پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تىجارەت ساھەسىدە رەڭلەرنى ئىشلىتىش كۆز بويامچىلىق تۈرىگە كېرەمدۇ؟

سۇئال

مەن رەڭلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ بەزىسىگە قانداق مۇناسىپ كېلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىزگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا ماتىرياللارنى كۆرىمەن، مەن ئاپلىسىن رەڭگىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ياخشى بولىشىغا ياردىمى بولىدىغان ئىللىق رەڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم، يەنە بەزى ماتىرياللاردا بۇ رەڭنىڭ ئىنساننىڭ  ئېشتىھاسىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئوقۇدۇم، بىز رەڭلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان تەسىرى قاتارلىق تەرەپلەردىن پايدىلىنىپ بۇنى بازاردا دۇرۇس بولغان تىجارەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن قىلساق توغرا بولامدۇ؟، مەسىلەن: بەزى تىز تاماقخانىلارنى ئاپلىسىن رەڭگىدە بوياپ، تاماقخانىنىڭ ئېچكى كۆرۈنىشىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىشقا تېرىشساق؟، ياكى بۇنداق قىلىشىمىز، يوللۇق سەۋەپلەردىن بولمىغان كۆز بويامچىلىق ياكى رەمباللىق ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تىجارەت ساھەسىدە رەڭلەردىن پايدىلىنىشنىڭ ھېچ زىيىنى يوق، بەزى رەڭلەرنى كىشىلەر ياخشى كۆرىدۇ، بەزى رەڭلەر بىلەن ئۇلارنىڭ نېرۋىلىرى ئارام تاپىدۇ، بەزى رەڭلەرنى ئىنسان ياقتۇرمايدۇ.

     بەزى تەتقىقاتلار سىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئاپلىسىن رەڭگى راھەت ۋە ئىللىقلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ، قىزىل رەڭ ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ ئاچچىقلىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ دېگەندەك، رەڭلەرنىڭ ئىنسانغا بولغان تەسىرىنىڭ ئىنشەنچىلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

     ئومۇمەن بۇ ئىشلار تەجىربىلەر بىلەن ئىسپاتلانغان، كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسى مەلۇم بىر رەڭگە مايىل بولغان بولسا، تىجارەت ساھەسىدە بۇ رەڭنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇنىڭ كۆز بويامچىلىق - ئالدامچىلىق ۋە رەمباللىق بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق، چۈنكى رەمباللىق دېگەن: كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئىشلارنى بىلىمەن دېيىش ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

    "پىقھى توپلاملىرى" ناملىق ئەسەر 14-توم 52-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: "رەمباللىق دېگەن: كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن خەۋەر بېرىپ مەن بۇنىڭ سىرلىرىنى بىلىمەن دىيىشتىن ئىبارەتتۇر".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى