پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

ھەيىزدار ئايال ئاي تۇتۇلۇش نامىزى ئوقۇغاندا قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

 مەن ئايلىق ئادەت كۆرۈپ قالغاندا ئاي تۇتۇلۇش نامىزى ئوقۇلۇپ قالسا قانداق قىلىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا   خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: كۈن تۇتۇلغاندا ياكى ئاي تۇتۇلغاندا قىلىدىغان ئىش، مۇسۇلمان ناماز، دۇئا، زىكىر، ئىستىغپار، سادىقە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىشلار بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئەبى مەسئۇدىل ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇياش بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىككى ئالامەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىنى قورقۇتىدۇ، بۇ ئىككىسى ئىنسانلاردىن بىرەر كىشىنىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن تۇتۇلمايدۇ. ئەگەر سىلە بۇنىڭدىن بىرەر ئىشنى كۆرسەڭلار، بۇ سىلەردىن ئېچىلغانغا قەدەر ناماز ئوقۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار». [بۇخارى رىۋايىتى1041-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى911-ھەدىس].

    ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: كۇن تۇتۇلغان ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ بىئارام بولۇپ، قىيامەت بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ، مەسچىتكە كېلىپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان بىر ھالەتتە قىيامنى، رۇكىنى ۋە سەجدىنى ئۇزۇن قىلىپ  ناماز ئوقۇپ  مۇنداق دېگەن: «بۇ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ئەۋىتىدىغان ئايەتلىرىدىن بىر ئالامەت بولۇپ، بىر كىشىنىڭ ۋاپات بولىشى ياكى دۇنياغا كېلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى قورقۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن بىرەر ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھنى ياد قىلىش، ئاللاھقا دۇئا قىلىش ۋە ئىستىغپار ئېيتىشقا ئالدىراڭلار». [بۇخارى رىۋايىتى 1059-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2156-ھەدىس].

   ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاللاھنى ياد قىلىش، ئاللاھقا دۇئا قىلىش ۋە ئىستىغپار ئېيتىشقا ئالدىراڭلار» دېگەن سۆزى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ئاي تۇتۇلغاندا زىكىر ئېيتىشنىڭ بابىدا كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاي ۋە كۈن تۇتۇلغاندا ناماز ئادا قىلىشقا بۇيرىغاندەك، دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىشقا بۇيرىغان، بۇ ئاي ۋە كۇن تۇتۇلغاندا ئايرىم ناماز ئادا قىلىش توغرىسىدا ئېنىق دەلىل كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ئۇلاردىن ناماز، دۇئا ۋە ئىستىغپار قاتارلىق ياخشى ئەمەل بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش مەقسەت قىلىنىدۇ". ["سەھىھ بۇخارى شەرھىسى" 3-توم 32-بەت].

    كەلگەن دەلىللەر ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە ئايالمۇ ئەر كىشىگە ئوخشاشتۇر، ئەركىشىنىڭ ھەققىدە يولغا قويۇلغان ناماز، دۇئا، سەدىقە ۋە ئىستىغپار قاتارلىق ياخشى ئەمەل ئايالنىڭ ھەققىدىمۇ يولغا قويۇلغاندۇر.

    ئەگەر ئايال كىشى شەرئى تەرەپتىن ناماز ئوقۇيالمايدىغان ھالەتتە بولسا، دۇئا، سەدىقە، زىكىر، ئىستىغپار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 26753 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى