يەكشەنبە 20 زۇل قەئەدە 1446 - 18 ماي 2025
Uygur

غەيرى مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ مەلۇم بىر تېمىغا ئالاقىدار بولغان بىر قانچە سوئاللىرىم بار، ئۇ بولسىمۇ:  1-مۇسۇلمان بولمىغانلار بىلەن تۈرلۈك مۇئامىلىلەرنى قىلىش ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش.  بىرىنچى:  غەيرى مۇسۇلمانلارنى دوست تۇتۇش، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقە قىلىش مەقسەت قىلىنىدىغان ئىشلار ھارام بولامدۇ؟، ئۇنداق بولسا مۇسۇلمان كىشى مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كېرىشىگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟، ئۇلار بۇنىڭدا سىلەر سۆزلىگەن دەلىللەرنى زىكىر قىلمايدۇ، ئۇنداقتا غەيرى مۇسۇلمانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىنى قانداق مايىل قىلغىلى بولىدۇ؟، چۈنكى مەن ئەجەبلىنىپ قالىمەن:  ئۇلار بىلەن ھەقىقى دوست بولماي، ياسالما دوستلۇق ئورنىتىپ ئىسلامغا دەۋەت قىلىش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟.  شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشنى تەپسىلى بايان قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

2-مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ئايال بىلەن توي قىلىش مەسىلىسى، بۇ يەردىكى سوئال: ئىسلام ياخشى كۆرۈش، سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە تىنچلىق دىنى ئەمەسمۇ؟!، غەيرى مۇسۇلماننى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ئۇلار بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى قانداقمۇ چەكلەيدۇ؟، مېنىڭ سوئالىم بەك كۆپ،  لېكىن سوئالنىڭ تۈرلىرىدىن مەن سوراشنى ياخشى كۆرگەن ئىككى تۈرلۈك ھارام سوئال بار، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئېغىزىم توسۇلۇپ قالىدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ماڭا ئىنچىكە ۋە ئومۇمى يۈزلۈك جاۋابنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ھالدا تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ سوئالىم ئۈچۈن ساددا كۆرىنىمەن، لېكىن مەن دىندىن كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تىرىشىۋاتىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىمانى قۇۋۋىتىنى زىيادە قىلىدىغان ۋە قەلبىنى مۇستەھكەم قىلىدىغان يولدا مېڭىشى كېرەك، قەلب شەك-شۈبھە، شىكايەتلەرگە كۆنۈپ قالسا، ئۇنىڭ شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقلىرىنى چۈشىنىشى قېيىن بولىدۇ، ئۇنى پەقەت كۆپ سوئال سوراش ئارقىلىق يوق قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق ھالەتتە سوئال سوراش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى شەرىئەت قائىدىسىدە: " ۋاجىپ ئۇنىڭ بىلەن تامام بولىدىغان ئىشمۇ ۋاجىپ بولىدۇ" دېيىلگەن.  ئاللاھ تائالا ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراشقا بۇيرىغان.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرى (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىلگۈچىلەر) دىن سوراڭلا». [سۈرە نەھىل 43 -ئايەت.]

مۇسۇلمان دىلىدىكى شۈك-شۈبھە، ۋەسۋەسىلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوئال سوراش ماختىلىدىغان ئىشتۇر. ئەمما پىتنە پەيدا قىلىش، شۈبھە قوزغاش ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىش مەقسىتىدە سوئال سوراش قاتتىق ئەيىبلىنىدۇ.

ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر نەرسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىلىمگە رىغبەتلىنىپ سوئال سورىغان كىشى، ئۆزىدىن ئىلىمسىزلىكنى يوق قىلىدۇ، دىنى جەھەتتە بىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش ۋاجىپ بولغان ئىشقا تۇرغان بولىدۇ، بۇنىڭ زىيىنى يوق، بىلىمسىزلىكنىڭ ئىلاجى سوراشتۇر.

كىمىكى مەسىلىنى چۈشىنىشنى ۋە ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلماستىن قىيىنچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن سوئال سورايدىكەن، بۇ شەكىلدىكى سوئال ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن توغرا بولمايدۇ". [ "ئەتتەمھىيد"  21 -توم 292 -بەت].

شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىرلىك ھەمشىرەم! سىزنى دىنى ئىشلارنى چۈشىنىشتە، ئۆزىڭىزدە شەك پەيدا بولۇپ قالغان مەسىلىلەر بولسا ئىككىلەنمەستىن سوراشقا دەۋەت قىلىمىز، ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىزنى ھەقكە مۇۋەپپەق قىلسۇن ۋە ھەقتە مۇستەھكەم قىلسۇن.

ئىككىنچى:  ئاللاھ تائالا بىزنى كۇپىردىن ۋە ئۇنىڭ ئەھلىدىن ئادا-جۇدا بولۇشقا بۇيرىدى.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآءُ مِنْكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّى تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَحْدَهُ  تەرجىمىسى:  «ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان (مۆمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە:  ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىرىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ، دېدى». [سۈرە مۇمتەھىنە 4 -ئايەت.]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَا تَجِدُ قَوْمًا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ يُوَادُّونَ مَنْ حَادَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَوْ كَانُوا آبَاءَهُمْ أَوْ أَبْنَاءَهُمْ أَوْ إِخْوَانَهُمْ أَوْ عَشِيرَتَهُمْ أُولَئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ الْإِيمَانَ وَأَيَّدَهُمْ بِرُوحٍ مِنْهُ وَيُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ أُولَئِكَ حِزْبُ اللَّهِ أَلَا إِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْمُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى _ ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ _ دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھ ئىماننى مۇستەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئاللاھتىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر». [سۈرە مۇجادىلە 22 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَى أَوْلِيَاءَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى ۋەلى قىلىۋالماڭلار. ئۇلار بىر ـ بىرىنىڭ ۋەلىلىرىدۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى ۋەلى قىلىۋالىدىكەن، ئۇمۇ شۇلاردىن سانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ». [سۈرە مائىدە 51 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئىمان ۋە ئىمان ئەھلىنى دوست تۇتۇشقا بۇيرىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاعْتَصِمُوا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعاً وَلا تَفَرَّقُوا وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ كُنْتُمْ أَعْدَاءً فَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِكُمْ فَأَصْبَحْتُمْ بِنِعْمَتِهِ إِخْوَاناً وَكُنْتُمْ عَلَى شَفَا حُفْرَةٍ مِنَ النَّارِ فَأَنْقَذَكُمْ مِنْهَا كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ تەرجىمىسى: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار.  ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى(ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى.  سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ». [سۈرە ئال ئىمران 103 -ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشى ۋە ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرۈشى بولسا ئىماننىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھالقىسىدۇر». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى18524 -ھەدىس. مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار ھەسەن دېگەن.  شۇنىڭدەك شەيخ ئەلبانىمۇ ھەسەن دەپ، "تەرغىپنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى 3030 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق كىشىدە ئۈچ تۈرلۈك ئىش تېپىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىيدۇ: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇ كىشى ئۇ ئىككەيلەندىن باشقا ھەممە نەرسىدىن بەك ياخشى كۆرەلگۈچى بولىشى كېرەك، بىر ئىنساننى ياخشى كۆرسە پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشى كېرەك، ئاللاھ تائالا ھىدايەت قىلىپ ئىمان ئاتا قىلغاندىن كېيىن كۇپۇرغا قايتىشنى ئوتقا قايتىشنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرۈشى كېرەك». [بۇخارى رىۋايىتى16-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى43-ھەدىس].

ئۈچىنچى:  يۇقىرىدا بېكىتىلگەندەك، مەلۇم بىر سەۋەبلەر بىلەن بولغان: ئۇرۇغ-تۇغقانلىق، نەسەبتىن بولغان تۇغقانلىق، قۇدا-باجىلىقتىن بولغان تۇغقانلىق ياكى سىلە-رەھىم، ياخشىلىق قاتارلىق ئىشلار مۇسۇلمان بىلەن مەلۇم بىر كاپىرنىڭ ئارىسىدا تەبىئىي ياخشى كۆرۈشنى پەيدا قىلغان بولسا، بۇ چەكلەنمەيدۇ، ئەمما ئېتىقادى تەرەپتىن بولغان مۇھەببەت-نەپرەت قارىشى داۋام قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپ گەرچە كاپىر بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ياخشى كۆرۈشىنى ئىسپاتلاپ، مۇنداق دېگەن: إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْت تەرجىمىسى: «سەن ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن كىشىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلالمايسەن». [سۈرە قەسەس 56 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئەھلى كىتابنىڭ قىز-خانىملىرى بىلەن توي قىلىشنى دۇرۇس قىلدى، نىكاھنىڭ ئەر-ئايال ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلماقلىقى بىلەن، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: خَلَقَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَرَحْمَةً تەرجىمىسى: « ئاياللار بىلەن ئۇنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر- خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر». [سۈرە مۇمتەھىنە 4 -ئايەت.]

بۇ مۇھەببەت، ئىنسان تەبىئىتىدىن بولغان مۇھەببەت بولۇپ، خۇددى ئىنساننىڭ يەمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك دېگەندەك نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈشىگە ئوخشايدۇ، بۇ دىنى ئاداۋەتنىڭ جۇغلىشىشى ۋە تەبىئىي مۇھەببەتنىڭ بىرگە بولىشى بىلەن چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى ئىشنىڭ كېلىش مەنبىيى ئوخشىمايدۇ.

دورا-ئىلاجمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدۇ، دورا-ئىلاجلاردا ياخشى كۆرۈش بىلەن ئۆچ كۆرۈش جۇغلىنىدۇ، ئۇ بىر تەرەپتىن ياخشى كۆرۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆچ كۆرۈلىدۇ.

تۆتىنچى: بۇنى چۈشەنگەندە، بىر شەخستە تۇغقانچىلىق ياكى ئېھسان قىلىش تەرەپتىن ياكى باشقا تەرەپتىن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان، كاپىر بولغانلىقى ياكى دۈشمەنلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولىدىغان ئىككى ئىش جۇغلاشسا، ھەقىقى ئىمتىھان ئىككى سۆيگۈ بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى بولۇپ قالغاندا نامايەندە بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۆمىن بەندىلىرىنى مۇشۇنداق تەبىئىي مۇھەببەت بىلەن ئۆز خاھىشىغا ئەگىشىدىغان مۇھەببەتنى ئىمانى مۇھەببەت ۋە شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇشتىن ئاگاھلاندۇردى.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لا تَتَّخِذُوا آبَاءَكُمْ وَإِخْوَانَكُمْ أَوْلِيَاءَ إِنِ اسْتَحَبُّوا الْكُفْرَ عَلَى الإيمَانِ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ * قُلْ إِنْ كَانَ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُمْ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّى يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ وَاللَّهُ لا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر!  ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىماندىن كۇفرىنى ئارتۇق كۆرسە (كۇفرىدا مەھكەم تۇرسا)، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. ئىچىڭلاردىن كىملەركى، ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر. يەنى ئۇلارغا ئوخشاش مۇشرىكتۇر، چۈنكى مۇشرىكلىككە رازى بولغان ئادەممۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ، ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ چەك ـ چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ». [سۈرە تەۋبە 23- -24 ئايەت.]

شەيخ سەئدى رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىدىكى ئايەتنى ئېزاھلاپ مۇنداق دېگەن: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئىماننىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىڭلار، ئىماننىڭ تەقەززاسىنى ئۆزىدە بەرپا قىلغانلارنى دوست تۇتۇڭلار، ئىماننىڭ تەقەززاسىنى ئۆزىدە بەرپا قىلمىغانلارنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يېقىنلىرى بولغان ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىماندىن كۇفرىنى ئارتۇق كۆرسە-باشقىلارنىمۇ دوست تۇتمايسىلەر، ئۇلارنىمۇ دوست تۇتماڭلار. ئىچىڭلاردىن كىملەركى، ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر چۈنكى  ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشقا جۇرئەت قىلدى، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتتى، دوستلۇق ماھىيەتتە ياخشى كۆرۈش ۋە ياردەم بېرىشتۇر، ئۇلارنى دوست تۇتۇش بولسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئالدىغا، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشنى بولسا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالدىغا قويۇشنى لازىم تۇتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى لازىم قىلىدىغان سەۋەبنى زىكىر قىلدى، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلنىڭ مۇھەببىتىدۇر، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلنىڭ مۇھەببىتىنى ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى كۆرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئالدىدا قىلىش كېرەك. باشقا بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان قىلىش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلار، ئۇلارغا ئوخشاش ئانىلىرىڭلار، ئوغۇللىرىڭلار ۋە نەسەبتىن بولغان قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار، كەسىپ قىلىپ، تىجارەت قىلىپ، ھېرىپ-چارچاپ  تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار،  ئايەتتە بۇ يەردە پۇل-مال زىكىر قىلىندى، چۈنكى ئۇنىڭغا ھەممە رىغبەتلىنىدۇ، مال ساھىبى ھېرىش-چارچاشسىز كەلگەن مالدىنمۇ بەك ھېرىش-چارچاش بىلەن ئېرىشكەن مالغا بەك ھېرىسمەن بولىدۇ.

ئاقماي قېلىشىدىن، باھاسى چۈشۈپ كېتىشتىن قورققان تىجارىتىڭلار؛ بۇ تىجارەت كەسىپنىڭ بارلىق تۈرلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، قاچا-قۇچا، قورال-ياراق، رەخت تىجارىتى، تۈرلۈك دانلار، ئاشلىقلار، چارۋىلار ۋە تىجارەتنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

گۈزەللىكىدىن، نەقىشلىرىدىن، كۆڭۈل خاھىشىڭلارغا مۇۋاپىق كەلگەنلىكىدىن ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار، بۇ نەرسىلەر سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىلەر ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىققان پاسىق ۋە زالىمسىلەر.

ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ قايتۇرۇلمايدىغان ئەمرى كەلگۈچە يەنى ئازاپ چۈشكەنگە قەدەر كۈتۈڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ چەك ـ چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ، يەنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە يۇقىرىدا بايان قىلغان ئون تۈرلۈك نەرسىلەردىن بىرىنى ئۈستۈن قىلىۋالغان كىشىنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ.

بۇ ئايەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈشنى، باشقا بارلىق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالدىغا قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى ، كىمكى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىشلارنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ يۇقىرى بىلسە ئۇ كىشىگە قاتتىق ئازاپ ۋەدە قىلىنغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.

بۇنىڭ بەلگىسى:  ئۇ كىشىگە ئىككى ئىش توغرىلانسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى:  ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈش ۋە كۆڭلىدە ئۇنىڭدىن باشقىغا ئورۇن بەرمەس، يەنە بىرى:  ئۆز نەپسى خاھىشىنى ياخشى كۆرۈش، لېكىن ئۇ كىشى بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بولغان سۆيگىنى يوقىتىپ قويىدۇ ياكى كېمەيتىۋېتىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشنى ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىنىڭ ئالدىغا قىلسا، بۇ ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋاجىپ بولغان ئىشنى تەرك قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ". [ "تەپسىر كەرىمىل مەننان"  332 -بەت. ]

بەشىنچى:  كاپىرلاردىن ئادا-جۇدا بولۇش، ئۇنى ئۆچ كۆرۈش، بۇ كاپىرنىڭ نەسەبىنى ياكى يۇرتىنى ياكى رەڭگىنى ياكى شەكلىنى ئۆچ كۆرۈش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىكى كۇپۇرلۇق ئىدىيىسىنى ۋە دىنغا بولغان ئۆچمەنلىكنى ئۆچ كۆرۈشتۇر.

بۇنىڭ ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئارىسىدا ھېچ زىتلىق بولمايدۇ، بەلكى بۇ ئومۇمى پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنىڭ ئىشىدۇر، ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان ئىشىدۇر، ئۇلار يېقىنلىرىنىڭ ياكى قەۋمىنىڭ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئۇنىڭ دىنىدىن يىراق بولۇش، ئەلچىسىنى يالغانغا چېقىرىپ ئىنكار قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىدىن ئادا-جۇدا بولغان، شۇنداقلا، ئۇلار ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ دىنىغا كېرىشنى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق ھىدايەت تاپقان.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ!  ئىسلامنى ئەبۇ جەھىل ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتاپتىن ئىبارەت ئىككى كىشىنىڭ قايسى ساڭا سۆيۈملۈك بولسا شۇنىڭ بىلەن ئەزىز قىلغىن دەپ دۇئا قىلغان، ئاللاھقا ئۇ ئىككىسىدىن ئۆمەر ياخشى كۆرەلگۈچى بولغان». [تىرمىزى رىۋايىتى 3681- ھەدىس. غەرىپ ھەدىس، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.]

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاراپ ئولتۇراتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەردىن بىر پەيغەمبەرنىڭ ۋەقەلىكىنى دەپ بېرىۋاتاتتى، ئۇ پەيغەمبەرنى قەۋمى ئۇرۇپ قانغا بويىۋەتكەندە، ئۇ يۈزىدىن قاننى سۈرتۈۋېتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ!  قەۋمىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن ئۇلار بىلمەيدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 3477 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1792 -ھەدىس].

بۇ ۋەقەنى ئويلىنىپ باقسىڭىز دىندا دۈشمەنلىكنىڭ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆرىسىز، ھەتتا كاپىرنىڭ تەرىپىدىنمۇ ئۆزىدىكى كۇپۇرنى تاشلاپ ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرگەندە، ئىماننى ياخشى كۆرۈشكە ئۆزگىرىش بولىدۇ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەجدە تەرىپىگە ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتتى، ئۇلار يولدا بەنى ھەنىپە ئايمىغىدىن بولغان بىر كىشىنى تۇتۇپ كەلگەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى سۇمامە ئىبنى ئەسال ئېدى، كىشىلەرنى مەسچىتنىڭ تۈرۈكلىرىدىن بىر تۈۋرۈككە باغلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چېقىپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ؛ «ئەي سۇمامە!  يېنىڭدا نېمە بار؟» دېدى، ئۇ كىشى:  ئەي مۇھەممەد!  يېنىمدا ياخشىلىق بار، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرسەڭ، قان داۋاسى قىلىنىدىغان بىرىنى ئۆلتۈرىسەن، ئەگەر ئىلتىپات قىلساڭ، ئىلتىپاتىڭغا رەھمەت ئېيتىلىدۇ، ئەگەر مال تەلەپ قىلساڭ، ئۇنىڭدىن خالىغىنىڭنى سورىغىن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمنى شۇ ھالەتتە قويۇپ قويدى، ئەتىسى ئەتتىگەندە كېلىپ يەنە: «ئەي سۇمامە!  يېنىڭدا نېمە بار؟» دېدى، ئۇ كىشى: مەن ساڭا دېدىم: ئەگەر ئىلتىپات قىلساڭ، ئىلتىپاتىڭغا رەھمەت ئېيتىلىدۇ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى شۇ ھالەتتە قويۇپ قويۇپ يەنە ئەتىسى ئەتتىگەندە كېلىپ:  «ئەي سۇمامە!  يېنىڭدا نېمە بار؟»دېدى، ئۇ كىشى: مەن ساڭا دېگەن نەرسە بار دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سۇمامەنى قويۇپ بېرىڭلار» دېدى، ئۇ كىشى مەسچىتكە يېقىن جايدىكى خورمىلىققا باردى، يۇيۇندى ئاندىن مەسچىتكە كېلىپ مۇنداق دېدى:  ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئەي مۇھەممەد!  ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، زېمىن يۈزىدە ماڭا سەندىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىرسى يوق ئېدى، ھازىر سەن دۇنيادا ماڭا ھەممىدىن سۆيۈملۈك كىشى بولدۇڭ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، زېمىندا ماڭا سېنىڭ دىنىڭدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرەلگۈچى دىن يوق ئېدى، ئەمدى سېنىڭ دىنىڭ ماڭا ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەلگۈچى دىن بولدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ماڭا سېنىڭ يۇرتۇڭدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان يۇرت يوق ئېدى، ئەمدى سېنىڭ يۇرتۇڭ ماڭا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان يۇرت بولدى، سېنىڭ ئاتلىق قوشۇنۇڭ مېنى يولدىن تۇتۇپ كەلدى، مەن ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ماڭغان ئىدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى تەبرىكلەپ، ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىدى». [ بۇخارى رىۋايىتى 4372 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1764 -ھەدىس].

ئالتىنچى:  بىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان ۋە بېكىتىلگەن نەرسىدىن:  بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش:  شېرىك ۋە ئۇنىڭ ئەھلىدىن ئادا-جۇدا بولۇش، ئاللاھ ئۈچۈن خەلققە رەھىم قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ياخشى كۆرۈش، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش بولسا، مۇشۇ ئۈممەت ئۈچۈن قىلىنغان ياخشىلىق سەۋەبلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر.  ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتنى مۇشۇ ئىش بىلەن مەدھىيەلىگەن.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت».

يەنە بىر ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر، كىشىلەرنى بويۇنلىرىغا زەنجىر سېلىپ ئېلىپ كېلىدۇ ھەتتا ئۇلار ئىسلامغا كېرىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 4557 -ھەدىس].

مۇشۇ سالىھ مۆمىن بەندىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كاپىر، يالغانچى ۋە ئىنكارچى قەۋمى بىلەن بولغان ئەھۋالنى، ئۇ قەۋمىنىڭ ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق قىلغان، قەۋمىنىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ دەۋىتىنى ئىنكار قىلىپ ئاخىرىدا ئۇنى ئۆلتۈرگەن، ئۇ كىشى شۇنداق ھالەتتە تۇرۇپ ۋە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ قەۋمى ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە ھىدايەت ئۈمىت قىلغانلىق ۋەقەلىكىنى ئويلىنىپ بېقىڭ؟.   بۇتوغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَجَاءَ مِنْ أَقْصَى الْمَدِينَةِ رَجُلٌ يَسْعَى قَالَ يَاقَوْمِ اتَّبِعُوا الْمُرْسَلِينَ ، اتَّبِعُوا مَنْ لَا يَسْأَلُكُمْ أَجْرًا وَهُمْ مُهْتَدُونَ ، وَمَا لِيَ لَا أَعْبُدُ الَّذِي فَطَرَنِي وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ ، أَأَتَّخِذُ مِنْ دُونِهِ آلِهَةً إِنْ يُرِدْنِ الرَّحْمَنُ بِضُرٍّ لَا تُغْنِ عَنِّي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا وَلَا يُنْقِذُونِ ، إِنِّي إِذًا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ ، إِنِّي آمَنْتُ بِرَبِّكُمْ فَاسْمَعُونِ ، قِيلَ ادْخُلِ الْجَنَّةَ قَالَ يَالَيْتَ قَوْمِي يَعْلَمُونَ ، بِمَا غَفَرَ لِي رَبِّي وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُكْرَمِينَ تەرجىمىسى: «شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى (يەنى ھەبىب نەجار) يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم!  پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار، توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار، مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي؟، مەن ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، ئەگەر مېھرىبان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولسا (يەنى ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام)، مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولىمەن، مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ياراتقان) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئىمانىمغا) قۇلاق سېلىڭلار (ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار، قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى». [سۈرە ياسىن 20 -27 -ئايەتكىچە].

قەتادە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەۋمى ئۇنىڭغا تاش ياغدۇرغىلى تۇردى، ئۇ كىشى شۇ ھالەتتە تۇرۇپ:  ئى ئاللاھ!  قەۋمىمنى ھىدايەت قىلغىن، ھەقىقەتەن ئۇلار بىلمەيدۇ دەيدۇ، ئۇلار تاشنى ئېتىۋېرىپ ئۇنى يىقىتتى، ئۇ كىشى شۇ سۆزىنى داۋام قىلىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنى ئۆلتۈردى.  ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن". [ "تەپسىر ئىبنى كەسىر" 6 -توم 571 -بەت.]

ئاللاھ تائالانىڭ "پىرئەۋن خانىدانىدىكى مۆمىننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۆز قەۋمىدىن ئادا-جۇدا بولغانلىقى، ئۇلارنى گەرچە ئۇلار كاپىر، يالغانچى ۋە ئاللاھنى ئىنكار قىلغۇچى قەۋم بولسىمۇ نىجاتلىققا چاقىرغانلىقى" توغرىسىدىكى ۋەقەلىكنى ئويلىنىپ بېقىڭ. بۇ ۋەقەلىك مۆمىنۇن سۈرىسى دەپ ئاتالغان. غاپىر سۈرىسىدە ئۇزۇن بايان قىلىنغان.

ئۇرۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ۋە ھاممىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:  سىلىنىڭ باشلىرىغا ئوھۇد كۈنىدىكىدىنمۇ قاتتىق كۈن كەلگەنمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن سىزنىڭ قەۋمىڭىزدىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىم، ئۇنىڭ ماڭا ئەڭ ئەشەددى بولغىنى ئەقەبە كۈنى ئۇلاردىن يەتكەن ئەزىيەت، ئۇ كۈندە مەن ئۆزۈمنى ئىبنى ئەبدۇ يالىيل ئىبنى ئەبدۇ كۇلەلگە توغىرلىدىم، ئۇلار مەن مەقسەت قىلغان ئىشقا جاۋاپ بەرمىدى، مەن ناھايىتى غەمكىن ھالەتتە يۈرۈپ كەتتىم، پەقەت قەرنى سەئالىپ دېگەن جايغا كەلگەندە، ئەسلىمگە كەپتىمەن، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۈستۈمدە بىر پارچە بۇلۇت سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ، بۇلۇتقا قارىسام جەبرائىل ئەلەيھىسسالام تۇرۇپتۇ، ئۇ مېنى چاقىرىپ:  ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سېنىڭ قەۋمىڭگە ئېيتقان سۆزلىرىڭنى ۋە قەۋمىڭنىڭ قايتۇرغان سۆزلىرىنى ئاڭلىدى، سېنىڭ ئۇلار توغرىسىدا نېمىنى خالىساق شۇنىڭغا بۇيرۇشۇڭ ئۈچۈن  تاغقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتىنى يېنىڭغا ئەۋەتتى، تاغقا مۇئەككەل پەرىشتە مېنى چاقىرىپ، ماڭا سالام قىلىپ، ئاندىن مۇنداق دېدى:  ئۇلار توغرىسىدا نېمىنى خالايسەن؟ ئەگەر خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىككى تاغنى كۆمتۈرىۋېتىمەن؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بەلكى ئاللاھ تائالا نىڭ ئۇلارنىڭ سۈلبىدىن يالغۇز بىر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان ئەۋلادلارنى چىقىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن دېدى».  [بۇخارى رىۋايىتى 3231 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1795-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: «بىز سېنى پۈتۈن ئالەمگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق». [سۈرە ئەنبىيا 107 -ئايەت.]

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ : يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتى، كىمكى بۇ رەھمەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ نېمەتكە رەھمەت ئېيتسا، دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختلىك بولىدۇ، كىمكى بۇ رەھمەتنى رەت قىلسا، ئۇنىڭغا تۇزكورلۇق قىلسا، دۇنيا-ئاخىرەتتە خار بولىدۇ".

مۇسلىمدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە:  ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئۈچۈن مۇشرىكلارغا بەد دۇئا قىلغان بولسىلا دېيىلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن لەنەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلمىدىم، ھەقىقەتەن رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلدىم »دېدى.  ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 5 -توم 385 -بەت].

يەتتىنچى:  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان جاۋاپلىرىمىزنى كۇپايە قىلىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمىز، تور بېتىدىكى كىشىلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى ئوقۇساق ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە تارىخى ئەڭ ئاسان يول بىلەن بۇنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىز سىزنى ئاشۇ ئىككى ئىشنىڭ گۈزەللىكىنى جۇغلاپ ئويلىنىشقا چاقىرىمىز، مۇمتەھىنە سۈرىسىنىڭ بېشىدىلا شېرىك ۋە ئۇنىڭ ئەھلىدىن ئادا-جۇدا بولۇشنىڭ ئەسلى پرىنسىپى بېكىتىلگەن، مۆمىنلەرنىڭ كاپىرلارنىڭ ھىدايەت تېپىشى ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا ئۆرۈلىشىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى ۋە بۇ ئاداۋەتنىڭ ئىمانى مۇھەببەتكە ئايلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَاءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِمْ بِالْمَوَدَّةِ وَقَدْ كَفَرُوا بِمَا جَاءَكُمْ مِنَ الْحَقِّ يُخْرِجُونَ الرَّسُولَ وَإِيَّاكُمْ أَنْ تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ رَبِّكُمْ إِنْ كُنْتُمْ خَرَجْتُمْ جِهَادًا فِي سَبِيلِي وَابْتِغَاءَ مَرْضَاتِي تُسِرُّونَ إِلَيْهِمْ بِالْمَوَدَّةِ وَأَنَا أَعْلَمُ بِمَا أَخْفَيْتُمْ وَمَا أَعْلَنْتُمْ وَمَنْ يَفْعَلْهُ مِنْكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ ، إِنْ يَثْقَفُوكُمْ يَكُونُوا لَكُمْ أَعْدَاءً وَيَبْسُطُوا إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ وَأَلْسِنَتَهُمْ بِالسُّوءِ وَوَدُّوا لَوْ تَكْفُرُونَ ، لَنْ تَنْفَعَكُمْ أَرْحَامُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَفْصِلُ بَيْنَكُمْ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ ، قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآءُ مِنْكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّى تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَحْدَهُ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَا أَمْلِكُ لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ رَبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ ، رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلَّذِينَ كَفَرُوا وَاغْفِرْ لَنَا رَبَّنَا إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ ، لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَمَنْ يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ ، عَسَى اللَّهُ أَنْ يَجْعَلَ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَ الَّذِينَ عَادَيْتُمْ مِنْهُمْ مَوَدَّةً وَاللَّهُ قَدِيرٌ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ ، لَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ أَنْ تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ،  إِنَّمَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ قَاتَلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَأَخْرَجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ وَظَاهَرُوا عَلَى إِخْرَاجِكُمْ أَنْ تَوَلَّوْهُمْ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى(يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن(يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار سىلەرنى يەڭسە سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، سىلەرنى تىللايدۇ، سىلەرنىڭ مۇرتەد بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئاراڭلارنى ئايرىۋېتىدۇ (يەنى سىلەر جەننەتتە بولساڭلار، ئۇلار كۇففارلارنىڭ قاتارىدا دوزاختا بولىدۇ)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە:  «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىرىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى.  لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ.  ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر ئېيتتى : «پەرۋەردىگارىمىز!  ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر. پەرۋەردىگارىمىز!  كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن. ئۇلار بىزگە ھۆكۈمران بولۇپ، بىزنى كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئازاب بىلەن دىنىمىزدىن چىقارمىسۇن. پەرۋەردىگارىمىز!  بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن. ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى! ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر سىلەرگە، ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى نەمۇنىدۇر، كىمكى ئىمانىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلسۇنكى) ئاللاھ (ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنداقلاردىن بىھاجەتتۇر، (ئاللاھ) مەدھىيەگە لايىقتۇر، بەلكىم ئاللاھ سىلەر بىلەن سىلەر ئۆچ كۆرۈدىغان ئادەملەر ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر، (كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ، ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر». [سۈرە مۇمتەھىنە 1 -ئايەتتىن 9 -ئايەتكىچە.]

بىز سىزنىڭ سوئالىڭىزغا مۇۋاپىق جاۋاپ بەردۇق دەپ قارايمىز، يەنە قانداق ۋاقىتتا سوئالىڭىز بولسا ياكى كۆڭلىڭىزدە بىزنىڭ جاۋابىمىزدىن قانائەت قىلمىغان بەزى مەسىلىلەر بولسا، بىز سىزنىڭ داۋاملىق سوئاللارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى، دىنىمىزدىن بىلىشكە ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەر توغرىسىدا ئىزدىنىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى