مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
سىزنىڭ قۇرئانغا قىزىقىشىڭىزنى كۆرسىتىدىغان بۇ سۇئالىڭىزغا تەشەككۈر . بۇ يەردە سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بەرگەنلىكىمىزگە خۇشالمىز .
قۇرئاندا بىرقىسىم ئالىملار ئون بۇيرۇق ئايەتلىرى دەپ ئاتايدىغان مەلۇم ئايەتلەر بار ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تەرەپتىن ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئون مۇھىم بۇيرۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ ئايەتلەر قۇرئاندا ئىككى ئابزاستا تېپىلىدۇ .
بىرىنچىسى ، چاھارپايلار(ئەنئام) سۈرىسىدە ، ئۇنىڭدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ :
« ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ (ﺋﺎﯕﻼﯕﻼﺭ)، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ: ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺑﺎﻻﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﯞﻩ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ (ﻧﺎﻫﻪﻕ) ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﻫﻪﻗﻠﯩﻖ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (151). ﻳﯧﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ (ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ) ﭼﯧﻐﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ، (ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ) ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ، ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (152). ﺑﯘﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﯘﻣﺪﯗﺭ، ﺷﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﯖﻼﺭ، ﻧﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﯕﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ، (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ) ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ » [ چاھارپايلار : 151-153 ]
ئىككىنچىسى بولسا كېچىلىك سەپەر(ئىسرا)سۈرىسىدە بولۇپ ، بۇ يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان ئابزاسنىڭ شەرھىسى دەپ قارىلىدۇ . ئاللاھ دەيدۇ :
« ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﻳﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﻫﻮﻱ ﺩﯦﻤﯩﮕﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﺎﻻﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻧﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ)، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯛﺷﻜﻪﻟﯩﻤﯩﮕﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﯜﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ (23). ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ ﯞﻩ: ﺋﻰ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ! ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻤﺪﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﺩﯦﮕﯩﻦ (24). ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭ ﺩﯨﻠﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﺧﺸﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (25). ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻐﺎ، ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﮕﻪ، ﺋﯩﺒﻦ - ﺳﻪﺑﯩﻠﮕﻪ (ﺧﻪﻳﺮﻯ - ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﺘﯩﻦ) ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ، (ﭘﯘﻝ - ﻣﯧﻠﯩﯖﻨﻰ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ) ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ (26). ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻐﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯘﻓﺮﺍﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ (27). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﺪﯨﻦ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺧﻪﻳﺮﻯ - ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ)، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ (28). ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺑﻮﻳﻨﯘﯕﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﯟﺍﻟﻤﯩﻐﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ) ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﭙﻤﯘ ﺋﻪﺗﻤﯩﮕﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ)، (ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﭘﯘﻟﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﭗ) ﻣﺎﻻﻣﻪﺗﻜﻪ، ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪﻥ (29). ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﯨﺰﻗﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﯨﺰﻗﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ (ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ، ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ) ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (30). ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ* . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﺰﻗﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﻫﺘﯘﺭ (31). ﺯﯨﻨﺎﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﯕﻼﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻗﻪﺑﯩﻬ ﺋﯩﺸﺘﯘﺭ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﺪﯗﺭ (32). ﻧﺎﻫﻪﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ (ﻧﺎﻫﻪﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ) ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﻧﺎﻫﻪﻕ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، (ﻗﺎﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻳﺎ ﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻳﺎ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ) ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ (ﻗﺎﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﯨﻴﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻳﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﺶ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ)، (ﻧﺎﻫﻪﻕ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ) ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭﺩﯗﺭ (33). ﻳﯧﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ (ﻳﯧﺘﯩﻤﮕﻪ) ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، (ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ) ﺋﻪﻫﺪﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ - ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ) ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺳﻮﺋﺎﻝ - ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺴﯩﻠﻪﺭ (34). ﺳﯩﻠﻪﺭ (ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ) ﺋﯚﻟﭽﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯚﻟﭽﻪﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ (ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ) ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺪﯗﺭ (35). ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﮕﻪ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ، ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻡ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ ﺩﯦﻤﻪ)، (ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ) ﻗﯘﻻﻕ، ﻛﯚﺯ، ﺩﯨﻞ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ) ﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻝ - ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ (36). ﺳﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﺍﻧﻪ ﻳﯜﺭﻣﯩﮕﯩﻦ، (ﻫﺎﻛﺎﯞﯗﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺸﯩﯟﯦﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ، (ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﮔﯩﺪﻩﻳﮕﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯕﻠﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ (37). ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ (ﺋﯩﺶ) ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻬ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﻳﺎﻣﺎﻧﺪﯗﺭ (38). ﺑﯘﻻﺭ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﯞﻩﻫﻴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺑﯘﺩﯨﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﺎﻻﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ) ﻗﻮﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺴﻪﻥ . » [ كېچىلىك سەپەر : 23-39 ]
بەلكىم ، سىز بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق بۇرۇنقىغا قارىغاندا قۇرئان ھەققىدە تېخىمۇ ياخشى ئىددىيەدە بولۇشىڭىز ، ھەمدە بۇ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشنىڭ باشلىنىشى ، سىزنىڭ ئىسلامغا قاراپ يول ئىلىشىڭىزنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن . ئاللاھ سىزنى ھەمىشە يىتەكلىسۇن ۋە ياردەم قىلسۇن .
ئامانلىق توغرا يولغا ئەگەشكۈچىلەرگە بولسۇن .
پېشىۋا مۇھەممەت سالىھ مۇنەججىد