بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇنلار بەك كۆپ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1-قەدىر كېچىسى: بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: قايسى كېچىنىڭ قەدىر كېچىسى ئىكەنلىكىنى بىلسەم ئۇ كېچىدە قايسى دۇئانى ئوقۇيمەن دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! سەن بەك ئەپۇ قىلغۇچى، ئەپۇ قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن» دېگەن دۇئانى ئوقۇڭ دېگەن.
2-يېرىم كېچىدە قىلغان دۇئا: بۇ سوھۇرلۇق ۋاقتى بولۇپ، ئىلاھى رەھمەت چۈشىدىغان ۋە ئاللاھ تائالا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ بەندىلىرىگە پەزلى-رەھمەت قىلىدىغان، ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىدىغان ۋە قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىدىغان مۇبارەك ۋاقىتتۇر. ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىم دۇئا قىلسا، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، كىم بىر نەرسە سورىسا سورىغىنىنى بېرىمەن ۋە كىم ئىستىغپار ئېيتىپ مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇنى مەغپىرەت قىلىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى1145-ھەدىس].
3-پەرز نامازلاردىن كېيىن: بۇ توغرىدا ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى دۇئا ئاللاھ تائالاغا بەك ئاڭلانغۇچى يەنى تىز ئىجابەت بولىدۇ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « يېرىم كېچىدە قىلىنغان ۋە پەرز نامازلاردىن كېيىن قېلىنغان دۇئا دېگەن». [تىرمىزى رىۋايىتى3499-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
ئالىملار پەرز نامازدىن كېيىن دېگەن سۆزنى نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ياكى بۇرۇنمۇ؟ دەپ ئىختىلاپلىشىپ قالدى.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە شاگىرتى ئىبنى قەييىم قاتارلىقلار بۇ نامازدا سالام بېرىشتىن ئىلگىرى بولىدۇ دېگەن قاراشنى تاللىدى. ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەر نەرسىنىڭ ئارقىسى دېگەن، جانلىقلارنىڭ ئارقىسىغا ئوخشاشتۇر، ["زادىل مىئاد" 1-توم 305-بەت].
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەرز نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىش توغرىسىدا كەلگەن ئەسەرلەردىن نامازدىن كېيىن دېگەنلىكتىن سالام بۇرۇنقى ۋاقىت كۆزدە تۇتىلىدۇ. نامازدىن كىيىن زىكىر قىلىش توغرىسىدا كەلگەن ئەسەرلەردىن سالامدىن كېيىنكى ۋاقىت كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِذَا قَضَيْتُمُ الصَّلَاةَ فَاذْكُرُوا اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَى جُنُوبِكُمْ تەرجىمىسى: «نامازنى تۈگەتكىنىڭلاردا ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتتە ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىشى مۇمكىن)» [سۈرە نىسا 1-3-ئايەتلەر].
شەيخ مۇھەممەد ھەمەدنىڭ "دۇئا" ناملىق ئەسىرى 54-بەت.
4-ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا دۇئا ئىجابەت بولىدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا قىلىنغان دۇئا رەت قىلىنمايدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى521-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 212 -ھەدىس. "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 2408- قارالسۇن].
5-پەرز نامازلارغا ئەزان ئوقۇلغاندا ۋە ئىككى سەپ تۈزۈپ ئۇرۇشقا تەييار بولغاندا: بۇ توغرىدا سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى تۈرلۈك ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا قايتۇرۇلمايدۇ ياكى پەرز نامازلارغا ئەزان ئوقۇلغاندا ۋە ئىككى قوشۇن سەپ تۈزۈپ جەڭگە ھازىر بولغاندا قىلىنغان دۇئا ئاساسەن ئىجابەت بولىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. بۇ سەھىھ ھەدىس بولۇپ: "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 3079- قارالسۇن].
6-يامغۇر چۈشكەندە: بۇ توغرىدا سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى تۈرلۈك ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا رەت قىلىنمايدۇ، نامازغا ئەزان ئوقۇلغاندا ۋە يامغۇر ياغقاندا». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 3078-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
7-كېچىدىن بولغان ۋاقىتتا: بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىدە بىر ۋاقىت بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالادىن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى سوراپ دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە سورىغىنىنى بېرىدۇ، بۇ كېچىنىڭ ھەممىسىدە بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 757-ھەدىس].
8-جۈمە كۈنىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنى توغرىسىدا سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «جۈمە كۈنىدە شۇنداق بىر ۋاقىت باركى، ھەر قانداق مۇسۇلمان بۇ ۋاقىتتا نامازغا تۇرۇپ ئاللاھ تائالادىن بىر نەرسە سورىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە سورىغىنىنى بېرىدۇ دەپ، ئۇ ۋاقىتنىڭ بەك قىسقا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى». [بۇخارى رىۋايىتى835-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 852-ھەدىس].
9-زەمزەم ئېچكەندە قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولىدۇ: بۇ توغرىدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زەمزەمنى نېمىگە مەقسەت قىلىپ ئېچىلسە شۇنىڭ ئۈچۈن بولىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 5502-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
10-سەجدە قىلغان ھالەتتە قىلىنغان دۇئا: بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى ئۇ كىشىنىڭ سەجدە قىلغان ھالىتىدۇر، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار.» [مۇسلىم رىۋايىتى 482-ھەدىس].
11-خورازنىڭ چىللىغىنىنى ئاڭلىغاندا: بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «خورازنىڭ چىلىغىنىنى ئاڭلىغاندا، ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭ پەزلى-رەھمىتىنى سوراڭلار، چۈنكى خوراز پەرىشتىنى كۆرگەندە چىللايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 2304-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2728-ھەدىس].
12-"لائىلاھە ئىللا ئەنتە سۈبھانەكە ئىننى كۈنتۇ مىنەززالىمىين" دېگەن بۇ دۇئانى ئوقۇغاندا دۇئا ئىجابەت بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ قىلغان دۇئاسى: "لائىلاھە ئىللا ئەنتە سۈبھانەكە ئىننى كۈنتۇ مىنەززالىمىين" ھەر قانداق بىر كىشى بىرەر ئىش ئۈچۈن بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق ئەسەر 3383-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ : وَذَا النُّونِ إِذ ذَّهَبَ مُغَاضِبًا فَظَنَّ أَن لَّن نَّقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَىٰ فِي الظُّلُمَاتِ أَن لَّا إِلَٰهَ إِلَّا أَنتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ الظَّالِمِينَ تەرجىمىسى: «يۇنۇسنىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ (شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنىڭ قارنىدا): «(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى.» [سۈرە ئەنبىيا 87-ئايەت].
بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىش ۋە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىشىنىڭ شەرتىدۇر. خۇددى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگەندەك، «شۇنىڭدەك مۆمىنلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىمىز». ["جامى لىئەھكامىل قۇرئان"11-توم 334-بەت].
13-مۇسىبەت يەتكەندە: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز»، ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ مۇسىيبىتىمگە ئەجىر-ساۋاپ ئاتا قىلسىلا، ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىر نەرسىنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرسىلە" دېيىشتىن ئىبارەت. بۇ توغرىدا ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھەر قانداق بىر مۇسۇلمانغا بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ كىشى بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ بۇيرىغان بۇ سۆزلەرنى دېسە: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ مۇسىيبىتىمگە ئەجىر-ساۋاپ ئاتا قىلسىلا، ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىر نەرسىنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرسىلە" ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە يەتكەن مۇسىبەتتىن ياخشىراق بىر نەرسىنى ئورۇن باسار قىلىپ بېرىدۇ». [ئىمام مۇسلىم سەھىھ كىتابىدا 918-ھەدىستە بايان قىلغان].
14-مېيىتنىڭ روھى قەبزى قېلىنغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يوقلاپ كىرگەندە، ئۇ كىشىنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق قالغان ئىكەن، كۆزىنى يۇمدۇرۇپ: «روھ قەبزى قىلىنغاندا كۆز ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ» دېگەندە، ئائىلىدىكىلەر بىئارام بولۇپ كەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۆزۇڭلار ئۈچۈن پەقەت ياخشى دۇئا-تېلەكتە بولۇڭلار، ھەقىقەتەن پەرىشتىلەر سىلەرنىڭ قىلغان تېلەكلىرىڭلارغا ئامىن دەيدۇ» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2732-ھەدىس].
15-كېسەل يوقلىغاندا، كېسەلنىڭ يېنىدا قىلىنغان دۇئا: ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېسەلنىڭ يېنىدا بولساڭلار ياخشى سۆزنى دەڭلار، ھەقىقەتەن پەرىشتىلەر سىلەرنىڭ قىلغان سۆزلىرىڭلارغا ئامىن دەيدۇ».
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلدى، مەن: ئەبۇ سەلەمە ۋاپات بولدى دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «ئى ئاللاھ! مېنى ۋە ئەبۇ سەلەمىنى مەغپىرەت قىلسىلا، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ياخشى ئىز باسارنى قىلىپ نەرسىلە دىگىن» دېدى، مەن ئۇ سۆزنى دېدىم، ئاللاھ تائالا ماڭا ئەبۇ سەلەمىدىن ياخشى بولغان بىر كىشىنى ئىز باسار قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 919-ھەدىس].
16-زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ بەد دۇئاسىدىن ھەزەر قىلغىن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا پەردە-توساق بولمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 469-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 19-ھەدىس].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى گەرچە ئۇ كىشى پاسىق-پاجىر بولسىمۇ ئىجابەت قىلىنغۇچىدۇر، ئۇنىڭ پاسىقلىقى ئۆزىگە بولىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 3382-نومۇرلۇق ھەدىس].
17-ئاتىنىڭ بالىسىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى، روزىدارنىڭ روزا تۇتقان كۈنىدە قىلغان دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ سەپەر جەريانىدا قىلغان دۇئاسى: بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك ھالەتتە قىلىنغان دۇئا رەت قىلىنمايدۇ: ئاتىنىڭ بالىسىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى، روزىدارنىڭ روزا تۇتقان كۈنىدە قىلغان دۇئاسى ۋە مۇساپىرنىڭ سەپەر جەريانىدا قىلغان دۇئاسى». [بەيھەقى رىۋايىتى 2032-ھەدىس. بۇ ھەدىس: "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 1797- نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلىنغان].
18-ئاتىنىڭ بالىسىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى: بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنغۇچىدۇر: زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ سەپەر جەريانىدا قىلغان دۇئاسى ۋە ئاتىنىڭ بالىسىغا قىلغان بەددۇئاسى». [تىرمىزى رىۋايىتى 1905-ھەدىس. "سەھىھ ئەدابۇل مۇپرەد" ناملىق ئەسەر 372- ھەدىسكە قارالسۇن].
19-سالىھ پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەققىدە قىلغان دۇئاسى. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئەمىلىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۈزىلىدۇ: مەنپەئەتى داۋاملىشىپ تۇرىدىغان سەدىقە، باشقىلارغا مەنپەئەتى يېتىپ تۇرىدىغان ئىلىم ۋە سالىھ پەرزەنتىنىڭ قىلغان دۇئاسى». [مۇسلىم رىۋايىتى 1631-ھەدىس].
20-پېشىندىن ئىلگىرى كۈن ئېگىلگەندىن كېيىن قىلىنغان دۇئا: بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى سائىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈن ئېگىلگەندىن كېيىن تۆت رەكەت ناماز ئوقۇپ بولۇپ مۇنداق دەيتتى: «بۇ ئاسماننىڭ ئېشىكلىرى ئېچىلىدىغان ۋاقىتتۇر، مەن ياخشى ئەمەللىرىمنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئاسمانغا ئۆرلىشىنى ياخشى كۆرىمەن». [تىرمىزى رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ، "تەخرىجىل مۇشكات" 1-توم 337-بەتكە قارالسۇن].
21-كېچىدە ئويغانغان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا: بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كېچىدە ئويغىنىپ: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، پۈتۈن مۇلكىيەت-پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، ئاللاھ ھەممىدىن پاكتۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن كاتتىدۇر، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە يۆتكۈلۈش پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دەپ ئاندىن: ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلسىلا دېسە ياكى دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىنىدۇ، ئەگەر تاھارەت ئىلىپ ناماز ئوقۇسا نامىزى قوبۇل قىلىنىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى1154-ھەدىس].
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.