبادەتنىڭ ئەسلىگە كەلسەك، ئۇ كىشى بۇنىڭ بىلەن پەقەت يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەگەر رىيا قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، قىلغان ئىشى ئاسىيلىق بولىدۇ.

    ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى ۋە پەزىلىتىنىڭ زىيادە بولىشى، ئۇ كىشىنىڭ ياخشى نىيىتىنىڭ زىيادە بولىشى بىلەن بولىدۇ، گەرچە تائەت ئىبادەت بىر بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە ياخشىلىقنى نىيەت قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ نىيىتى ياخشى بولىدىكەن، ھەر بىر نىيىتى ئۈچۈن ياخشىلىق بولىدۇ، ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، ھەر بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە زىيادە بولىدۇ.

    بۇنىڭ مىسالى: مەسچىتتە ئولتۇرۇش تائەت-ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى نىيەت قىلىپ، تەقۋادار كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىنىڭ پەزىلىتىگە ۋە ئاللاھقا يېقىنلاشقۇچىلارنىڭ دەرىجىسىگە يەتكىلى بولىدۇ.

     بۇنىڭ بىرىنچىسى: مەسچىتتە ئولتۇرغۇچى، بۇ ئاللاھنىڭ ئۆيى دەپ ئېتىقاد قىلىپ، بۇ ئۆيگە كىرگۈچى كىشى ئاللاھنى زىياەرت قىلغۇچى بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىگىسىنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋەدە قىلغان ساۋاپقا ئېرىشىشنى ئۈمىت قىلىدۇ: مەسچىتتە ئولتۇرغان كىشى ھەقىقەتتە ئاللاھ تائالانى زىيارەت قىلغان بولدى، زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ زىيارەت قىلغۇچىنى ئىكرام قىلىشى ھەقلىق بولىدۇ.

     ئىككىنچىسى: مەسچىتتە ئولتۇرغۇچى نامازدىن كېيىن نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ.

    ئۈچىنچىسى: مەسچىتتە ئولتۇرغۇچى ئاللاھدىن قورقۇش تۇيغۇسى بىلەن ئۆزىنىڭ قۇلىقى، كۆزى ۋە باشقا ئەزالىرىنى قالايمىقان ھەرىكەت، تۆت ئەتىراپقا يۈزلىنىشتىن ساقلانغان ھالدا ئولتۇرىدۇ، ئەگەر ئېتىكاپنى نىيەت قىلسا بۇ كۇپايە قىلىدۇ، چۈنكى ئېتىكاپمۇ روزىنىڭ مەنىسىدە ئۆزىنى چەكلەش بولۇپ، بۇمۇ ئاللاھدىن قورقۇشنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

     تۆتىنچىسى: ئۇ كىشىنىڭ بارلىق مەقسىدى ئاللاھقا يۈزلىنىش، ئاخىرەت توغرىسىدا پىكىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، مەسىچىتتە ئايرىم ئولتۇرۇش بىلەن تائەتتىن مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

     بەشىنچىسى: مەسچىتتە ئولتۇرۇش دېگەنلىك، ئاللاھنى زىكىر قىلىش ياكى ئاللاھنىڭ زىكرىگە قۇلاق سېلىش ۋە بىرگە ياد قىلىش ئۈچۈندۇر.

    ئالتىنچىسى: مەسچىتتە ئولتۇرۇش بىلەن ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەشتىن ئىبارەت بولغان ئىلىمدىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ، چۈنكى مەسىچىتتىمۇ نامازنى توغرا ئوقۇيالمايدىغان ياكى مەسچىتتە قىلىش توغرا بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەرمۇ ئۇچرايدۇ.

    يەتتىنچىسى: ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قېرىنداش بولىدىغان دوستلارغا ئېرىشىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى بىر ئەمەل ئۈچۈن نىيەتنى كۆپ قىلىشنىڭ يوللىرىدۇر، باشقا تائەت-ئىبادەت ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارمۇ مۇشۇنىڭغا قىياس قىلىنىدۇ، چۈنكى ھەر قانداق تائەت-ئىبادەت بىر قانچە نىيەتنى كۆتۈرەلەيدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى مۇمىن كىشىنىڭ دىلىدىكى ياخشىلىقنى تەلەپ قىلىش، ئۇنىڭغا جىددى ئاتلىنىش ۋە ئۇ توغرىدا پىكىر قىلىشتىن ئىبارەت بولغان نىيەت-مەقسىدىنى ھازىر قىلىش بىلەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەمەللەر ساپ بولۇپ، ياخشىلىق زىيادە بولىدۇ".

     شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بۇنىڭ بىلەن ئىككى رەكئەت تاھارەت نامىزىنى ۋە ئىككى رەكئەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى نىيەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئىككى رەكئەت تاھارەت نامىزىنىڭ ۋە ئىككى رەكئەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنىڭ ئەجىر-ساۋابى ھاسىل بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا مەدھىيلەر بولسۇنكى، ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتى كەڭرىدۇر، ئەگەر بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ مەسچىتكە كېرىپ پېشىننىڭ سۈننىتىنى نىيەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى رەكئەت تاھارەت نامىزى ۋە ئىككى رەكئەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى نىيەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن بۇنىڭ ھەممىسى ھاسىل بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا مەدھىيلەر بولسۇن".

    "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"11-توم 57-بەت. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى