سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

تاۋاپتىن بىر قېتىملىق ئايلىنىشنى ئۇنتۇپ قىلىپ، سەئىي قىلغانلىق توغرىسىدا

سۇئال

   ئۆمرە قىلغان ۋاقتىمدا كەبىنى ئالتە قېتىم ئايلىنىپ تاۋاپ قىلىپ بولۇپ يەتتىنچى قېتىملىق ئايلىنىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، سەئيى قىلىش جەريانىدا بۇنى ئېسىمگە ئالدىم، سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىملىق ئايلىنىشنى تامام قىلدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا كاپارەت كېلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ھەج ياكى ئۆمرىنىڭ تاۋاپى كەبىنى يەتتە ئايلىنىش بىلەن بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئاز بولۇپ قالسا، توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا تاۋاپ قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:  وَلْيَطَّوَّفُوا بِالْبَيْتِ الْعَتِيقِ ‏ تەرجىمىسى: «قەدىمىي بەيت (يەنى بەيتۇللاھنى) تاۋاپ قىلسۇن» [سۈرە ھەج 29-ئايەت]. بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئەمەلىيتى ئارقىلىق بايان قىلىپ، «ھەج پائالىيتىڭلارنى مەندىن ئۈگۈنىڭلار» دېيىش بىلەن بىرگە كەبىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ تاۋاپ قىلدى» [مۇسلىم رىۋايىتى 2286-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاۋاپنىڭ شەرتى كەبىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىشتۇر. ھەر قېتىم ھەجەر ئەسۋەدتىن باشلاپ ھەجەر ئەسۋەدكىچە بولىدۇ، ئەگەر يەتتە ئايلىنىشتىن بىرى كەم قالسا، ئۇنىڭ قىلغان تاۋاپى تولۇق تاۋاپ ھېسابلانمايدۇ، ئۇ كىشى مەككىدە قالسۇن ياكى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتسۇن كەم قالغان تاۋاپ قان قىلىش بىلەن ياكى باشقا كاپارەتلەر بىلەن تولۇقلانمايدۇ". ["ئەلمەجمۇئ" 8-توم 21-بەت].

   ئىككىنچى: مالىكى ۋە ھەنبەلى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا تاۋاپنىڭ يەتتە ئايلىنىشىنى ئارقىمۇ-ئارقا قىلىش شەرتتۇر، ئەگەر  تاۋاپنىڭ ئىككى ئايلىنىشىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە تاۋاپنى قايتىدىن قىلىش كېرەك بولىدۇ.

   "كەشاپۇل قىنا" 2-توم 483-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر تاۋاپنىڭ ئارىسىنى ئۆرپى-ئادەت بويۇنچە ئۈزۈن ۋاقىت ئۈزۈپ قويسا گەرچە سەھۋەن بولسۇن ياكى ئۈزۈر بىلەن بولسۇن توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاۋاپنى ئۇلاپ قىلىپ «ھەج پائالىيتىڭلارنى مەندىن ئۈگىنىڭلار» دېگەن. "مەۋاھىبۇل جەلىيل" 3-توم 75-بەت. "پىقھى توپلاملىرى" 29-توم 132-بەتكە قارالسۇن.

    "دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى" 11-توم 253-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ھەج قىلغۇچى پەرىز تاۋاپنى قىلغاندا بىر قېتىملىق ئايلىنىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسا، ئۇ كىشى تاۋاپنى قايتىدىن قىلىدۇ، ئەمما ئۇنتۇپ قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئېسىگە كەلگەن بولسا ئۇنتۇپ قالغان بىر قېتىملىق ئايلىنىشنى ئادا قىلسا بولىدۇ"،

   ئۈچىنچى: كۆپچىلىك ئالىملار-تۆت مەزھەپ ئىماملىرى- تاۋاپ قىلىشتىن ئىلگىرى سەئيى قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئۇنداق قىلغان كىشى سەئيىنى قايتىدىن قىلىش كېرەك دەيدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 3-توم 194-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: سەئيى قىلىش دېگەن تاۋاپقا ئەگىشىدۇ يەنى تاۋاپتىن كېيىن بولىدۇ، تاۋاپتىن ئىلگىرى قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئىمام مالىك، ئىمام شاپىئىي ۋە ھەنەپى مەزھەب ئالىملىرى شۇنداق دېگەن".

   بۇنىڭغا ئاساسەن، سىزنىڭ سەئيى قىلىپ بولۇپ ئۇنتۇپ قالغان يەتتىنچى قېتىملىق تاۋاپنىڭ ئايلىنىشىنى قىلغانلىقىڭىز ئىلگىرىكى تاۋاپقا ھېساب بولمايدۇ، چۈنكى ئىلگىرىكى ئالتە ئايلىنىش بىلەن كېيىنكى بىر ئايلىنىشنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ قىلغان سەئىيىڭىزمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ تاۋاپنى كامىل قىلىشتىن ئىلگىرى بولغان، ھازىر سىز ئېھراملىق ھالەتتە ئىكەنسىز، ئېھراملىق ھالەتتە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن يىراق تۇرىشىڭىز كېرەك، مەككىگە قايتىپ تاۋاپ قىلىپ، سەئىي قىلىپ، چېچىڭىزنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىش ئارقىلىق ئۆمرىنىڭ ئېھرامىدىن چىقىشىڭىز لازىم.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: پەرىز تاۋاپتا ئالتە قېتىم ئايلىنىپ يەتتە ئايلاندىم دەپ ئويلاپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ، چېچىنى قىسقارتىپ بولغاندىن كېيىن قالغان بىر ئايلىنىشنى قىلغان ئايالنىڭ پەرىز تاۋاپى توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئەگەر ئۇ ئايال ئالتە قېتىم  ئايلانغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلسا، ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەتتىنچى ئايلىنىشنى قىلغان بولسا بۇنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ھازىر تاۋاپنى باشقىدىن قىلىشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما ئالتە قېتىم ئايلانغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلماي پەقەت ئالتە بولدۇمكى تاۋاپ تولۇق بولمىدى دەپ شەكلىنىپ قالغان بولسا، بۇنداق ئېنىق بولمىغان شەك ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 22-توم 293-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى