چارشەنبە 11 مۇھەررەم 1446 - 17 ئىيۇل 2024
Uygur

مىراس ئىلمى توغرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر ۋە ئومۇمى قائىدىلەر

سۇئال

مىراس ھۆكۈملىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىقى قايسىلار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     مىراس ئىلمى بولسا شەرىئەت ئىلىملىرىنىڭ ئەڭ كاتتا ۋە شەرەپلىكىدۇر. ئاللاھ تائالا سۈرە نىسادا ئۈچ ئايەتتە مىراس ھۆكۈملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بايان قىلىپ بەردى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بۇ ھۆكۈملەرنى تەپسىلى شەرھىلىدى.

   ساھابىلارمۇ بۇ ئىلىمنى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، ئۇلاردىن  كېيىن تابىئىنلار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئالىملارنىڭ ھەممىسى مىراس ئىلمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، ھەتتا بۇ ئىلىم توغرىسىدا نۇرغۇن كىتابلار يېزىلدى.

    تۆۋەندە مىراس ئىلمى توغرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر ۋە ئومۇمى قائىدىلەرنى بايان قىلىمىز:

   -مىراسنىڭ ئاساسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: مىراس ئالغۇچى، مىراس قالدۇرغۇچى( ۋاپات بولغان كىشى)، ۋارىسلارنىڭ ھەققى(مىراس قالدۇرۇلغان مال)دىن ئىبارەت.

   -مىراسنىڭ شەرتى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

   بىرىنچى: مىراس قالدۇرغۇچى ۋاپات بولغاندا مىراس ئالغۇچىنىڭ ھايات  بولىشى ياكى تۆرەلمىگە ئوخشاش ھاياتلىققا قېتىلىدىغانلاردىن بولىشى كېرەك. تۆرەلمىنىڭ مىراسقا ھەقلىق بولىشى ئىككى شەرت بىلەن بولىدۇ: بىرى مىراس قالدۇرغۇچى ۋاپات بولغاندا تۆرەلمە گەرچە ئىسپىرما بولسىمۇ بالىياتقۇدا بولىشى كېرەك. يەنە بىرى: تۇغۇلغاندا ھەقىقى ھاياتلىق بىلەن دۇنياغا كېلىشى كېرەك.

    مىراسنىڭ شەرتلىرىدىن ئىككىنچى شەرت: مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ھەقىقى ۋاپات بولىشى، ياكى ئۇزۇن مۇددەت يوقاپ كەتكەن كىشىگە ئوخشاش ھۆكۈمدە ۋاپات بولغانلارغا قېتىلغان كىشىدۇر.

    ئۈچىنچى شەرت: مىراس ئىلمىنىڭ تەقەززاسىنى بىلىش، ئۇنىڭدىن بولغان مەقسەتنى بىلىش، مىراسنىڭ سەۋەبىنى بىلىش، مىراس ئالغۇچىنىڭ تەرىپى ۋە دەرىجىسىنى بىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

    مىراس ئىلىشنىڭ سەۋەبى ئۈچ تۈرلۈكتۇر: نىكاھ (نىكاھتىن بولغان مەقسەت، توغرا بولغان نىكاھ ئەقدىسىدۇر، بۇنىڭدا بىر ئورۇندا بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ)، ئىگىدارچىلىق (قۇلنى ئازات قىلىش)، نەسەپ بىلەن (ئۇ بولسىمۇ يېقىنلىقتۇر) بولىدۇ.

   مىراس ئىلىشىنى چەكلەيدىغان ئامىل ئۈچتۈر: قۇللۇق (قۇل ھېچ نەرسىنى مىراس ئالمايدۇ)، قاتىل (قاتىل ئۆلتۈرگەن كىشىدىن مىراس ئالالمايدۇ)، دىنىنىڭ ئوخشاشماسلىقى( كاپىر مۇسۇلماندىن  ۋە مۇسۇلمان كاپىردىن مىراس ئالالمايدۇ).

    ئەرلەردىن مىراس ئالىدىغانلار ئون بەش بولۇپ ئۇلار: ئوغۇل، ئوغۇلنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىلىرى، ئاتا، ئانىسى تەرەپتىن بولغان چوڭ دادا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئاتىلىرى، بىر تۇغقان قېرىنداش، ئاتا بىر قېرىنداش، ئانا بىر قېرىنداش، بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭ ئوغلى، ئاتا بىر قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىلىرى، بىر تۇغقان تاغىسى، ئاتا بىر تاغىسى، بىر تۇغقان تاغىسىنىڭ ئوغلى، ئاتا بىر تاغىسىنىڭ ئوغلى، ئەر ۋە ئازات قىلغۇچى قاتارلىقلار.

    ئاياللاردىن مىراس ئالىدىغانلار ئون تۈرلۈك بولۇپ ئۇلار: قىز، ئوغۇلنىڭ قىزى ۋە نەۋرىلىرى، ئانا، ئانا تەرەپتىن بولغان چوڭ ئانا، ئاتا تەرەپتىن بولغان چوڭ ئانا، بىر تۇغقان ھەمشىرىسى، ئاتا بىر ھەمشىرىسى، ئانا بىر ھەمشىرىسى، ئايال ۋە ئازات قىلغۇچى ئايال خوجايىن قاتارلىقلاردۇر.

    مىراس ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: پەرز ۋە يېقىنلىق سەۋەبىدىن ئالىدىغان مىراس، پەرز دېگەن: ھەر بىر ۋارىسنىڭ شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ھەققى ئومۇمى مىراسنىڭ يېرىمى، تۆتتىن بىرى، ئۈچتىن بىرى، ئالتىدىن بىرى قاتارلىقلار.

    يېقىنلىق سەۋەبىدىن ئالىدىغان مىراس: ۋارىسلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن ھەقلىرىنى ئىلىپ بولغاندىن كېيىن قالغانلىرىنى ئالىدۇ.

ئاللاھنىڭ كىتابىدا بېكىتىلگەن پەرز ئالتە تۈرلۈكدۇر: يېرىم، تۆتتىن بىر، سەككىزدىن بىر، ئۈچتىن ئىككى، ئۈچتىن بىر ۋە ئالتىدىن بىر قاتارلىقلار.

    ئالدى بىلەن قۇرئاندا بېكىتىلگەن پەرىزنى ئالىدىغانلار ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئېشىپ قالسا، ئۇنى يېقىن تۇغقانلىرى ئالىدۇ، ئېشىپ قالمىسا ئۇلارنىڭ ھەققى چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەن: «پەرزلەرنى ئۆز ئەھلىگە بېرىڭلار، ئۇلاردىن بىر نەرسە ئېشىپ قالسا ئۇنى ئەڭ يېقىن ئەر تۇغقىنىغا بېرىڭلار». [بۇخارى رىۋايىتى 6732-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1615-ھەدىس].

   مىراس ھۆكۈملىرىنىڭ تەپسىلاتى، ھەر بىر ۋارىسنىڭ ھالىتى، ھەر ھالەتتە ئۇلارنىڭ مىراس ئېلىشىنىڭ شەرتى قاتارلىقلار، تەپسىلى بايان قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇنىڭغا قىسقىچە جاۋاپ كۇپايە قىلمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا يېزىلغان كىتابلارنىڭ ئاسانلىرى: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ: " پەۋائىد جەلىيە پى مەباھىسىل پەرزىيە ناملىق ئەسىرى"، شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ: "تەسھىلىل پەرائىز" ناملىق ئەسىرى، شەيخ سالىھ پەۋزاننىڭ "تەھقىقاتىل مەرزىيە پى مەباھىسىل پەرزىيە" ناملىق ئەسىرى قاتارلىقلار.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى