جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن گۆش بەرگەندە قانچىلىق مىقداردا بېرىش توغرىسىدا

سۇئال

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين ناملىق ئەسەر 3-توم 12-بەتتە: پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن گۆش بەرسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكى ئاشلىقلاردىن بولماستىن بەلكى سۈت، گۆش ۋە بېلىق قاتارلىق نەرسىلەردىن بولسا، ئۇلار پىتىر سەدىقىسىنى ئۆزلىرى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان نەرسىدىن بېرىدۇ دېگەن. مېنىڭ سورىماقچى بولغۇنۇم: پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن گۆش بەرمەكچى بولسا، گۆشتىنمۇ ئىككى يىرىم كىلو ئەتراپىدا بېرەمدۇ ياكى ئۈچ كىلوغا توغۇرلاپ گۈرۈچنىڭ قىممىتىدە ھېسابلاپ نەخ پۇل بەرسە، ئۇ پۇلغا گۆش سېتىۋالسا، توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: بىز يۇقىرىدا 99327 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا، ئۆز يۇرتىدا گۆشنى ئاساسلىق يىمەكلىك ئورنىدا ئىستىمال قىلىدىغان بولسا پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن گۆش بەرسە دۇرۇس بولىدۇ، دېدۇق.

ئىككىنچى: پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارىنى ئۈچ كىلو ئەتراپىدا (بىر سائ) بەلگىلىگەنلىك توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشى پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن گۆش ياكى باشقا يېمەكلىكتىن بېرىشنى تاللىغان ۋاقىتتا، كىلولاپ بېرىدىغان نەرسىلەردىن بولسا، زاكاتنىڭ مىقدارىنى كىلو بويىچە بېرىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: گۆشتىن بېرىلىدىغان(بىر سائ) مىقدارنى بەلگىلەش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى كىلو مىقدارى بويىچە بېكىتىش كېرەك. ["ئەرشەرھىل مۇمتىئ 6-توم 182-بەت].

ئىسلام ئالىملىرى پىتىر سەدىقىسىگە گۆش بەرگەندە بۇنىڭدىن بېرىلىدىغان مىقدارنى بېكىتىپ تېكىست بايان قىلدى. مالىكى مەزھەپنىڭ "ھاشىيەتە ئەددۇسۇقى"ناملىق ئەسىرى 5-توم 36-بېتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: گۆش ۋە سۈتكە ئوخشاش نەرسىلەردىن ئىككى يىرىم كىلو ئەتراپىدا پىتىر سەدىقىسى بېرىدۇ." [ئىسلام تەتقىقات ژۇرنىلى 39- ۋە 59- سانىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

يۇقىرىدىكى قاراشلارغا ئاساسەن پىتىر سەدىقىسى گۆشتىن 2176 گىرام ئەتراپىدا بېرىلىدۇ.

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئۆز دەۋرىدىكى ئۆلچەم بىرلىكىنى ھازىرقى كىلو-گىراملار بىلەن بېكىتىش ئوخشاش بولمىسىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت، چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۆلچىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن ئوخشاش بولمايدىغان ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشى پىتىر سەدىقىسى بەرگەندە ئېھتىيات سەۋەبلىك كۆپرەك بېرىش ئەۋزەلدۇر.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىسپاتلىنىشچە (بىر سائ) 5.2 رەتل ئىراقىيغا باراۋەر بولۇپ، بىر رەتىل 408 گىرام بولۇپ، پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى 2176 گىرام قىلىپ بېكىتىلدى. ئالىملار ئىسىدە تۇتۇش ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئۆلچەم بىرلىكىنى كىلو-گىرام بىلەن بېكىتكەن.

بىر قىسىم ئالىملار ئىمام ئەھمەدتىن رىۋايەت قىلغان ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: بىر (سائ) نى ئۆلچىگەندە، 5.2 رەتىل بۇغدايغا باراۋەر كېلىدۇ.

يەنە مۇنداق دەيدۇ: پۇرچاق ۋە باشقا دانلارنى ئۆلچىسەك تەخمىنەن 5.3 رەتلغا باراۋەر كېلىدۇ.

بۇغداي ۋە پۇرچاقتىن ئىبارەت بولغان ئېغىر دانلىقلاردىن بىر سا نەرسە 5.3 رەتىلغا باراۋەر كىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا تۈردىكى دانلار يەڭگىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن 5.3 رەتىل بەرسە ئۇ بىر (سائ) دىن كۆپرەك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەزنى ئېغىر دانىلاردىن بەرگەندە، ئېھتىيات تۈپەيلى تولۇق بىر (سائ) غا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆپرەك بېرىش كېرەك. ["ئەل مۇغنىي"4-توم 287-بەت].

ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى