جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

روزا تۇتقۇچىنىڭ رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئوكۇل سالدۇرۇش ۋە دورا ئىشلىتىشىنىڭ ھۆكمى ۋە روزىنىڭ بۇزۇلۇشىدا نىيەتنىڭ تەسىرى توغرىسىدا

سۇئال

بىمار دوختۇرخانا ياكى دورىخانىغا بارغاندا نېمە مەقسەتتە بارىدۇ؟ يېمەك-ئىچمەك مەقسىتىدە بارامدۇ؟ دوختۇرغا كۆرۈنۈش جەريانىدا نىيەتنىڭ رولى قانداق بولىدۇ؟ ئۇ كىشى داۋالىنىش يوللىرىدىن بىرىنى بىكىتەمدۇ؟ ياكى داۋالاش لاھىيىسىنى ئۆزگەرتەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بىمار دوختۇرخانىدا دوختۇر بىلەن كۆرۈشكەندە، مەلۇم ئىشتىن ياكى كېسەللىكتىن ياكى تۇيۇقسىز مىجەزى ئۆزگىرىش ياكى مۇتلەق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، دوختۇرنىڭ يېنىغا كىرگەندە، سالامەتلىكى ياكى كېسەللىكىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەندىن باشقا ھەممە ئىشتا دوختۇرنىڭ دېگىنىگە بويسۇندۇ. نىيەتنىڭ بابىدا، بىمارنىڭ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلىشتا روزىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىشى ۋە دوختۇرنىڭ بىمارنى داۋالاشنى قوبۇل قىلىشتا روزىسىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىشى ياكى قىلماسلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى روزا تۇتقۇچى بىمارنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەس ئىكەنلىكىنى داۋالاشتا دوختۇرلار مەلۇم بىر يول تۇتىدۇ، بۇنى دىنى ئۆلىمالار بېكىتىپ ھۆكۈم قىلىدۇ. مەسىلەن: تومۇرغا ئۇرۇلغان ئوكۇل روزىنى بۇزمايدۇ دېدى ئەمما قانچىلىك مىقداردا ئۇكۇل ئۇرۇلسا روزا بۇزۇلىدۇ ۋە قانچىلىك مىقداردا ئۇكۇل ئۇرۇلسا روزا بۇزۇلمايدۇ دېگەننى بىكىتمىدى، شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمنى مەلۇم دائىرىدە قىلماستىن كەڭرى قويۇۋەتتى، لېكىن ئېرىتىلگەن شېكەر ياكى تۇز بىلەن تەكشۈرگەندە، بۇ تەكشۈرگۈچى ماددا ئوزۇقلۇقمۇ ياكى دورىمۇ؟ دەپ ئايرىپ، ئەگەر ئوزۇقلۇق بولسا روزا بۇزۇلىدۇ، دورا بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ دېگەننى شەرت قىلدى. گەرچە مەن ئالىملارنىڭ بۇ شەرتىنى بەك ھۆرمەت قىلساممۇ لېكىن ئۇ ئەمەلىيەتكە زىت كېلىدۇ، بىز دوختۇرخانا توغرىسىدا سۆزلىشىمىز، دوختۇرخانىدىكى ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بىمارنى داۋالاش ئۈچۈن بولغان تىببى بۇيرۇق دەپ ئىپادىلىنىدۇ. يەنى: دوختۇرخانىدىكى ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى داۋالاش ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا دوختۇر كۈن نۇرىدا، ئاپتاپتا قالغان بىمارنى، بىمار رامزاندىن كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت بولغان رۇخسەتنى قوبۇل قىلماي، روزىسىنى بۇزۇشنى رەت قىلسىمۇ ئۇنىڭ ھۇشىدىن كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بىر نەرسە ئېچىشكە قادىر بولالمايدىغان ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن  دوختۇر بەزى سۈيۈقلۇق ماددىلار بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بىمارنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەلگەن ھالەت ئۇنىڭ خىزمىتى يەنى قۇرۇلۇش قىلىش، فابرىكىدا ئىشلەش ياكى پولات تاۋلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ كىشى شۇ كۈنى روزىسىنى بۇزىۋىتىدىكەن، ھەر كۈنى روزىسىنى بۇزۇۋېتىش كېرەك بولىدۇ، بۇنى شەرىئەت قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پىقھى ئۆلىمالارنىڭ روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدىكى سۆزىدە، بۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ ياكى دوختۇرنىڭ نىيىتىنىڭ ئالاقىسى يوق، بەلكى روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەر شەرىئەتنىڭ تېكىستلىرى بىلەن ياكى ئۇنىڭغا قىياس قىلىش ئارقىلىق بىكىتىلىنىدۇ.

    شەرئىي دەلىلدە بايان قىلىنغان نەرسىلەر يېمەك-ئىچمەك بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى: تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

    ئايەتتە تاڭ يورۇغۇچە يىيىش ۋە ئىچىش دۇرۇس قىلىندى، ئاندىن تاڭ يورىغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە يېمەك-ئىچمەكتىن توختاشقا بۇيرۇلدى.

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: روزا تۇتۇپ يالغان سۆزلەش ۋە ناچار ئەمەللەرنى قىلىشنى تەرك قىلمىغان كىشىنىڭ يېمەك –ئىچمەكنى تەرك قىلىپ تۇتقان روزىسىنىڭ ئاللاھغا ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1903-ھەدىس].

    مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: روزا تۇتقان كىشى ئېسىدە يوق بىر نەرسە يېسە ۋە ئىچسە روزىسىنى داۋاملاشتۇرسۇن، ھەقىقەتتە ئۇ كىشىگە ئاللاھ تائالا يېمەك-ئىچمەك بەردى. [بۇخارى رىۋايىتى 1933-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1155-ھەدىس]. 

     بۇنىڭدىن باشقا رامزاننىڭ كۈندۈزدە بىر نەرسە يېسە ۋە ئىچسە روزىنىڭ بۇزىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان نۇرغۇن دەلىللەر بار.

    كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرى يېمەك-ئىچمەك كېرىدىغان ئورۇندىن قورساققا كىرگەن نەرسىلەرنىمۇ روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىدى.

    بەزى ئۆلىمالار ئوزۇقلۇق ئۇكۇلىغا ئوخشاش يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىلەرنىمۇ روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن ھېسابلىدى.

    ھەقىقەتەن ئوكۇل ۋە دورىلارنىڭ ھەممىسى داۋالاش بولسىمۇ، لېكىن ئوكۇللاردىن يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ئوكۇلى ۋە ئوزۇقلۇق بولمايدىغان ئوكۇللار بار. ئەمما تومۇر ئارقىلىق بېرىلىدىغان شېكەرلىك يا تۇزلۇق ماددىلار بولسا ئوزۇقلۇقنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ، ئەمما بۇ ماددىلار بىلەن بۆرەك يۇيۇلسا روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇنى كېيىن تەپسىلى بايان قىلىمىز.

38023- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەر بايان قىلىنغان، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

    تۆتىنچى: روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنىڭ جۈملىسىدىن: يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىلەر بولۇپ بۇ تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1-روزىدارغا قان بېرىلىشى، روزىداردىن كۆپ قان چېقىپ كېتىپ قان بېرىلسە بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى قان يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق بارلىققا كىلىدىغان نەرسىدۇر.

2-يېمەك-ئىچمەكتىن بىھاجەت قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ئوكۇلى بولۇپ، بۇ يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "رامىزان مەجلىسى" ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى].

    يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرمايدىغان لېكىن ئىلاج ئۈچۈن قوللىنىدىغان پېنسىلىن، ئىنسۇلىن قاتارلىق ياكى ۋاكسىنا ياكى جىسىمنى جانلاندۇرىدىغان ئۇكۇللار بولۇپ قالسا، بۇ ئۇكۇللار موسكۇلغا ئۇرۇلسۇن ياكى تومۇرغا ئۇرۇلسۇن، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ. "مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئالى شەيخ پەتىۋالىرى"4-توم 189-بەت.

    مۇمكىن بولسا ئېھتىيات يۈزىسىدىن بۇ تۈردىكى ئوكۇللارنى كېچىدە ئۇدۇرۇش كېرەك.

     بۆرەك يۇيۇش بۆرەكنى تازىلاش ئۈچۈن قان ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ قانغا خىمىيىلىك ماددىلارنى، شېكەرلىك، تۇزلۇق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ۋە باشقا ماددىلارنى قېتىپ ئەسلىدىكى ئورۇنغا قايتۇرىدۇ. بۇ روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن ھېسابلىنىدۇ. ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى" 10-توم 19-بەت].

     بىز 233663-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغاندەك: تومۇر ئارقىلىق بەزى بىمارلارغا بېرىلىدىغان تۇزلۇق ماددىلار روزىنى بۇزىدۇ، چۈنكى (ئۇنىڭ تەركىۋىدە تۇز ۋە سۇيۇقلۇق ماددىلار بولغانلىقى ئۈچۈن) ئۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، بىمارنىڭ ئېچىگە كىرگەندە، ئۇنىڭدىن جىسىم مەنپەئەتلىنىدۇ.

    ئوزۇقلۇق بولغان ماددىلار بىلەن ئوزۇقلۇق بولمىغان ماددىلارنى بېكىتىش مەسىلىسىدە، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئوزۇقلۇق ئوكۇلىغا ئوخشاش يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ماددىلارنى ئۆلىمالار روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىدى.

    جىسىمنى جانلاندۇرىدىغان ئوزۇقلۇق، ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلىدىغان نەرسە بولماستىن بەلكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۇكۇلىدىن ئىبارەتتۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا بولمىغان ھەر قانداق ئۇكۇل تومۇردىن ئۇرۇلسۇن ياكى يوتىدىن ئۇرۇلسۇن ياكى قايسى جايدىن ئۇرۇلسۇن، بۇ روزىنى بۇزمايدۇ. ["ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋا ۋە رىسالىلەر توپلىمى"19-توم 199-بەت].

    بۇ يەردە ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ داۋالاش ساھەسىدىكى روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدىكى قارارىنىڭ تېكىستىنى كەلتۈرۈشنى ياخشى دەپ قارايمىز:

     "ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ ھىجىرىيە 1418-يىلى 2-ئاي (سەپەر ئېيىنىڭ) 23-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، مىلادىيە 1997-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان، داۋالاش ساھەسىدە روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا ئاكادېمىيەده تەقدىم قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، ھىجىرىيە 1418-يىلى 2-ئاينىڭ(سەپەر ئېيىنىڭ) 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، مىلادىيە 1997-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ماراكەشنىڭ پايتەختى دارۇل بەيزادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام كونپىرانسىسى تىببى ئىلىملەر توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىقھى تىببى كۇلىبى ساھىبخانلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان 9-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆرسەتمە، تەتقىقات ۋە مۇزاكىرىلەر ۋە بۇ تېما توغرىسىدىكى تىببى ۋە پىقھى ئالىملىرىنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قۇرئان-ھەدىستىكى دەلىللەر ۋە پىقھى ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرىگە قاراپ چىققاندىن كېيىن تۆۋەندىكى قارارلار بېكىتىلدى:

   بىرىنچى: تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا روزا بۇزۇلمايدۇ:

   كۆزگە، بۇرۇنغا، قۇلاققا تامچىلىتىدىغان دورا، قۇلاق چايقاش، بۇرۇنغا تامچىلىتىدىغان ياكى پۈركىيدىغان دورا ، گالغا يېقىن بېرىپ قالغاندا يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.

2-يۈرەك سانجىقىنى داۋالاش ئۈچۈن تىل ئاستىغا قويۇلىدىغان تابلېتكىلار گالغا يېقىن بېرىپ قالغاندا يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.

3-ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە سېلىنىدىغان دورا، چايقايدىغان سۇيۇقلۇق، تېببىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن دۇربۇن ياكى بارماق كىرگۈزۈش.

4-دۇربۇن ياكى ئۈزۈك قاتارلىقلارنى بالىياتقۇغا كىرگۈزۈش.

5-ئەر ياكى ئايالنىڭ سۈيدۈك يولىغا كىرىدىغان تۇربا ياكى دۇربۇن ياكى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن سايىدىتىغان رەڭ، ياكى دورا ياكى دوۋساق، سۈيدۈك خالتىلىرىنى يۇيۇش سۇيۇقلىقى.

6-چىشنى قېزىش، ئېزىق چىشنى قومۇرۋېتىش، چىشلارنى تازىلاش، مىسۋاك ياكى چىچ چوتكىسى ئىشلىتىش، ئەلۋەتتە گالغا يېقىن بېرىپ قالغاندا يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.

7-غارغار قىلىش، ئاغزىنى چايقاش، ئېغىزغا پۈركەيدىغان دورا، گالغا يېقىن بېرىپ قالغاندا يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.

8-كاسىسىغا ياكى موسكۇلغا ياكى تېرە ئاستىغا ئۇرىدىغان ئۇكۇللار، ئوزۇقلۇق خاراكتېردىكى سۇيۇقلۇق ياكى ئۇكۇللار بۇنىڭ سىرتىدا.

9- كىسلورود(ئوكسىگېن).

10-بىمارنى مەست قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان گازلار، سۇيۇقلۇق ماددىلارنى ئۇرمىغان تەقدىردە.

11-تېرە سۈمۈرۈشى ئارقىلىق جىسىمغا كېرىدىغان خىمىيىۋىي ماددىلار يۇقتۇرۇلغان ياغ، ماي، مەلھەم، چاپلاق دورىلار.

12- يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنى سۈرەتكە ئېلىش  ياكى داۋالاش ئۈچۈن تومۇرغا ئىنچىكە نەيچە كىرگۈزۈش.

13- ئۈچەي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەزالارنى تەكشۈرۈش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن قورساققا دۇربۇن كىرگۈزۈش.

14- سۇيۇقلۇق كىرگۈزمەستىن جىگەر ۋە باشقا ئەزالاردىن بىر پارچە كېسىپ ئېلىش.

15-سۇيۇقلۇق ياكى باشقا ماددا كىرگۈزمەستىن  ئاشقازانغا دۇربۇن كىرگۈزۈش.

16-مېڭە ياكى يۇلۇنغا ئوخشاش يەرلەرگە دورا ياكى سايمان كىرگۈزۈش.

17- ئىختىيارسىز قەي قىلىش. (قەستەن قەي قىلىش بۇنىڭ سىرتىدا).

18-مۇسۇلمان دوختۇر يۇقىرىقى داۋالىنىش ۋە تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەھۋاللاردا كېچىكتۈرسە زىيىنى بولمايدىغان بولسا، بىمارغا داۋالىنىشنى ئىپتاردىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا تەۋسىيە قىلىشى كېرەك. ["ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى ژۇرنىلى"دىن ئېلىندى].

    ئىككىنچى: قۇرۇلۇشچىلار ياكى پولات-تۆمۈر تاۋلاش ئىشچىلىرىغا ئوخشاش ئىسسىقلىق ۋە كۈن نۇرىدىن ئەزىيەت يېتىدىغان ئىشچىلار ئىسسىقلىق ياكى كۈن نۇرىدىن ئۇسساپ ھالاك بولىدىغان ياكى كېسەل بولىدىغان دەرىجىگە يەتمىسە ئۇلارنىڭ روزىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇلار كېچىدە روزىنى نىيەت قىلىپ روزا تۇتىدۇ، كۈندۈزدە جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك بىر نەرسە بىلەن ئىپتار قىلىپ كۈننىڭ قالغىنىدا بىر نەرسە يېمەيدۇ، كېيىن بۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

     روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا پۇرسەت يوق دېگەن سۆز توغرا ئەمەس، چۈنكى دەم ئىلىش كۈنلىرىدە قازا روزىنى تۇتسا ياكى قازا روزىنى تۇتۇش ئۈچۈن رۇخسەت ئالسا بولىدۇ.

    ئەگەر بۇ ئىشچى ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن شېكەرلىك ياكى تۇزلۇق سۇيۇقلۇق ماددىلارنى قوللانسا بۇنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ بۇنىڭغا ھېلە ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ، يەنى ھارام بولىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن "دائىمىي كومىتېت پەتۋالىرى 10-توم 252-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: رامزاننىڭ كۈندۈزدە روزا تۇتقۇچىنىڭ تومۇرغا ياكى موسكۇلغا ئۇكۇل ئۇدۇرۇپ داۋالىنىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما روزا تۇتقۇچىنىڭ رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئوزۇقلۇق ئوكۇلى سالدۇرۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، قەستەنگە بۇنداق ئۇكۇللارنى سالدۇرۇش رامزاندا روزىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىش ئۈچۈن ھېلە ئىشلەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا تومۇرغا ۋە موسكۇلغا سالدۇرىدىغان ئۇكۇللارنىمۇ كېچىدە سالدۇرسا ياخشى بولىدۇ". بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، جاپالىق ئەمگەك قىلغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى توغرىسىدىكى 12592- ۋە 43772- نومۇرلۇق سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئۈچىنچى: بۇ بابتا نىيەت ئۈچۈن قارمۇ-قارشىلىق بار، بۇ ھىيلە-نەيرەڭ شەكلىدە بولىدۇ، روزا تۇتماسلىقىنى مەقسەت قىلىپ سەپەر قىلسا، ئۇ كىشىگە سەپەر قىلىش ۋە روزا تۇتماسلىق ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ، يەنى ھارام بولىدۇ. ئەمما توغرا نىيەت بىلەن ئىھتىياج سەۋەبى بىلەن سەپەر قىلسا بولىدۇ.

    ھەنبەلى مەزھەب كىتابلىرىدىن "كەششاپۇل قەننائ" ناملىق ئەسەر 2 -توم 312-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئەگەر رامىزاندا روزا تۇتماسلىق مەقسىتىدە سەپەر قىلغان بولسا،  سەپەر قىلىشمۇ ۋە ئىپتار قىلىشمۇ ئوخشاش چەكلىنىدۇ-ھارام بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ سەپەر قىلىشى ئۈچۈن ئىپتار قىلىشتىن باشقا سەۋەپ تېپىلمايدۇ. ئەمما ئىپتار قىلىشنىڭ چەكلىنىشى بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئىپتار قىلىشنى دۇرۇس قىلىدىغان ئۈزۈر تېپىلمايدۇ، ئەمما سەپەر قىلىشنىڭ چەكلىنىشى بولسا، سەپەر قىلىش دېگەن چەكلەنگەن ۋاقىتتا ئىپتار قىلىشقا يېتىدىغان ۋاستىدۇر.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى