سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەنپەئەتلىنىدىغان ئىلىم قايسى؟

سۇئال

    مەنپەئەتلىك ئىلىم قايسى؟ ھەدىستە:«ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ پەقەت ئۈچ تۈرلۈك ئەمەللىرى داۋاملىشىدۇ» دېگەن، ھەدىستە مەقسەت قىلىنغان مەنپەئەتلىك ئىلىمدىن پەقەت شەرئى ئىلىملار مەقسەت قىلىنامدۇ ياكى مەنپەئەتلىك دۇنيا ئىلىملىرىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ؟، مەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ماڭا پىزىكا، ئاستىرنومىيە، ماتىماتىكا ۋە باشقا تۈرلۈك ئىلىملەردىن ئاتا قىلدى، مەن مۇشۇ ئۈگەنگەن بىلىملىرىمنى جانلىق سۆزلەپ تارقىتىش ئۈچۈن تور بەت ئېچىشنى، بۇ ئارقىلىق ئادەتتىكى مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ھەقسىز پايدىلىنىشى، ئۇلارنىڭ بىر تەرەپتىن مەكتەپ دەرىسلىكلىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاستۇرنومىيە ئىلمى ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتا پەيدا قىلغان ئاجايىپ نەرسىلىرىنى تونۇشىنى مەقسەت قىلىمەن، مەن بۇنىڭ بىلەن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلىمەن، مېنىڭ بۇ ئىشىم، ۋاپات بولغاندىن كېيىن پايدىسى بولىدىغان مەنپەئەتلىك ئىلىمنىڭ قاتارىغا كىرەرمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ پەقەت ئۈچ تۈرلۈك ئەمەللىرى داۋاملىشىدۇ: مەنپەئەتى داۋاملىشىۋاتقان سەدىقە، سالىھ ئەۋلادنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قىلغان دۇئاسى ۋە مەنپەئەتلىك ئىلىم». دېگەن بۇ ھەدىستىكى مەنپەئەتلىك ئىلىمدىن شەرئى ئىلىملەر مەقسەت قىلىنامدۇ ياكى دۇنيا ئىلىملىرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ھەر قانداق ئىلىم مەنپەئەتلىك بولىدىكەن بۇنىڭ بىلەن ئەجىر-ساۋاپ ھاسىل بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئاساسى شەرئى ئىلىم بولىشى كېرەك، مەسىلەن بىر كىشى كىشىلەرگە دۇرۇس بولغان بەزى ھۈنەر-كەسىپلەرنى ئۈگۈتىپ قويغان بولسا، ئۈگەنگەن كىشىلەر بۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتلەنگەن بولسا، ئۈگەتكەن كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ ۋە ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ". "ئۇچرىشىش ئېشىكى ئوچۇق" پىراگرامىسى 16-سان 117-بەت.

    سىز مەقسەت قىلغان تور بەت ئېچىش ئىشى ئاللاھ خالىسا پايدىلىق ياخشى ئىشتۇر، شەكسىز بۇ ئىلىملەرنى ئۈگىتىش ئۇممەتكە پايدىلىقتۇر، بەلكى بۇ ئۇممەت ئېچىدە بىر كىشى ھاجەتتىن چىقسا باشقىلاردىن ئەپۇ قىلىنىدىغان پەرىز كۇپايە ئەمەللىرىدىن بىرىدۇر.

بۇنىڭدىن سىرت سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئاسانلىق يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ دەرسلىرىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت رىغبىتىڭىز بۇنىڭغا قېتىلسا، ۋە پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن چىن ئىخلاس بىلەن قىلىنسا، بۇ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا سىزگە كۆپ ئەجىر بولىدىغان ئىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ وَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.» [سۈرە زەلزەلە 7-8- ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر مۆمىننىڭ دۇنيا ئېغىرچىلىقىدىن بولغان بىر ئېغىر ئېشىغا ياردەم بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئېغىرچىلىقىدىن بىر ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرىۋېتىدۇ، بىر مۇمىننىڭ قېيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى قېيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، بىر مۇمىننىڭ ئەيىپىنى ياپسا ياكى كىيىم بېرىپ ئەۋرىتىنى ياپسا، ئاللاھ تائالا دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇ كىشىنىڭ ئەيىپىنى ياكى ئەۋرىتىنى ياپىدۇ، ئىنسان قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدە بولغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ، كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا ماڭىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ جەننەتكە ماڭىدىغان يولىنى ئاسان قىلىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2699-ھەدىس]. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى