پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

روزىدارغا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق سوغۇق سۇ، مېۋە سۈيى ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى ئەۋەتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا چاقچاق قىلىش مەقسىتىدە، روزىدارنى ھەسرەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈندۈزدە ئۇ كىشىگە: سوغۇق سۇ، تۈرلۈك مېۋە سۈيى ۋە كۆڭلى تارتىدىغان تۈرلۈك تائاملارنىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتسە گۇناھكار بولامدۇ ياكى بۇ شەرىئەتتە دۇرۇس بولىدىغان چاقچاقلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    روزىدار كۈندۈزدە يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلىنىدۇ، بۇنىڭ خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىش مەقسىتىدە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى: «تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بەندەمنىڭ تۇتقان روزىسى مەن ئۈچۈن، بەندەم ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە شەھۋېتىنى مېنىڭ رازىلىقىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن تەرك قىلدى، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى ئۆزۈم بېرىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى 7492-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1151-ھەدىس].

    روزىدارنى ھەسرەتلەندۈرۈش ياكى نىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى ئىپتار قىلىشنى چىرايلىق كۆرستىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەكنىڭ سۈرىتىنى يوللاپ قويۇش بولسا شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە زىت بولغان ھارام ئىشتۇر. بۇ مۇسۇلماننى ھەق يولدىن توسۇش ئۈچۈن ھەر بىر توغرا يولدا كۈزۈتۈپ ئولتۇرغان ئىبلىس شەيتاننىڭ ئىشىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ السَّبِيلِ فَهُمْ لَا يَهْتَدُونَ تەرجىمىسى: «شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى (يەنى ئاللاھنى قويۇپ، قۇياشقا چوقۇنغانلىقلىرىنى)چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ھىدايەت تاپمايدۇ». [سۈرە نەملى 24-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ * ثُمَّ لَآتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ تەرجىمىسى: «ئىبلىس ئېيتتى: مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ سەۋەبلىك ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن، ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭىدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن.» [سۈرە ئەئ‍راپ 16-17-ئايەتلەر].

    بۇ ئىشنى قىلىش ھارام بولۇپ، چاقچاق يولى بىلەن قىلغان بولسا مەكروھ بولىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى مۇسۇلمان كىشى ئاللاھنىڭ شۇئارلىرىنى ھۆرمەت قىلىش كېرەك، پەرز ئىبادەتنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە شەرىپىنى بىلىشى، رىغبەتلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى كېرەك، بەلكىم بۇ سۈرەتلەر بەزى بىر ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنى روزىنى بۇزۇشقا قۇترىتىپ قويۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن چاقچاق قىلغۇچى گۇناھكار بولىدۇ، ئەگەر روزىدارنى ھەقىقەتتە مۇشۇ ئىشتىھالىق تائامدىن مەھرۇم بولغانلىقىغا ھەسىرەتلىنىشنى ھېس قىلدۇرۇش ياكى ئۇ كىشىنىڭ نىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى روزىنى بۇزۇشنى چىرايلىق كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە زىت بولغان ھارام ئىشنى قىلغان بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاسىيلىق ۋە گۇناھ-مەسىيەتكە چاقىرىش بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى