پەيشەنبە 7 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 15 نويابىر 2018
Uygur

قازا بىلەن قەدەر ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟

سۇئال

قازا ۋە قەدەر بابىدا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئۈچۈن ئالىملار: ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئوخشىماسلىق بار دەيدۇ، بەزى ئالىملار قازانى تەقدىر دەپ چۈشەندۈرگەن بولسا، يەنە بەزى ئالىملار قازا تەقدىر ئەمەس دەيدۇ، مېنىڭ سوئالىم: ئىككىسىدىن بىرى يەنە بىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان قاراش بارمۇ؟، ئەگەر كۇچلاندۇرىدىغان قاراش بولسا بۇنىڭ دەلىلى نېمە؟، قازا ئىلگىرىمۇ ياكى تەقدىرىمۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بەزى ئالىملارقازا بىلەن قەدەرنى بىر-بىرىنى كۈچلەندۇرىدىغان ئاتالغۇ دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش بەزى لۇغەتشۇناش ئالىملارنىڭ تەقدىرنى قازا بىلەن چۈشەندۈرگەن قاراشلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

پەيرۇز ئابادىينىڭ "ئەلقامۇس ئەلمۇھىت" ناملىق كىتابى 591-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "تەقدىر دېگەن: قازا ۋە ھۆكۈمدۇر".

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: قازا بىلەن تەقدىرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "قازا بىلەن تەقدىر ئىككىسى بىر نەرسە، ئاللاھ تائالا ئىلگىرى ھۆكۈم قىلغان ۋە ئىلگىرى تەقدىر قىلغان نەرسە بۇ قازا ۋە بۇ تەقدىر دېيىلىدۇ". شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ تور بېتىدىن ئېلىندى.

http://www.binbaz.org.sa/noor/1480

بەزى ئالىملار قازا بىلەن تەقدىرنىڭ ئارىسىنى ئايرىسا، بەزى ئالىملار قازا تەقدىردىن ئىلگىرى بولىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى.

قازا: ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمى ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن قىلغان ھۆكمىدۇر.

تەقدىر: مەخلۇقاتلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىلمى ۋە ھۆكمىگە مۇۋاپىق ۋۇجۇتقا كېلىشىدىن ئىبارەتتۇر.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "پۇتھۇلبارى" ناملىق ئەسەر 11-توم 477-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: قازا دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىرىكى ئومۇمى ھۆكمىدۇر، تەقدىر دېگەن: ئاشۇ ھۆكۈمنىڭ شاخچىلىرى ۋە تەپسىلاتلىرىدىن ئىبارەتتۇر".

يەنە بىر ئورۇن 11-توم 149-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قازا دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىرىكى ئومۇمى ھۆكمىدۇر. تەقدىر بولسا: ئاشۇ ئومۇمى ھۆكۈمنىڭ تەپسىلى ۋۇجۇتقا چىقىشىدىن ئىبارەتتۇر".

ئىمام جۇرجانى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "ئەتتەئرىيفات" ناملىق ئەسىرى 174-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تەقدىر دېگەن: مۇمكىن بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىرىكى ھۆكمىگە مۇۋاپىق ھالەتتە يوقلۇقتىن ۋۇجۇتقا چىقىشىدۇر، قازا دېگەن ئىلگىرى بولىدۇ، تەقدىر دېگەن قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ".

قازا بىلەن تەقدىرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: قازا: بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ لەۋھۇل مەھپۇزدا بىرلىكتە مەۋجۇت بولىشىدۇر. تەقدىر بولسا: مەۋجۇداتلارنىڭ شەرىتلىرى تولۇقلانغاندىن كېيىن رېئاللىق ھاياتتا ئايرىم-ئايرىم ۋۇجۇتقا كىلىشىدۇر".

يەنە بىر قىسىم ئالىملار قازا بىلەن تەقدىر بۇنىڭ ئەكسى بىلەن بولىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى. ئۇلارنى تەقدىرنى قازادىن ئىلگىرى قىلدى، تەقدىرنى: ئەزەلدىن بولغان ئىلگىرىكى ھۆكۈم دېسە، قازانى: ۋاقىئەلىكنىڭ بارلىققا كېلىشى دەپ قارىدى.

ئەرراغىپ ئەلئىسپاھانى ئۆزىنىڭ "ئەل مۇپرىدات" ناملىق ئەسىرى 675-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ قازاسى قەدەردىن خاسراق بولىدۇ، چۈنكى قازا دېگەن تەقدىرنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ، قەدەر دېگەن تەقدىر، قازا دېگەن: ئايرىش ۋە ئۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر".

يەنە بەزى ئالىملار: تەقدىر دېگەن ۋەزنىنى جىڭلاشقا تەييارلانغان نەرسىنىڭ ئورنىدا، قازا دېگەن جىڭنىڭ ئورنىدا دېگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ سۆزىگە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلغان: ﴿وَكَانَ أَمْرًا مَّقْضِيًّا﴾ تەرجىمىسى: بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر. [سۈرە مەريەم 21-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ حَتْمًا مَّقْضِيًّا تەرجىمىسى: بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر [سۈرە مەريەم 71-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: قُضِيَ الْأَمْرُ تەرجىمىسى: ئىشلار ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى. [سۈرە يۇسۇپ 41-ئايەت].

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: ھۆكۈم قىلىنغان ئىشتىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدۇ دېگەن. (يەنى بۇ ئىش قەتئى ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى)".

بەزى ئالىملار: قازا بىلەن قەدەر ئايرىم كەلسە ھەر ئىككىلىسى بىر مەنانى بىلدۈرىدۇ، بىر جايدا بىرگە كەلسە ھەر بىرى ئايرىم مەنانى ئىپادىلەيدۇ، دېگەن قاراشتا بولدى.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەدەر دېگەن لۇغەتتە: تەقدىر دېگەن بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّا كُلَّ شَيْءٍ خَلَقْنَاهُ بِقَدَرٍhttp://tanzil.net/ - 54:49 تەرجىمىسى: بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق. [سۈرە قەمەر 49-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ الْقَادِرُونَ تەرجىمىسى: بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!. [سۈرە مۇرسەلات 23-ئايەت].

قازا دېگەن لۇغەتتە: ھۆكۈم دېمەكتۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن قازا ۋە قەدەر بىر جايدا بىرگە كەلسە پەرىقلىق مەنانى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئايرىلىپ كەلسە بىر-بىرىگە مەنىداش ئىپادىنى بىلدۈرىدۇ. بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىككىسى ئىككى سۆز بولۇپ، بىر جايدا زىكىر قىلىنسا مەنىسى پەرىقلىق بولىدۇ، ئايرىم-ئايرىم جايدا زىكىر قىلىنسا بىر مەنانى بىلدۈرىدۇ.

ئەگەر بۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى دېيىلسە، بۇ ئاللاھنىڭ قازاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بىر جايدا سۆزلەنسە، ھەر بىرى ئايرىم مەنانى بىلدۈرىدۇ، تەقدىر دېگەن: ئاللاھ تائالا ئۆز خەلقىدە بولىشى ئۈچۈن ئەزەلدە بېكىتكەن نەرسىدۇر.

ئەمما قازا بولسا:ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز خەلقىدە ئۇلارنى پەيدا قىلىش، يوق قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىلگىرىكى تەقدىرگە مۇۋاپىق قىلغان ھۆكمىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ قائىدىگە ئاساسلانغاندا تەقدىر قازادىن ئىلگىرى بولغان بولىدۇ.

بىر كىشى: قازا دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز خەلقىدە پەيدا قىلىش ياكى يوق قىلىش ياكى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ھۆكۈم قىلغان نەرسە، قازا بىلەن تەقدىر بىر جايدا كەلسە، تەقدىر قازادىن مۇقەددەم بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىگە قارشى كېلىدۇ: ﴿وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ فَقَدَّرَهُ تَقْدِيرًا﴾ تەرجىمىسى: ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى. [سۈرە پۇرقان 2-ئايەت].

بۇ ئايەتنىڭ سىرىتقى كۆرۈنىشى تەقدىرنىڭ نەرسىلەرنى پەيدا قىلىپ بولغاندىن كىيىن بولغانلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ؟ دېسە، ئۇ كىشىگە تۆۋەندىكى ئىككى يولنىڭ بىرى بىلەن جاۋاپ برىلىدۇ:

بىرىنچى جاۋابىمىز: يارىتىشنى تەقدىردىن ئىلگىرى كەلتۈرۈش بولسا، ئايەتنىڭ باش تەرىپىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئەمەس بەلكى تەرتىپىنى زىكىر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئايەتكە قارىمامسىز پەزىلەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالام ھارۇن ئەلەيھىسسالامدىن يۇقىرى بولسىمۇ لېكىن تاھا سۈرىسىدە ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن زىكىر قىلغان، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سُجَّدًا قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ هَارُونَ وَمُوسَى﴾ تەرجىمىسى: «مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ: ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق دېيىشتى.» [سۈرە تاھا 70-ئايەت].بۇنداق كەلتۈرۈشمۇ ئايەتنىڭ باش تەرىپىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. بۇ ھەرگىزمۇ لەۋزىدە كىيىن كەلسە دەرىجىدىمۇ كىيىن بولىدۇ دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئىككىنچى جاۋابىمىز: تەقدىر بۇ يەردە باراۋەر قىلىش مەنىسىدە بولۇپ مۇئەييەن مىقداردا پەيدا قىلدى، دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الَّذِي خَلَقَ فَسَوَّىٰ تەرجىمىسى: ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتتى، ئۇلارنى بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى. [سۈرە ئەئلا 2-ئايەت].

تەقدىر دېگەن سۆز ئايەتتە باراۋەر قىلىش مەنىسىدە كەلگەن. بۇ بىرىنچى جاۋابقا قارىغاندا ئىككىنچى جاۋاپ ئايەتنىڭ مەنىسىگە يىقىندۇر. چۈنكى، ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتتى، ئۇلارنى بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى دېگەنئايەتكە تامامەن مۇۋاپىقتۇر. بۇنىڭدا ھېچ مەسىلە يوق. ["شەرھى ئەقىدەتۇل ۋاسىتىيە" 2-توم 189-بەت].

ئەمەلىيەتتە بۇ بەك ئاسان مەسىلە، بۇنى تالىشىشتا زور پايدا يوق، بۇنى تالىشىشنىڭ ئەمەل-ئېتىقادقا ھېچ پايدىسى يوق، بۇنىڭدىكى ئاساسى ئىختىلاپ بۇنى بىلىشتە، قۇرئان-ھەدىستە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان، شۇ لەپزى بىلەن كەلگەن ئوچۇق بىر دەلىل يوق. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان بۇ ئاساسقا ئىشىنىش ۋە تەستىقلاشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام خەتتابى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ:"مەئالىم ئەسسۇنەن" ناملىق ئەسىرى 2-توم 323-بەتتە: قەدەرنى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن قەدەر دېگەن ئىلگىرىكى بەلگىلەش، قازا دېگەن كىيىن پەيدا قىلىش دەپ مۇنداق دېدى: "بۇ بابتىكى سۆزنىڭ جۇغلانمىسى: قازا بىلەن قەدەر ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، ئىككىسىنىڭ بىرى ئاساسنىڭ يەنە بىرى بولسا قۇرۇلمىنىڭ ئورنىدا، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىشنى مەقسەت قىلغان كىشى قۇرۇلمىنى ئۆرۈش ۋە بۇزۇشنى مەقسەت قىلغۇچىدۇر".

ئابدۇل ئەزىز ئال شەيختىن: قازا بىلەن قەدەرنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئالىملار قازا بىلەن قەدەرنى باراۋەر قىلىپ قازا دېگەن تەقدىر، تەقدىر دېگەن قازا دەيدۇ، بەزى ئالىملار بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ، تەقدىر ئومۇمى، قازا خاس دەيدۇ، يەنى تەقدىر ئومۇمى بەلگىلىمە، قازا بولسا ئۇنىڭ تەپسىلى شاخچىلىرى دەيدۇ.

بۇنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش ۋاجىپ بولغان، ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان ۋە ھۆكۈم قىلغان نەرسىگە ئىشىنىش ۋە ئۇنى تەستىقلاش زۆرۈردۇر". شەيخنىڭ تور بېتىدىن ئىلىندى. http://mufti.af.org.sa/node/3687

شەيخ ئابدۇرەھمان مەھمۇد مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشقاننىڭ ھېچ پايدىسى يوق، چۈنكى ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىغا ئالىملار بىرلىككە كەلگەن، ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرىنى بىلدۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنمايدۇ. ["قۇرئان-ھەدىس نۇرى ئاستىدا قازا ۋە قەدەر" ناملىق ئەسەر 44-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش