پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

بالىلارنىڭ بېقىش مۇددىتى قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلارغا كىم نەپىقە قىلىپ بېرىدۇ؟

سۇئال

ئۆسمۈرلەر ياكى بالىلار قانچە ياشقىچە بېقىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ؟، ئەگەر ئېمىدىغان بوۋاقنىڭ ئانىسى باشقا ئەر بىلەن توي قىلسا، بوۋاق ئانىسى بىلەن بىرگە قالامدۇ؟، بالىلارنىڭ بېقىش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئانىسى بار پۇللارنى ئۇلارغا ئۆي سېتىۋېلىش ۋە باشقا ئىشلىرىغا سەرپ قىلسا بولامدۇ؟، ئانا بالىنى بېقىش مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن توي قىلغان بولسا، ئۇ يەردىكى ئۆيگە كىم ئىگە بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئەر-ئايال ئارىسىدا نىكاھ بولىدىكەن بالىنى بېقىش ھەققى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بولىدۇ. ئەگەر تالاق بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا بالىنى بېقىشقا ئانا ھەقلىق بولىدۇ.

    مالىكى مەزھىپىدىكى ئالىم ئەدەۋىي"شەرھىل خەرشى" 4-توم 207-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئايالنىڭ ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا ياكى تالاق قىلىنغان بولسا بالىنى ئايالى باقىدۇ، ئەمما ئېرىنىڭ نىكاھىدا بولغان مۇددەتتە بالىنى بېقىش ئىككىيلەننىڭ ئورتاق ھەققىدۇر.

    "پىقھى توپلاملىرى" 17-توم 301-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كېچىك بالىنى بېقىش ئەگەر ئەر -ئايال ئارىسىدا نىكاھ بولىدىكەن ئاتا-ئانا ئۈچۈن بولىدۇ، ئەگەر ئەر-ئايال ئايرىلىپ كەتكەن بولسا بالىنى بېقىش ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ئانىنىڭ ھەققىدۇر".

    ئىككىنچى: ئانا توي قىلمىغان مۇددەتتە يەتتە ياشقا كىرگۈچە بالىنى بېقىشقا ھەقلىق بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر ئايال: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مەن ئۇنى قورسىقىمدا ساقلىدىم، كۆكسۈمنى ئېمىتتىم، قۇچۇغۇمنى بۆشۈك قىلدىم، ئاتىسى مېنى تالاق قىلدى، ئۇ يەنە بالامنى مەندىن تارتىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: «ئەگەر توي قىلمىغان مۇددەتكىچە بالىنى بېقىشقا سىز ھەقلىق دېدى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى6707-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى2276-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   ئايال توي قىلغاندىن كېيىن بالىنى بېقىش ھەققى باشقىلارغا يۆتكىلىدۇ، بۇ توغرىدا پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ بار:

   بەزى ئالىملار ئانا توي قىلغاندىن كېيىن بالىنى بېقىش ھەققى چوڭ ئانىغا يۆتكىلىدۇ دەيدۇ، بۇ تۆت مەزھەپ ئالىملىرىدىن بولغان كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر.

    بەزى ئالىملار ئايال توي قىلغاندىن كېيىن بالىنى بېقىش ھەققى ئاتىغا يۆتكىلىدۇ دەيدۇ. بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئىبنى قەييىم قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ["پىقھى توپلاملىرى" 17-توم 302-بەت" ۋە "شەرھىل مۇمتىئ"13-توم 535-بەت].

    ئەگەر بىز بالىنى بېقىش ھەققى بالىنىڭ ئاتىسىغا يۆتكىلىدۇ دېسەك، ئاتىسى بالىسىنىڭ توي قىلغان ئايالى بىلەن بىرگە تۇرىشىغا رۇخسەت قىلسا، ئايال توي قىلغان ئەرمۇ بۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلسە، ئانىنىڭ بۇ ئىشقا بەك لايىق بولغانلىق ئۈچۈن ئۇ ۋاقىتتا ئانىسى توي قىلغاندىن كېيىنمۇ بالىنى باقسا دۇرۇس بولىدۇ دەيمىز.

   شۇنىڭدەك، ئانىنىڭ ئانىسىمۇ قايتىدىن توي قىلغان قىزى ئۈچۈن بالىنى بېقىش ھەققىدىن چۈشۈپ بېرىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بالىنى بېقىش ئاتىنىڭ ھەققى ئەمەس بەلكى ئانىنىڭ ھەققىدۇر.

   شۇنىڭغا ئاساسەن: ئانىدىن باشقىلار بالىنى بېقىشتىن باش تارتسا، ئۇ ۋاقىتتا ئانىنىڭ بېقىشى دۇرۇس بولىدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ"13-توم 536-بەت].

    ئۈچىنچى: ئانا توي قىلماي بالا يەتتە ياشقا يەتكەن بولسا:

   1-ئەگەر بالا ئوغۇل بولسا، ئۇنىڭغا ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ئارىسىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ، بالا كىمنى تاللىسا شۇنىڭ بىلەن بولىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، شۇ ۋاقىتتا بىر ئايالنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئېرىم مەندىن بالامنى تارتىۋالىمەن دەيدۇ، مەن ئۇنى ئېمىتىپ چوڭ قىلدىم، بۇنىڭ پايدىسى بولمامدۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىككىڭلار ئۇنىڭ تاللىشى ئۈچۈن چەك تاشلاڭلار دېدى»، بالىنىڭ ئاتىسى: بالامغا كىم مەندەك كۆيۈنىدۇ؟، ئۇ ماڭا قېتىلىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ سېنىڭ ئاتاڭ، بۇ سېنىڭ ئاناڭ، ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى خالىساڭ شۇنىڭ قولىنى تۇتقىن دېدى»، بالا ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئانىسى بىلەن بىرگە يۈرۈپ كەتتى. [نىسائى رىۋايىتى 3496-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى2277-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا كەلتۈردى. ھەنبەلى ۋە شافىئى مەزھەپ ئالىملىرى بۇ قاراشنى كۈچلاندۇردى].

  2-ئەگەر بالا قىز بولسا، ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭغىمۇ ئىختىيارلىق بېرىلىدۇ.

    ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ قىز بالا توي قىلغۇچە ياكى ئادەت كۆرگەن مۇددەتكىچە ئۇنى بېقىشقا ئانا بەك لايىق دەيدۇ.

   ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ: قىز توي قىلىپ ئەر بىلەن بىر ئۆيگە كىرگەنگە قەدەر ئۇنى بېقىشقا ئانا لايىق دەيدۇ.

   ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ: قىزنى بېقىشقا ئاتىسى بەك لايىق، چۈنكى ئۇنى ئاتىسى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، دەيدۇ. ["پىقھى توپلاملىرى" 17-توم 314 -317-بەتكە قارالسۇن].

    تۆتىنچى: بالىنىڭ بېقىش مۇددىتى بالا بالاغەتكە يېتىش ۋە ئاق-قارىنى ئايرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ئاتا-ئانىسىدىن قايسىسىنى تاللىسا بولىدۇ، ئەگەر ئوغۇل بولسا يالغۇز ياشايمەن دېسىمۇ بولىدۇ.

   ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بالىنى بېقىش ھەققى دېگەن كېچىك بالا ياكى ئەقلى يېتىلمىگەن بالىلار ئۈچۈن بولىدۇ، ئەمما بالاغەتكە يەتكەن، توغرا-خاتانى بىلىدىغان بالىغا بېقىش ھەققى بولمايدۇ، ئۇ بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ قايسىسى بىلەن بىرگە تۇرۇشنى تاللىسا شۇنىڭ بىلەن تۇرىدۇ.

   ئەگەر ئوغۇل بالا بولسا ئاتا-ئانىسىدىن بىھاجەت بولغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز تۇرسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇلاردىن ئايرىلماي بىرگە تۇرۇشى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇشى مۇستەھەپ بولىدۇ.

    ئەگەر قىز بولۇپ قالسا ئۇنىڭ يالغۇز تۇرۇشى بولمايدۇ، ئاتىسى ئۇنى يالغۇز تۇرۇشتىن چەكلىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى قىز بالىنىڭ قېشىغا ئۇنى يولدىن چىقىرىدىغان ناچار ئىنسانلار كىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئاتىسىنىڭ يۈزى تۆكۈلىدۇ، ئەگەر قىزنىڭ ئاتىسى بولمىسا، ئۇنىڭغا ۋەلى بولالايدىغان باشقا تۇغقانلىرى ئۇنى يالغۇز تۇرۇشتىن چەكلەيدۇ". ["ئەلمۇغنى" 8-توم 191-بەت].

   بەشىنچى: بېقىش مۇددىتىدە بالىلارنىڭ خىراجەتلىرىنى ئاتىسى قىلىپ بېرىدۇ. بالىلار بالاغەتكە يەتكەندە، توغرا-خاتانى ئايرىغۇدەك بولغاندا، ئۇلارغا كىمنىڭ نەپىقە قىلىپ بېرىشى ۋاجىپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. 

   بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل كەمبەغەل بولسا، ئۇنىڭ خىراجىتى ئىقتىسادى بار بولغان ئاتىسىغا ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر ئاتىسى بولمىسا، مۇتلەق باي ئانىسىغا ۋاجىپ بولىدۇ، ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئانىسى ساق بولسۇن ياكى ئاجىز بولسۇن ئوخشاشلا خىراجەت قىلىش ئانىسىغا ۋاجىپ بولىدۇ.

    شافىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە: ئاتىسى كېسەل بولسا ياكى قەرزدار بولسا ئۇ ۋاقىتتا ئانىسىغا ۋاجىپ بولىدۇ، دەيدۇ.

    "ئەلئىنساپ" 9-توم 289-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ئاپتورنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نەۋرىلىرى دېگەن سۆزى: ئۆزى كەمبەغەل، سالامەتلىكى ياخشى بولغان چوڭ بالىلىرىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇ توغرا قاراش، بۇ ھەنبەلى مەزھەپنىڭ يەككە قاراشلىرىدىندۇر.

    ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام شافىئى مۇنداق دېگەن: ھۆكۈم تەرەپتىن ياكى يارىتىلىش تەرەپتىن بالىنىڭ كەمتۈكلىكى شەرت قىلىنىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىپە مۇنداق دېگەن: ئوغۇل بالىغا بالاغەتكە يەتكۈچە خىراجەت قىلىپ بېرىدۇ، بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان خىراجەت ئۈزۈلىدۇ. قىز بالىنىڭ خىراجىتى بولسا توي قىلغانغا قەدەر چۈشۈپ كەتمەيدۇ.

    ئىمام مالىكمۇ بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشىشىنى دېگەن لېكىن ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: ئايالغا توي قىلىپ، ئەر بىلەن بىر ئۆيگە كىرگەنگە قەدەر خىراجەت قىلىپ بېرىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا خىراجەت بېرىلمەيدۇ، ئەگەر تالاق قىلىنغان بولسىمۇ شۇنداق. ئەگەر نىكاھ قىلىپ، ئەر بىلەن بىر ئۆيگە كىرىشتىن ئىلگىرى تالاق قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭغا خىراجەت بېرىلىدۇ.

   بىزنىڭ دەلىلىمىز: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ سۇپياننىڭ ئايالى ھىندى خاتۇنغا: «ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا كۇپايە قىلغۇدەك بىر نەرسە ئالساڭ بولىدۇ دېگەن»، ئەۋلادلاردىن بالاغەتكە يەتكەن ساق بالىسىنى ئايرىۋەتمىدى، چۈنكى ئۇمۇ نامرات بالا ئېدى، ئۇنىڭ خىراجىتىنى قىلىپ بېرىش باي ئاتىسىغا بولىدۇ، گەرچە ئۇ پالەچ بولسۇن ياكى ئەما بولسۇن ئوخشاش". ["ئەلمۇغنى" 9-توم 258-بەت].

    بۇنىڭدىن شۇ بىلىندىكى، ئەگەر بالىنىڭ ئاتىسى مەۋجۇت بولىدىكەن، بالىنىڭ بېقىش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بالىغا خىراجەت قىلىش ياكى ئۇنىڭغا ئۆي سېتىۋېلىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش كېرەك بولمايدۇ، قىز بالىنىڭ خىراجىتى ئۇ توي قىلغانغا قەدەر ئاتىسىغا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى