پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىجتىمائى كاپالەت سۇغۇرتىسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

سۇئال

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بەزى دۆلەتلەر شېركەتلەرنى ئىشچىلارغا سۇغۇرتا قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، شېركەت ھەر بىر ئىشچى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا پۇل تولەيدۇ. بۇ پۇللارغا ئىجتىمائى كاپالەت ساندۇقى دەپ ئاتىلىدىغان ئورگان ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. بۇ ساندۇق دۆلەتكە تەۋە بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ ساغلىق سۇغۇرتىسىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر ئايلىق مائاشىدىن مەلۇم مىقداردا تۇتۇپ قىلىپ مەزكۇر ساندۇققا قويىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شېركەتتە 25 يىل ياكى 30 يىل ئىشلىگەنلەرگە دەم ئىلىشقا چىققاندا پىنسىيە پۇلى بېرىلىدۇ، سۇغۇرتىنىڭ بۇ تۈرلىرى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟، ئەگەر سۇغۇرتا قىلىش ياكى قىلماسلىق مېنىڭ ئىختىيارلىقىمدا بولسا، سۇغۇرتا قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئايلىق مۇئاشىمنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟، بۇ مەسىلە توغرىسىدا يېزىلغان كىتاب ياكى تەتقىقاتلار بارمۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن. 

قىسقىچە جاۋاپ

دۆلەت ئىگە بولۇپ باشقۇرىدىغان ئىجتىمائى سۇغۇرتا دۇرۇس بولغان سۇغۇرتا بولۇپ، ئاساسەن ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىخىتىيارى بولسۇن ياكى مەجبۇرى بولسۇن بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشسا ۋە بۇنىڭدىن مەپەئەتلەنسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ مەسىلە توغرىسىدا يەنىمۇ زىيادە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن: دوكتۇر ئەھمەد ئىبنى ھەمەد ئەلۋەنىيسنىڭ "ئەلئەھكام ئەتتەبىئيە لىئوقۇد ئەتتەئمىين" ناملىق ئەسىرى، دوكتۇر ئەلى مۇھيىددىن ئەلقۇرە داغىنىڭ "ئەتتەئمىين ئەتتەكاپۇلىل ئىسلامى" ناملىق ئەسىرى، دوكتۇر سالىھ ئەلى ۋە دوكتۇر سەمىيھ ئەلھەسەننىڭ: "مەئالىم ئەتتەئمىين ئەلئىسلامى" ناملىق ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسى: بۇ تۈردىكى سۇغۇرتا دۆلەت ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان، پايدىنى مەقسەت قىلماستىن باشقۇرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا شېركەت ۋە دۆلەت كارخانىچىلار مەبلەغ سالىدۇ، بىكىتىلگەن شەرىتلەر ئەمەلىلەشكەندە شېركەت تۆلەمگە ئېرىشىدۇ.

    بۇنىڭ شەكىللىرى كۆپ بولۇپ:

   1-ئىجتىمائى كاپالەت: ئىشچىلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىدىن مەلۇم مىقداردا تۇتۇپ قىلىش بەدىلىگە، ئىشچىلار كېسەل ياكى مىيىپ بولۇپ قالسا، ئاجىزلىشىپ ياكى دەم ئىلىشقا چېقىش يىشىغا يەتسە ئۇلارغا تۆلەم بېرىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   2- دەم ئىلىشقا چېقىش تۈزۈمى: ئىشچىلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىدىن مەلۇم مىقداردا تۇتۇپ قىلىش بەدىلىگە، ئۇلار مەلۇم مۇددەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ياكى مەلۇم ياش ئۆلچىمىگە يەتكەندىن كېيىن دۆلەت ئۇلارغا ئايلىق ئىش ھەققى بىكىتىپ بېرىدۇ.

   3- سالامەتلىك سۇغۇرتىسى: ئىشچىلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىدىن مەلۇم مىقداردا تۇتۇپ قىلىش بەدىلىگە ئىشچىلار كېسەل بولۇپ قالغاندا ئۇلارنى ھەقسىز داۋالاشقا دۆلەت ئىگە بولىدۇ.

   4-ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى: بەزى دۆلەتلەردە ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئىشچىلار مۇناسىپ خىزمەت تىپىپ بولغىچە ئۇلارغا مەلۇم مىقداردا ئايلىق بېرىدۇ. شۇنىڭدەك مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم بېرىش ياكى خىزمەت جەريانىدا كېسەل بولغان ياكى زەخمىلەنگەنلەرگە تۆلەم بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئىجتىمائى سۇغۇرتىسى: "ئىجتىمائىي كاپالەت قارىشى بويىچە ھۈنەر-كەسپىگە تايىنىپ تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان كىشىلەرنى بەزى خەتەرلەرگە ئۇچراپ، كېسەللىك، ياشانغانلىق ۋە ئىشسىزلىق سەۋەبىدىن  كەسىپ قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن ۋاقتىدا تۆلەم بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تۈردىكى سۇغۇرتا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەجبۇرى شەكىلدە بولىدۇ. بۇنى ئىشچى، شېركەت ۋە ھۆكۈمەت ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. سۇغۇرتا قىلغۇچىغا بېرىدىغان تۆلەمنىڭ كۆپ قىسمىنى دائىم ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ.

    بۇ تۈردىكى سۇغۇرتا دۆلەتنىڭ ئومۇمى سىياسىتىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ، دۆلەت بۇنىڭ پىراگراممىسىنى تۈزىدۇ ۋە دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ. جەمىئىيەتتىكى تۈرلۈك تەبىقىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ھۆكۈمەت تەرەپ سۇغۇرتا قىلغۇچى بولىدۇ.

     بۇ تۈرنىڭ شەكىللىرى: دەم ئىلىش سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائى سۇغۇرتا، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر." ["ئۆلمالار ھەيئىتى تەتقىقاتى" 4-توم 45-بەتتىن ئېلىندى].

    ئىككىنچى: دۆلەت ئىگە بولۇپ، باشقۇرۇپ تۇرغان سۇغۇرتىغا قاتناشسا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانسا بولىدۇ، بۇنىڭ يوللىرى:

    1-ئىجتىمائى سۇغۇرتىدىن ئۇنىڭغا قاتناشقانلارنىڭ ھەققىدىن پايدىلىنىش مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ پايدىسى مۇشۇ تۇزۇم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قايتىدۇ.

بۇ تىجارى سۇغۇرتىنىڭ ئەكسى بولۇپ، تىجارى سۇغۇرتىدا پەقەت پايدا-مەنپەئەت ئاساسى مەقسەت قېلىنىدۇ، ئۇنىڭدا پايدىغا ئېرىشىدىغانلار ئاساسەن سۇغۇرتا شېركىتىنىڭ ئەزالىرى بولىدۇ.

 سۇغۇرتا توغرىسىدا ئۆلمالار ھەيئىتى تەتقىقاتىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئىجتىمائى سۇغۇرتا بىلەن يەككە سۇغۇرتىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق، يەككە سۇغۇرتا بىلەن دۆلەتنىڭ ئالاقىسى يوق، پايدا-زېيانغا شەخسلەر ئىگە بولىدۇ".

    ئىجتىمائى سۇغۇرتادا، تىجارەت ئەمەس بەلكى ھەمكارلىق ئاساس قىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇمكىن قەدەر ئۇنىڭ دۇرۇسلىقىغا شەك پەيدا قىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

يەككە سۇغۇرتىدا شەرئى يولنىڭ غەيرىدىكى تىجارەت مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرى جازانە، ئالدامچىلىق ۋە قىماردىن خالى بولمايدۇ."  ["ئۆلمالار ھەيئىتى تەتقىقاتى" 4 -توم 305-بەتتىن ئېلىندى].

    دوكتۇر ئەلى ئەھمەد سالۇس مۇنداق دەيدۇ: "ئىجتىمائى سۇغۇرتا: تىجارى سۇغۇرتا دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، مەلۇم خەتەر چىقىپ قىلىش ئەندىشىسى بولمايدۇ، شۇنداقلا مەلۇم شەخسكە خاس بولغان سۇغۇرتا ئەمەس، بەلكى ئومۇمى سۇغۇرتا بولۇپ، ئاساسى غايە پايدا ئىلىش ئەمەس بەلكى ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش نىشان قېلىنىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سانى مىليۇنغا يېتىپ قالىدۇ، بۇ خۇددى، دۆلەتنىڭ ئۆز پۇخرالىرىدىن بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە سۇغۇرتا قىلىشىغا ئوخشايدۇ، بۇ دەم ئىلىش تۈزىمى ياكى مائاش تۈزىمى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بىلىنىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىدىن مەلۇم مىقداردا تۇتۇپ قالىدۇ، ئۇلار دەم ئىلىش يىشىغا يەتكەندە ياكى مەلۇم تۇرمۇش سەۋىيسىگە يەتكەندە ھۆكۈمەت ئۇلارغا ئايلىق مائاش بېكىتىپ بېرىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىدۇ، بۇ ئىجتىمائى سۇغۇرتا ۋە سالامەتلىك سۇغۇرتىسى دەپ بىلىنىدۇ". ["يېڭى دەۋىر پىقھى مەسىلىلىرى ۋە ئىسلام ئىقتىسادى توپلانمىسى" ناملىق ئەسەر 372 –بەت].

    2-ئىجتىمائى سۇغۇرتا: دۆلەتنىڭ ئۆز پۇخرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلار كېسەللىك، ياشانغانلىق ۋە خىزمەت قىلالماسلىقتەك ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش زۈرۈر بولغان ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى تۇرمۇش كاپالىتگە ئېرىشىدۇ، خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدۇ.

    دوكتۇر ۋەھبەتىز زۈھەيلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىجتىمائى كاپالەت سۇغۇرتىسى: شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ھۆكۈمەت ياكى تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ساندۇقى ۋە سۇغۇرتا شېركەتلىرى تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، مېنىڭ قارىشىمدا بۇنىڭ ھەممىسى دۇرۇس، چۈنكى دۆلەتنىڭ ئۆز پۇخرالىرى كېسەللىك، ياشانغانلىق سەۋەبىدىن شۇنىڭدەك ھۈنەر-كەسىپ قىلىشتىن قېينىلىپ قالغاندا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيتى بولىدۇ." ["پىقھىل ئىسلامى ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرى" 5-توم 116-بەت].

    بەزى ۋاقىتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئالغان سۇغۇرتىدىن كۆپ نەرسىلەرنى بېرىشى جازانە بولمايدۇ، ئالدامچىلىقنىڭ قاتارىغىمۇ كىرمەيدۇ، بەلكى ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيتى، ھەقىقەتەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھۆكۈمەت بىلەن بىرگە مەلۇم مىقداردا ئايلىق ياكى يىللىق پاي قوشتى.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دەم ئىلىشقا چىققاندا بېرىلىدىغان پۇلدا شەك يوق، چۈنكى ئۇ پۇل  بىز جازانىنىڭ شۈبھىسى بار دەپ قارايدىغان مەلۇم شەخس بىلەن شەخسنىڭ ئارىسىدىكى مۇئامىلە بولماستىن بەلكى ھۆكۈمەت خەزىنىسىدىن بېرىلىدىغان پۇل بولۇپ، شەك-شۈبھىسىز دەم ئىلىشقا چىققۇچى ھۆكۈمەت خەزىنىسىدىن ئېلىشقا ھەقلىق بولغان پۇلدۇر." ["ئايلىق ئۈچرىشىش" 58-سان 28-بەت].

     دوكتۇر ۋەھبەتىۇز زۈھەيلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دۆلەتنىڭ ئىشچىلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قالىدىغان باج ياكى ئىش ئىگىلىرى ئىجتىمائى سۇغۇرتىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن بېرىدىغان ئايلىق تەمىنات ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئىلىشقا چىققاندا ياكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا بولغاندا ئومۇمى تۆلەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن بېرىدىغان يىللىق مەلۇم نىسبەتتىكى مەبلەغلىرىگە قارالمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە جازانە مۇئامىلىسىگە قارىغاندەك قارالمايدۇ، ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزى بەرگەندىن كۆپرەك ھەق ئالغان بولسا ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا بېرىلگىنى دۆلەت تەرەپتىن قۇرۇلغان ئىجتىمائى سۇغۇرتا شېركىتى ياكى ئۇلار ئورتاق بولغان دەم ئىلىشقا چېققانلارغا تۆلەم بېرىش ساندۇقىدىن ئىئانا ياكى سوۋغا ياكى ياردەم ھېسابىدا بېرىلگەن ھەق ھېسابلىنىدۇ." ["پىقھىل ئىسلامى ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرى" 5-توم 116-بەت].

    3-ئىجتىمائى سۇغۇرتا: ئۆلىمالار دۇرۇس دەپ قارىغان ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىغا ئوخشايدۇ، چۈنكى ئىشچى-خىزمەتچى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى ئالاقە بىر-بىرىدىن ھەق ئېلىش ۋە پايدا ئىلىش ئەمەس بەلكى بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش ۋە ئىگە بولۇش ئاساسىدا بولىدۇ. ئىجتىمائى سۇغۇرتىدىن بولغان مەقسەت: جەمئىيەت ئۈچۈن ئومۇمى مەنپەئەتنى روياپقا چېقىرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سۇغۇرتا قىلغۇچىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئاساس قىلىدىغان چەكلەنگەن تىجارى سۇغۇرتاغا تامامەن ئوخشىمايدۇ.

    دوكتۇر يۈسۈپ شۈبەيلى مۇنداق دەيدۇ: "ئىجتىمائى سۇغۇرتا: ئەمەلىيەتتە ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىدۇر، چۈنكى ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىش مەقسەت قىلىنمايدۇ، بۇنى دۆلەت ياكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا قۇرۇلغان ئومۇمى شېركەت باشقۇرىدۇ، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەت قىلالمايدىغان مەلۇم ياشقا يەتكەندە، ئۇلارغا ياردەم بېرىش بولۇپ، بۇ ھەقىقەتتە ئىگە بولۇش ۋە ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ تىجارى سۇغۇرتا ئەمەس". ["ھازىرقى دەۋر پاي چېكى ۋە مالىيە مۇئامىلات" ناملىق ئەسەر 6-توم 12-بەت].

   4-يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراشلار ھازىرقى دەۋرىدىكى كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراشقا ئاز بىر قىسىم ئۆلىمالار قىتىلمىغان، ھەتتا بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۇستاز مۇھەممەد سىددىق ئەددەرىر دېگەن كىشى: "مەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراشلار بويىچە سالامەتلىك كاپالىتى ۋە ئىجتىمائى كاپالەتنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئىجتىمائى كاپالەت سالامەتلىك كاپالىتىگە تايىنىدۇ. بەزى ئىسلام پىقھى ئاكادىمىيلىرى تەرىپىدىن بۇنىڭ دۇرۇسلىقى ۋە بۇنى ئومۇملاشتۇرۇشقا چاقىرىش توغرىسىدا قارارلار چىقىرىلدى، دەيدۇ." ["ئىسلام پىقھى ئاكادىمىيسى ژورنىلى 13-سان 1378-بەتتىن ئېلىندى].

     "ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيسى"نىڭ ھىجىريە 1385-يىلى مۇھەررەم ئېيىدا مىلادىيە 1965-يىلى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتايدا مۇنداق قارار قىلىنغان: "ھۆكۈمەتنىڭ مائاش تۈزۈمى ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بەزى دۆلەتلەردىكى ئىجتىمائى كاپالەت تۈزۈمى، يەنە بەزى دۆلەتلەردىكى ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۇرۇس بولغان ئىشلاردۇر". ئۇستاز جىزانىينىڭ ["يېڭى پىقھى مەسىلىلەر" ناملىق ئەسەرى 3-توم 266-بەتكە قارالسۇن].

    "ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيسىنىڭ" قارارىدا: بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆلىمالار قارارىنىڭ تېكىستى: دەم ئىلىشقا چىققاندا بېرىلىدىغان مائاش، ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆز خەلقىگە مەسئۇل بولۇش ئېتىبارى بىلەن مەسئۇللارنىڭ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيتى، ئۇلار خىزمەتچىلەرنىڭ خەلق ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە ئاساسەن مائاش بېرىشكە كۆڭۈل بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتچىلەرگە يېقىن بولغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە رائىيە قىلغان ئاساستا بەلگىلىمە بېكىتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدۇ.

    دەم ئىلىشقا چېقىش تۈزۈمى دۆلەت بىلەن خىزمەتچى ئارىسىدىكى مالىيە تۆلەم بېرىشنىڭ قاتارىدىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ بىلەن سۇغۇرتانىڭ ئارىسىدا ئوخشاشلىق يوق، سۇغۇرتا دېگەن تىجارەت شەكلىدىكى مالىيە تۆلەم كېلىشىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭدا سۇغۇرتا شېركەتلىرى پايدا ئېلىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا شەرىئەتتە توغرا بولمىغان يوللار بىلەن ئىش قىلىدۇ، دەم ئىلىشقا چىققاندا بېرىلىدىغان پىيىنسىيە پۇلى دېگەن، ھۆكۈمەت ئۆز خەلقىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى مۇكاپاتلاشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ياشلىقى، ساقلىقى، جىسمى ، پىكرى ۋە پۈتۈن ھاياتىنى مىللەتنىڭ گۈللىنىش يولىغا سەرپ قىلغانلىقى ئۈچۈن دەم ئىلىشقا چىققاندا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن  بېرىلىدىغان ئىقتىسادى ياردەمدىن ئىبارەت." ["ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيسى قارارى"39-بەت. "يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆلىمالار ھەيئىتى تەتقىقاتى" 4-توم 313-بەت].

    خۇلاسە: دۆلەت ئىگە بولۇپ باشقۇرىدىغان ئىجتىمائى سۇغۇرتا دۇرۇس بولغان سۇغۇرتا بولۇپ، ئاساسەن ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىخىتىيارى بولسۇن ياكى مەجبۇرى بولسۇن بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشسا ۋە بۇنىڭدىن مەپەئەتلەنسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

بۇ مەسىلە توغرىسىدا يەنىمۇ زىيادە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن: دوكتۇر ئەھمەد ئىبنى ھەمەد ئەلۋەنىيسنىڭ "ئەلئەھكام ئەتتەبىئيە لىئوقۇد ئەتتەئمىين" ناملىق ئەسىرى، دوكتۇر ئەلى مۇھيىددىن ئەلقۇرە داغىنىڭ "ئەتتەئمىين ئەتتەكاپۇلىل ئىسلامى" ناملىق ئەسىرى،  دوكتۇر سالىھ ئەلى ۋە دوكتۇر سەمىيھ ئەلھەسەننىڭ: "مەئالىم ئەتتەئمىين ئەلئىسلامى" ناملىق ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى