شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ساغلام ئەقىل قۇرئاننىڭ ۋە سەھىھ ھەدىسنىڭ قارىشىغا زىت بولمايدۇ

225512

تارقاتقان ۋاقىت : 31-03-2015

كۆرگۈچىلەر : 3213

سۇئال

ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھنىڭ: "ساغلام ئەقىلگە زىت بولغان ھەدىسنى كۆرسەڭ ئۇنى توقۇلما  دەپ بىلگىن" دېگەن سۆزى بويىچە، نۇرغۇن ھەدىسلەر ساغلام ئەقىلگە زىت كېلىدۇ. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىننى بوينىدىن تۇتىۋالغانلىقى، تۆگىنىڭ جىندىن يارىتىلغانلىقى، دەرەخنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكى قاتارلىق ھەدىسلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ توغرىسىدا سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ساغلام ئەقىل ۋە پىترەتكە (يەنى ئىنسان تەبىئىتىگە) مۇۋاپىق كېلىدۇ. ساغلام ئەقىلنىڭ قۇرئان-ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارشى كېلىشى مۇمكىن بولمايدۇ، بەزى ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن خەۋەرنى ئاجىز ئەقلىمىز بىلەن چۈشىنەلمەيمىز، ئەقىل ئۇ خەۋەرلەرنى دەرھال قوبۇل قىلالمايدۇ ياكى رەت قىلالمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ھەق بولۇپ، ئۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىنى تەستىقلايدۇ، كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. كىشىلەر سەھىھ ھەدىسلەرگە ساغلام ئەقىل، توغرا مەقسەت بىلەن قارايدىغان بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ ھېچقاچان ساغلام ئەقىلگە، توغرا مەقسەتكە، ئىنسانىي تەبىئەتكە زىت كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن يۇقىرىقى ئىشلارغا زىت كىلىدىغان ھەدىسلەر نەقىلقىلىنمىغان. ئەمما زىتلىق بار دەپ گۇمان قىلغۇچىلار، ھەدىسلەردىن سەھىھ بولمىغان توقۇلما ھەدىسلەرنى راست دەپ ئىشەنگۈچىلەر ياكى ھەدىسىنى ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە چۈشەنگۈچىلەر، ئەقلى يەتمىگەن، بىلمىگەن نەرسىنى ئەقىلگە زىت دەپ داۋا قىلغۇچىلار ياكى ئوچۇق بايان قىلىنغان نەرسىلەرنى يېپىق چۈشىنىۋالغانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ چۈشەنچىسى سەھىھ مەزمۇنغا زىت كېلىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ساغلام ئەقىلگە زىتتۇر ياكى ئوچۇق بايانلارغا زىت بولىدۇ. بەزى ھەدىسلەرنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلىنغان دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ توقۇلمىدىن ئىبارەتتۇر ياكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىر نەرسىنى ئىپادىلەيدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەسەۋۋۇر قىلغان نەرسىنى ئىپادىلىمەيدۇ". [ئەررىسالەتۇل ئەرشىيە 35-بەت].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ساغلام ئەقىلگە زىت بولغان نەرسە باتىل بولىدۇ، قۇرئان-ھەدىستە ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىرلىكىدە باتىل بولمايدۇ، لېكىن قۇرئان-ھەدىستىكى بەزى ئىبارىلەرنى بىر قىسىم كىشىلەر چۈشىنەلمەيدۇ ياكى ئۇنى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ، ھەممە بالا-مۇسىبەت شۇنىڭدىن كېلىدۇ". [پەتىۋالار توپلىمى 11-490-بەت].

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ ساغلام ئەقىل قوبۇل قىلالمايدىغان، چۈشىنىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى بايان قىلمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان خەۋەرلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچىسى: ساغلام ئەقىل ۋە توغرا تەبىئەت گۇۋاھ بولغان نەرسە.

ئىككىنچىسى: پەقەت ئەقىلگە تايىنىپلا بىلگىلى بولمايدىغان ئىشلار، يەنى غەيبى ئىشلار بولۇپ، قەبرە ھاياتى، ئاخىرەت كۈنىدىكى ئەھۋاللار، ساۋاپ-جازانىڭ تەپسىلاتى قاتارلىق ئىشلار بولۇپ بۇنى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس دېيىش ئەسلا توغرا بولمايدۇ. يۇقىرىق ئىشلارنى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىغان ھەرقانداق خەۋەر مۇنى ئىككى ئىشنىڭ بىرىدىن خالى بولالمايدۇ: ئۇلارغا يەتكەن خەۋەر يالغان-توقۇلما بولىدۇ، ياكى خەۋەر سەھىھ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەقلى ئاجىزلىق ۋە مەنىۋىيىتى بۇلغانغانلىق سەۋەبى بىلەن شەكلىنىپ توغرا چۈشىنەلمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ كىشى ئۆز ئەقلىنى ساغلام دەپ گۇمان قىلىدۇ." ["ئەررۇھ" 62-بەت. يەنە "ساۋائىقۇل مۇرسەلە" ناملىق ئەسەر 3-ئەسەر829-830-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

ھاپىز ئەبى پەرەج ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى: "بۇ سۆزنى ئېيتقۇچى نېمە دېگەن ياخشى ئېيتقان: ئەگەر بىرەر ھەدىس ساغلام ئەقىلگە قارشى كەلسە ياكى ئومۇمى ھۆكۈمگە زىت بولسا ياكى ئەسلى قائىدىنى بۇزسا، بىلىڭلاركى، بۇ ھەدىس توقۇلمىدۇر." [تەدرىب ئەرراۋىي 1-توم327-بەت].

ماۋزۇ-توقۇلما ھەدىسنىڭ ئالامەتلىرى: ئۇ ساغلام ئەقىلگە ياكى توغرا ھۆكۈمگە ياكى ئەمەل قىلىشى بىرلىككە كەلگەن ئومۇمى قائىدىگە زىت بولىدۇ.

ساغلام ئەقىلگە زىت بولغان ھەدىس يەنى ئەقىل قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە بايان قىلىنىدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئاتنى ياراتتى، ئاتنى چاپتۇرۇپ ئات تەرلىگەندىن كىيىن، ئاتنىڭ تەرىدىن ئۆزىنى ياراتتى. ئىمام سۇيىتى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:" ئەقىلى-ھوشى جايىدا بولغان مۇسۇلمان ئادەم بۇنداق سۆزنى ھەدىس دەپ توقۇمايدۇ، بۇ سۆزنى مۇھەممەد ئىبنى شۇجائ دېگەن ئادەم توقۇغان بولۇپ، ئۇ دىندىن تىيىپ كەتكەن ئادەم ئىدى." [تەدرىب ئەرراۋىي 1-توم 328-بەت].

بەزى سەھىھ ھەدىسلەر كېلىدۇ، ئەمما ئەقىل ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزاتلىرى ۋە قىيامەت توغرىسىدىكى غەيبى خەۋەرلەرگە ئوخشاش بولۇپ، بۇنداق خەۋەرلەر "ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمايدىغان خەۋەر دېيىلمەيدۇ بەلكى ئەقىل ھەيران قالىدىغان خەۋەر دىيىلىدۇ" يەنى ئۇ ھەدىس ئەقىلگە زىت بولمايدۇ بەلكى ئەقىل ئۇ ھەدىسنى چۈشىنىشتىن ئاجىز كېلىپ، ھەيرانلىقتا قالىدۇ. مۆمىن كىشى بۇ ھەدىسلەرنى چىن قەلبىدىن قوبۇل قىلىدۇ، بويسۇنىدۇ، ئەقىلنىڭ ئاجىزلىقى بىلەن تۇرۇقلۇق ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما جاھىل، ئىنكار قىلغۇچى كىشى بۇ ھەدىسنى قوبۇل قىلمايدۇ، رەت قىلىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلارنى دەرەخنى چاقىرىشقا بۇيرۇغانلىقى، دەرەخنىڭ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ بوي سۇنغانلىقى ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جىننى تۇتۇپ گېلىنى بوققانلىقى ھەتتا بارماقلىرى ئارىسىدا جىننىڭ شالىنىڭ سوغۇقلۇقنى سەزگەنلىكى قاتارلىقلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك مۆجىزاتلىرىدىن بولۇپ، توغرا خەۋەر بىلەن بايان قىلىنغاندا ئۇنىڭ ئىشىنىش زۆرۈر بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۆمىننىڭ ئىمانى، كاپىرنىڭ كۇپۇرلىقى زىيادە بولىدۇ. ئەقىل بۇنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشتىن ئاجىز كەلسىمۇ ئۇنى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس ياكى بۇ باتىل دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، شۇنداقلا بۇ توغرىدا ئېنىق خەۋەر بولمىسا بۇنى ئىسپاتلاپ ياكى رەت قىلىپ ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ.

ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: قوي قوتىنىدا ناماز ئوقۇڭلار، تۆگە قوتىنىدا ناماز ئوقۇماڭلار، چۈنكى تۆگە شەيتاندىن يارىتىلغان دېگەن ھەدىسىنى بولسا ئىبنى ماجە769-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئىبنى ماجىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن. مەشھۇر قاراشلاردا بۇنىڭدىكى مەقسەت؛ تۆگە ئەسلىدە شەيتاندىن يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ گۆشىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش بىلەن ئۈركۈگەك شەيتانى قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ، ئىستىمال قىلغۇچى ئىستىمال قىلىنغان نەرسىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ھەقىقەتتە تۆگە ئۈركۈش ۋە ئازار يەتكۈزۈشتە جىنغا ئوخشاش يارىتىلغان بولغاچقا، تۆگە گۆشى يىگەنلىكتىن تەرەت ئىلىشقا بۇيرۇلغان، تۆگە قوتىنىدا ناماز ئوقۇشتىن چەكلىگەن. [شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 20-توم 523 -بەتكە قارالسۇن. ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىن 1-توم 380-بەت. 

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى