چارشەنبە 13 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 21 نويابىر 2018
Uygur

ھەقىقى ئىسلام تەربىيىسىگە يېتىشنىڭ يولى قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

قۇرئان ئۈگىتىدىغان ئۇستازلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ياد قىلغان كىشىلەر كۆپ، بەزى ئۇستاز ۋە ئوقۇتقۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن پىقھى ئۈگۈنىدىغانلارمۇ بار، لېكىن بىز ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئارىلىشىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمىز؛ ناچار تەربىيە ياكى باشقىچە ئىپادىلىگەندە، ھەممىنى ۋەيران قىلىدىغان، قورقۇنۇچلۇق تەربىيە ساۋاتسىزلىقىدىن ۋە جاھىللىقتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا تەربىيە قىلغۇچىلار نەدە؟، بۇنىڭغا يېتىشنىڭ يولى قانداق بولىدۇ؟، شەرئى تەلىم-تەربىيە پروگراممىسىغا تەربىيە ماددىسىنى كىرگۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى قانداق؟، تەربىيىسىز ئىلىمنىڭ نېمىگە پايدىسى بولىدۇ؟، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قارىشىدا تەربىيە پروگرامىسىنىڭ مەۋجۇتسىزلىقىنى قانداق چۈشىنىمىز؟، ئۇلار نېمە ئۈچۈن تەلىم -تەربىيە يولىنى تاللىدى؟، تەلىم-تەربىيەدە ئائىلىنىڭ رولى توغرىسىدا نېمە دىسەك دېگىلى بولىدۇ. تەربىيدىكى ۋەيرانچىلىقتىنمۇ چوڭ ۋەيرانچىلىق بولامدۇ؟. ھەقىقى تەربىيىچى ئوقۇتقۇچى ۋە خانىملارنى قانداق يىتىشتۈرۈمىز؟ تەربىيە ئۆز ئالدىغا بىر ئىلىممۇ ياكى ئىلىم ئېگىلىرىدىن بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان چۈشەنچىمۇ؟، ئىلگىرىكى ئۆلىمالار، پادىشاھلار ۋە ھۆكۈمرانلار، ئابرۇيلۇق كىشىلەر ۋە ئومۇمى خەلق ئەۋلادلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەرقانداق ئوي-پىكىر ئىگىسىگە، ئىلىم بىلەن ئەمەلنىڭ، ئىلىم- مەرىپەت بىلەن تەربىيىنىڭ ئارىسىغا پاسىلە چۈشكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىدا، تەربىيە مەسىلىسى نەزەرىيە تونۇش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ تۈرلۈك ئىلىم-مەرىپەت بىلەن پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلىشىگە ئالاقىدار مەسىلە دەپ قارىدى. تەربىيە ئۇلارنىڭ تەربىيە ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ۋاسىتىلاردىن، ئۇنىڭدىن باشقا تەتقىقات ماتېرىياللىرى ۋە ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش نەتىجىسىدە ھاسىل قىلغان بىلىمىگە قارىتا بولىدۇ. ھەتتا ئىش شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۇلار شەرئى دەلىللەرنىڭ ئەمەلىي تەربەۋىي تەرىپىگە ئەھمىيەت بەرمەستىن، زېھنى تەربىيە ئورنىغا قويىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىنىڭ دەلىلى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ: إِنَّمَا يَخْشَى اللَّـهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ [سۈرە پاتىر 28-ئايەت].

يۇقىرىقى ئايەتتىن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلىدىغان ھەممە ئۆلىما ۋە تەتقىقاتچى ھەممە ئالىم ئاللاھدىن قورقىدۇ دېگەن مەنا ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى ئاللاھدىن قورقىدىغان ھەممە كىشى ئالىم دېيىلىدۇ، دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. (يەنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ، توسقانلىرىدىن چەكلىنىپ، كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھى بىلەن ياشىغان كىشى، رەببىنى ماھىيەتتىن تونۇنىغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان بولىدۇ-م-).

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالار توپلىمى 7-توم 539-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ: ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ دېگەن بۇ ئايەت ئاللاھدىن قورقىدىغان كىشىنىڭ ئالىم ھېسابلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكى، ھەرقانداق ئالىم ئاللاھدىن قورقىدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ".

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالار توپلىمى 7-توم 21-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ئاللاھدىن پەقەت ئالىملار قورقىدۇ، ئاللاھ تائالا، ئاللاھدىن قورقىدىغان ھەرقانداق كىشىنى ئالىم دەپ سۈپەتلىدى. ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِقُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَإِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ تەرجىمىسى: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى ئاخىرەت ئازابىدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم ياخشىمۇ؟. ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ. [سۈرە زۇمەر 9-ئايەت].

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئىشارەت قىلغان يەنە بىر ئايەت، ئۆز ئورنىنىڭ غەيرىگە قويۇلغان ئايەت بولۇپ، گەرچە ئىلىم، مەرىپەت تەربىيە ۋە ئەمەلدىن خالى بولسىمۇ ئىلىم-مەرىپەتنى مەدھىيىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئايەتنىڭ ئەۋۋىلىنى ئەمەس بەلكى ئاخىرىنى دەلىل قىلماقچى بولغانلىقى ئېنىقتۇر. ئۇ ئايەت بولسا ئاللاھ تائالانىڭ: قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ دېگەن بۇ ئايىتى، ئايەتنىڭ باش تەرىپىدە كەلگەن: أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ تەرجىمىسى: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى ئاخىرەت ئازابىدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم ياخشىمۇ؟ دېگەن ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان بىلىدىغانلار بولسا، ئۇلار: ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە جەننىتىنى تاما قىلىپ كېچىلىرى قىيامدا تۇرىدىغان، سەجدە قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، بىلمەيدىغانلار بولسا، ئۇلار: بۇ پەزىلەتتىن غاپىل قالغۇچىلاردۇر. بۇنى ياخشى ئويلىنىش كېرەك.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "سائادەت دىيارىنىڭ ئاچقۇچى" ناملىق ئەسىرى 1-توم 89-بەتتە مۇشۇ باپتىكى ئومۇمى قائىدىنى بېكىتىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىلگىرىكى ئالىملار پىقھى دېگەن ئىسىمنى ئەمەل بىلەن بىرگە بولغان ئىلىمگە ئىشلىتەتتى".

بۇ ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدىكى ئەمەل بىلەن ئىلىم بىرگە بولغان پىقھىنىڭ ھەقىقىتىدۇر. كۆپلىگەن دەۋەتچى، تەربىيىچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زېھنىدىن بۇ ھەقىقەت يوقالغاندا، ئۇلار قەلىبنى ئىسلاھ قىلىش، نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىش، ئەخلاقىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئەخلاق يۆلۈنىشىدىن خالى بولغان ئىلىم نەزەرىۋىي تەربىيەچىلەر بارلىققا كەلدى. ئۇلار بۇنى ئارزۇ قىلىنغان ئىلىم، مەقسەت قىلىنغان پىقھى دەپ ئويلاپ قالدى، ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنداق ئەمەس.

ئەۋلادلارنى ئەخلاقى ۋە دىنى جەھەتتىن تەربىيىلەش پەقەت ئوقۇتقۇچىلار ياكى ئىسلاھاتچىلار ياكى دەۋەتچىلار ياكى ئۆلىمالاردىن ئىبارەت ھەقىقى تەربىيچىلەر بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ھەقىقى تەربىيىچى (يەنى رەببانىي ئالىم) دېگەن: ئىلىمدە، ئەمەلدە ۋە تەلىم-تەربىيىدە ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىلگەن كاتتا نىسبەتتۇر.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَـٰكِن كُونُوا رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنتُمْ تَدْرُسُونَ تەرجىمىسى: لېكىن ئۇ: كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار، ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار، دەيدۇ. [سۈرە ئال ئىمران 79-ئايەت].

ئىمام شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ "پەتھۇل قەدىر" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 407-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "(ئەررەببانى) دېگەن ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىلگەن ئاشۇرما ئىسىم بولۇپ، بۇ ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا "ئەلىپ بىلەن نۇن" زىيادە قىلىنغان، بۇ خۇددى ئەرەب تىلىدا: ساقىلى چوڭ كىشىنى"لىھيانىي"،ماڭلىيى چوڭ كىشىنى"جۇممانىي"، گەدىنى چوڭ كىشىنى" رەقەبانىي" دېگەنگە ئوخشاش. بەزىلەر: رەببانىي دېگەن: كىشىلەرنى چوڭ بولۇشتىن ئىلگىرى كىچىك ۋاقتىدا ئىلىم بىلەن تەربىيىلىگەن كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇشتا ئاللاھ تائالاغا ئەگىشىدۇ".

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: تەربىيە دېگەن ئەمەلىي ئەھۋاللاردىن خالى بولغان ئاغزاكى سۆز ئەمەس، ئىمانىي مەنالاردىن خالى بولغان نەزەرى قۇرۇلما ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىدە مۇستەھكەملىكىنى، ئىلىم بىلەن كەڭ قورساقلىقنى، ھىكمەت بىلەن چۈشەنچىنى، بىلگەن نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىشنى ۋە چۈشەنگەن نەرسىلەرنى باشقىلارغا تەلىم بېرىشنى ھاسىل قىلىدىغان تەربىينىڭ ئوربىتىسىدۇر.

ئىمام شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ دەلىل كەلتۈرگەن ئاللاھ تائالانىڭ: وَبِمَا كُنتُمْ تَدْرُسُونَ ئايىتىدىكى، دال ھەرىپىنى تاشتىتلىق ئوقۇغاندا، رەببانىي دېگەن سۆز ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۈگۈتۈشتىن زىيادە بولغان ئىشلارنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇئىلىم ئېلىش ۋە ئۈگۈتۈش بىلەن بىرگە ئىخلاسمەن بولۇش، ھېكمەتلىك ۋە مۇلايىم بولۇش قاتارلىق پەزىلەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىنىشى لازىم بولىدۇ.

ئايەتتىكى دال ھەرىپىنى ساكىنلىك يەڭگىل ئوقۇغاندا، كىشىلەرگە ئىلىم ئۈگەتكەن ئالىمنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: سىلەر ئۆلىما بولغانلىقىڭلار ۋە كىشىلەرگە ئىلىم ئۈگەتكەنلىكىڭلار سەۋەبىدىن كىشىلەرگە تەلىم بېرىدىغان مۇئەللىملەردىن بولۇڭلار دېگەن بولىدۇ.

بۇ ئايەتتىكى مەقسەت: "كىمكى ئىلىمنى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۈگەنسە، ئاللاھ تائالاغا ئىخلاسمەن بولۇپ بىلگىنىنى باشقىلارغا ئۈگىتىشتىن ئىبارەتتۇر" ["پەتھۇل قەدىر" ناملىق ئەسەر 1-توم 407-بەت].

بۇنىڭدىن رەببانىي تەربىيە مېتۇدىنىڭ مېۋىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسى بولسا ھەرىكەتنىڭ ھەقىقىتىدىن خالى بولغان شەكلى سۆز بولماستىن بەلكى ئەمەلىي ھالەت بىلەن تەربىيىلەشتىن ئىبارەتتۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھاپىز ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "سەلەپ ئالىملارنىڭ ئىلمىنىڭ كىيىنكى ئالىملارنىڭ ئىلمىگە بولغان ئارتۇقچىلىقى" ناملىق رىسالىسى 5-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇ سۆز بىلەن كىيىنكى ئالىملاردىن كۆپ كىشىلەر قايمۇقۇپ قالدى، ئۇلار ئۆز گۇمانى بويىچە دىنى مەسىلىلەردە سۆزنى كۆپ قىلغان، تالاش-تارتىشنى كۆپ قىلغان ۋە كۆپ ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىنى ئۇنداق قىلمىغان كىشىلەردىن بىلىملىك دەپ قارىغان".

بۇ ئوپ-ئوچۇق نادانلىق، سىلەر ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئەلىي، مۇئاز، ئىبنى مەسئۇد ۋە زەيد ئىبنى سابىت (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پىشىقەدەم ساھابىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرىغا قاراپ بىقىڭلار، ئۇلار قانداق بولغان؟، ئۇلارنىڭ سۆزى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىدىن ئاز ئىدى، ئۇلار ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بەكرەك ئالىم ئىدى.

شۇنىڭدەك كىيىنكى تابىئىنلارنىڭ سۆزىمۇ ئىلگىرىكى ساھابىلەرنىڭ سۆزىدىن كۆپ بولغان ئەلۋەتتە ساھابىلار ئۇلاردىن ئالىم ئىدى.

شۇنىڭدەك تابىئىنلاردىن كىيىنكى كىشىلەرنىڭ سۆزىمۇ تابىئىنلارنىڭ سۆزىدىن كۆپ بولغان بولسىمۇ تابىئىنلار ئۇلاردىن بەكرەك ئالىم ئىدى.

ئىلىم دېگەن كۆپ رىۋايەت قىلىش ۋە كۆپ سۆزلەش بىلەن ئەمەس بەلكى ئۇقەلىبلەرگە تاشلىنىدىغان بىر ئىلاھى نۇر بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىنسان ھەقنى چۈشىنىدۇ، ھەقىقەت بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ ۋە مەقسەت ھاسىل بولىدىغان قىسقا ئىبارەتلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ".

مانا بۇ مۇسۇلمانلار ئائىلىلىرى ۋە تەلىم ئورگانلىرى ئەلەم چېكىۋاتقان چوڭ مۇسىبەت بولۇپ، ئۇلار سۆزى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە تەربىيىلەيدىغان ياخشى تەربىيىچى ئۈلگىلەرنى يوقۇتۇپ قويغانلىغىدىندۇر، ھەقىقى تەربىيەتچىلەر تەلىم-تەربىيە ئۈگۈتۈشتە توغرا سۆز بىلەن ياخشى ئەمەلىنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھىكمەت بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىنى ياخشى چۈشۈنۈش بىلەن بولىدۇ.

ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىلىشىڭلار كېرەككى، تەربىيە يەرگە سالىدىغان ئۇرۇققا ئوخشايدۇ، تەربىيىچى ئۇرۇق سالىدىغان زېمىنغا ئوخشايدۇ، زېمىن ناچار بولسا ئۇ زېمىندا ئۇرۇق زايە بولۇپ كېتىدۇ، زېمىن ياخشى بولسا ئۇرۇق ياخشى ئۆسىدۇ." [ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھنىڭ: "شەرىئەت ئەدەپلىرى" ناملىق ئەسىرى 3-توم 580-بەت].

ئۆلىمالار ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىسلاھ بولۇشنى خالىغانلار ئىسلاھ بولدى، دىننى چۈشىنىدىغان، تەربىيەتچىلەردىن ئىسلاھ قىلىشنى خالىغانلار ئىسلاھ قىلدى، بۇ يەردە سەۋەب ۋە باھانىلارنى تاشلاپ، ئىشلار تەربىيىچىلەرنىڭ تەربىيىچىسى بولغان، بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ياراتقۇچى، توغرا يولغا باشلىغۇچى بولغان ھەقىقى تەربىيىچى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئاتا-ئانىلار ۋە تەربىيىچىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشىنىڭ ئاخىرىقى غايىسى ئۇ تەربىي قىلىش ۋە ئەدەپ ئۈگۈتۈشتىن ئىبارەت، ئەمما ھەقىقى تۈزۈتۈش، ئىسلاھ قىلىش، قەلىبلەرنى ئۆزگەرتىش بولسا ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن "ئەدەپ ئۈگۈتۈش ئاتا-ئانىلاردىن، تۈزۈتۈش ۋە ئىسلاھ قىلىش ئاللاھدىن" دېيىلىدۇ. [ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھنىڭ: "شەرىئەت ئەدەپلىرى" ناملىق ئەسىرى 3-توم 552-بەت].

ئاخىرىدا تەربىيىنى ئەمەلىي ۋەقەلىكتە روياپقا چېقىرىشنىڭ يولىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئىخچاملايمىز:

1-دەۋەتچىلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار تەربىيىنىڭ ھەقىقىتى ۋە تەربىيىگە ئالاقىدار بولغان ئەھۋاللارنى ھېس قىلىشى ۋە ياخشى بىلىشى كېرەك.

2- ئۆلىما ۋە ئىسلاھاتچىلار ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بولغان رەببانىي تەربىيە ۋاستىلىرىنى ياخشى چۈشۈنۈشى كېرەك.

3-ئىسلاھاتچىلار ئىلىم-مەرىپەت ئورگانلىرىغا باراۋەر بولغان تەربىيە ئورگانلىرىنى قۇرۇشتا ئىسلام جەمئىيەتلىرىدىكى يۈز-ئابرۇيلۇق، پەزىلەتلىك ئورگان يېتەكچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەربىيە ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرىدىغان بىر بۆلەك ھەقىقى تەربىيىچى ۋە ئەدەپ ئۈگەتكۈچىلەرنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش