شەنبە 23 رەبىئۇسسانى 1446 - 26 ئۆكتەبىر 2024
Uygur

مەنى بىلەن مەزىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

سۇئال

بەزى كۈنلىرى ئەتتىگەندە ئۇيقۇدىن ئويغانغان ۋاقتىمدا، ئېچ كىيىمىمدە نەملىك ھېس قىلىمەن، بۇنىڭغا توغرا قارىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. بۇ چۈشىدە ئېھتىلام كۆرگەنلىكمۇ ياكى كېچىك تەرەتمۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن، چۈنكى ئادەتتە مەن ئەتتىگەندە ئويغانغان ۋاقتىمدا مەزى ياكى يېپىشقاق ماددىلار چىقىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئىچ كىيىمىمنى يۇيىمەن، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلىنىمەن. ئىلگىرى بىر كىتابتا مۇنداق ئوقۇغان ئېدىم: يېپىشقاق ماددا دېگەن ئىسپېرما ماددىلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ، ئۇ پەقەت مەزى بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ، پەقەت ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالسا كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر ئىش بۇنداق بولسا، كىيىملەرنى قانداق قىلىمىز؟، مەن مۇلاھىزە قىلسام، مەن ئۆزۈمنى مەزى چىقىشقا تۈرتكە بولىدىغان بارلىق ئورۇن ۋە قاراشلاردىن يىراق تۇتساممۇ  بەزى ۋاقىتتا مەزى چىقىدۇ. مەنى بىلەن مەزىنىڭ نېمە پەرقى بار؟. ئارىسىنى قانداق ئايرىيمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

مەنى بىلەن مەزىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بولسا:

1-ئەرلەرنىڭ مەنىسى قويۇق، ئېقىش بولىدۇ، ئاياللارنىڭ مەنىسى ساغۇچ، سۇيۇق بولىدۇ، مەزى بولسا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇپ جىمانى پىكىر قىلغاندا ياكى مەقسەت قىلغاندا چىقىدۇ ئۇنىڭ چېقىشى بىلەن شەھۋەت، ئىنتىلىش بولمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بوشىشىپ كېتىشىمۇ بولمايدۇ.

2-مەنى چىقسا، جىمادىن بولسۇن، باشقا ئىشلاردىن بولسۇن ياكى چۆشىدە ئېھتىلام بولسۇن چوقۇم يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ، ئەمما مەزى چىققان بولسا پەقەت تاھارەت ئىلىش كېرەك بولىدۇ.

3-ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە مەنى پاكتۇر، ئەمما مەزى بولسا نىجىستۇر.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

    مەنى بىلەن مەزىنىڭ ئارىسىدىكى سۈپەت جەھەتتىكى پەرق.

    ئەرلەرنىڭ مەنىسى قويۇق، ئېقىش بولىدۇ، ئاياللارنىڭ مەنىسى ساغۇچ، سۇيۇق بولىدۇ. ئەسلىدە بۇ سۈپەتلەر توغرىسىدا ئۇممۇ سۈلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئۇ زات پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئايالمۇ چۈشىدە ئەر كۆرگەن نەرسىنى كۆرەمدۇ؟ يەنى ئېھتىلام بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئايالمۇ چۈشىدە ئەرلەر كۆرگەن نەرسىنى كۆرگەندە يەنى ئېھتىلام بولسا  يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ، دېدى، ئۇممۇ سۈلەيم: مەن دېيىشتىن ھايا قىلىمەن، شۇنداق ئىشمۇ بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەئە، شۇنداق بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا ئوخشاشلىق قانداق بولىدۇ؟ ئەرنىڭ مەنىسى قويۇق، ئېقىش بولىدۇ، ئايالنىڭ مەنىسى ساغۇچ، سۇيۇق بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ قايسىسى يۇقىرى ياكى ئىلگىرى بولسا، بالىدىكى ئوخشاشلىق شۇنىڭدىن بولىدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. لەۋزى مۇسلىمغا ئائتتۇر 363-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “مۇسلىمنىڭ شەرھىسى” 3-توم 222-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەرنىڭ مەنىسى قويۇق، ئېقىش بولىدۇ، ئايالنىڭ مەنىسى ساغۇچ، سۇيۇق بولىدۇ» دېگەن سۆزى، مەنىينىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ- بېرىشتە ئەڭ چوڭ قائىدىدۇر. بۇ ئەر كىشىنىڭ سالامەت بولغان ۋاقتى ۋە كۆپىنچە ھالىتىدە شۇنداق بولىدۇ.

ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: “ئەر كىشىنىڭ مەنىسى سالامەتلىكى ياخشى بولغاندا ئاق، قويۇق ھالەتتە ئېتىلىپ چىقىدۇ، شەھۋەت بىلەن چىقىدۇ، چېقىشى بىلەن لەززەتلىنىدۇ، مەنى چېقىپ بولغاندىن كېيىن بوشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خورمىنىڭ يىلتىزىغا ياكى خېمىرنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاش بولىدۇ، بەزى سەۋەبلەر بىلەنمۇ مەنىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ: ئەر كىشى كېسەل بولۇپ قالغاندا ئۇنىڭ مەنى سۇيۇق ۋە سىرغىش بولۇپ قالىدۇ ياكى مەنى قاچىسى بوشاپ قالغاندا مەنى لەززەتسىز ۋە شەھۋەتسىز ئاقىدۇ ياكى جىمانى كۆپ قىلغانلىقتىن قىزغۇچ بولۇپ گۆشنىڭ سۈيىدەك بولۇپ قالىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بۇزۇلغان ناچار قاندەك چىقىدۇ.. مەنى دەپ تايىنىدىغان ھەقىقى مەنىينىڭ ئۈچ تۈرلۈك خۇسۇسىيىتى بولىدۇ: بىرى: شەھۋەت بىلەن چېقىپ، چېقىپ بولغاندىن كېيىنلا بوشىشىپ كېتىدۇ. ئىككىنچىسى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئوخشاش ئۇنىڭ پۇرىقى خورمىنىڭ تىلى ياكى خېمىرغا ئوخشاش بولىدۇ. ئۈچىنچىسى: چىققاندا ئېتىلىپ، بۇلدۇقلاپ چىقىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇچ خۇسۇسىيەتنىڭ بىرى تېپىلسا ئۇنىڭ مەنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا كۇپايە قىلىدۇ. ئۈچ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتنىڭ بىر ۋاقىتتا تېپىلىشى شەرت قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىسا ئۇنىڭغا مەنى دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، كۈچلۈك قاراشتا ئۇ مەنى دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى ئەرنىڭ مەنى توغرىسىدىكى سۈپەتلەردۇر.

ئەمما ئايالنىڭ مەنىسى بولسا، سىرغىش سۇيۇق بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا كۈچى ئېشىپ كەتسە ئاق بولىدۇ، ئايالنىڭ مەنىسىنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ، بىرى: ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ ئەر كىشىنىڭ مەنىسىنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدۇ. يەنە بىرى: چىققاندا لەززەت بىلەن چىقىدۇ، چېقىپ بولغاندىن كېيىنلا بوشىشىپ كېتىدۇ”.

ئەمما مەزىگە كەلسەك، ئۇ ئاق شىلىمشىق سۇ بولۇپ، جىمانى ئويلىغاندا، مەقسەت قىلغاندا چىقىدۇ، مەزى چىققاندا شەھۋەت بولمايدۇ، ئېتىلىپ چىقمايدۇ، چېقىپ بولغاندىن كېيىن بوشىشىپ كېتىشىمۇ بولمايدۇ، مەزى ئەرلەردىمۇ ۋە ئاياللاردىمۇ بولىدۇ، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپرەك بولىدۇ. [بۇنى ئىمام نەۋەۋىي “مۇسلىمنىڭ شەرھىسى ” 3-توم 213-بەتتە بايان قىلغان].

ئىنساندىن مەنى ۋە مەزى چىققاندىن كېيىن بۇنىڭغا قارىتا بېرىلىدىغان ھۆكۈمنىڭ پەرقلىق بولىشى.

ئەرلەرنىڭ مەنىسى قويۇق، ئېقىش بولىدۇ، ئاياللارنىڭ مەنىسى ساغۇچ، سۇيۇق بولىدۇ.

مەنى ئويغاق ھالەتتە چىقسۇن ياكى ئۇخلىغاندا جىما بىلەن چىقسۇن ياكى باشقا ئىشلار بىلەن چىقسۇن بۇنىڭ ھەممىسىدە يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەمما مەزى چىقسا بۇنىڭدا پەقەت تاھارەت ئېلىۋەتسە بولىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەندىن مەزى بەك كۆپ چىقاتتى، بۇ توغرىدا مىقداد ئىبنى ئەسۋەدنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراش ئۈچۈن ئەۋەتسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «تاھارەت ئالساڭ بولىدۇ» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، لەۋزى بۇخارىغا ئائىتتۇر.]

ئىبنى قۇدامە “ئەلمۇغنى” 1-توم 168-بەتتە مۇنداق دېگەن: ” ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: “ئالىملار: ئەرلەر ۋە ئاياللاردىن چوڭ تەرەت چىقسا، كېچىك تەرەت چىقسا، يەل چىقسا، بۇنىڭ ھەممىسى تاھارەتنى بۇزىدۇ دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلگەن.

 مەنى بىلەن مەزىنىڭ ئارىسىدىكى پاكلىق ۋە نىجىسلىق تەرەپتىن بولغان پەرق.

ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە: مەنى پاكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېيىمىدىن مەنىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن  شۇ كىيىم بىلەن نامازغا چىقاتتى، مەن يۇغان جاينىڭ ئورنىغا قاراپ تۇراتتىم». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان يەنە بىر ھەدىستە: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىيىمىدىن مەنىنى ئۇلىۋېتەتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئادا قىلاتتى».

يەنە بىر رىۋايەتتە: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىدىن قۇرۇپ قالغان مەنىنى تىرنىقىم بىلەن ئۇلاپ چېقىرۋېتەتتىم» دەپ كەلگەن.

بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھۆل مەنىنى كىچىك شېۋىقتا سۈرتۈۋېتىپ يۇمايلا ھۆل ھالەتتە ناماز ئادا قىلىنغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىيىمىدىن مەنىنى چېغنىڭ تايىقى بىلەن چىقىرىۋېتىپ ئاندىن شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئادا قىلاتتى. قۇرۇق مەنىنى بولسا تىرنىقى بىلەن چىقىرۋېتەتتى». [ئىمام ئەھمەد مۇسنەد 6-توم 243-بەتتە كەلتۈرگەن. ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ كىتابىدا بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ ئىرۋائۇل غەلىل 1-توم 197-بەتتە كەلتۈرگەن].

ئەمما مەزى بولسا نىجىس بولۇپ، يۇقىرىدا مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئوچۇق بايان قىلىندى. يەنە بەزى ھەدىسلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋرەت بىلەن قېتىپ ئىككى تاشاقنىمۇ يۇيۇشقا ۋە تاھارەت ئىلىشقا بۇيرۇغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ ھەدىسلەرنى ئىبنى ئاۋانە مۇستەخرىجدە، ئىبنى ھەجەر تەلخىستە بايان قىلىپ: بۇ ھېچ تەنە قىلىنمىغان ئىسناد دېگەن(يەنى ئىسنادى ساغلام). مەزى نىجىس بولۇپ ئەۋرەتنى ۋە ئىككى تاشاقنى قېتىپ يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، مەزى چېقىش بىلەن تاھارەت بۇزۇلىدۇ.

   مەنى ۋە مەزى يۇقۇپ قالغان كىيىمنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا.

مەنىنى پاك دېگەن قاراشقا كۆرە، ئەگەر كىيىمگە مەنى يۇقۇپ قالغان بولسا، ئۇ كىيىم نىجىس بولمايدۇ. ئەگەر شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئادا قىلغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ. ئىبنى قۇدامە “ئەلمۇغنى” 1-توم 763-بەتتە مۇنداق دېگەن: ئەگەر مەنىنى پاك دېسەك، ئۇنى ئۇلىۋېتىش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇلىۋەتمەي ناماز ئادا قىلغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ”.

ئەمما مەزى بولسا بۇنىڭدىن ساقلىنىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن كىيىمگە سۇ چېچىۋەتسە كۇپايە قىلىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى: سەھل ئىبنى ھەنىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەندىن بەك كۆپ مەزى كېلەتتى، بۇنىڭ بىلەن كۆپ يۇيۇناتتىم، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىغان ئېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇنىڭدا ساڭا تاھارەت ئېلىش كۇپايە قىلىدۇ دېدى»، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! كىيىمگە يۇقۇپ قالغاننى قانداق قىلىمەن؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن كىيىمدىن مەزى يۇقۇپ قالدى دەپ قارىغان ئورۇنلارغا سۇ چېچىۋەتسەڭ كۇپايە قىلىدۇ» دېدى. [تىرمىزى رىۋايىتى ۋە ھەدىسنى ھەسەن سەھىھ دەپ، مەزى توغرىسىدىكى بۇنداق ھەدىسنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاقنىڭ ھەدىسىدىن بىلىمىز  دېگەن].

“تەھپەتۇل ئەھۋەزىنىڭ مۇئەللىپى” 1-توم 373-بەتتە ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى كىيىمگە مەزى يۇقۇپ قالغان بولسا، ئۇنى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ پەقەت سۇ چېچىۋەتسە بولىدۇ دېگەن قاراشقا دەلىل قىلغان دەيدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد