سۇئال
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ،
بۇ ،جۈمە كېچىلىرى ياسىين سۈرىسىنى توپ بولۇپ ئوقۇش ھەققىدىكى 2237 -سۇئالغا قارىتىلغان . ئەمەلىيەتتە، مەن سىز تىلغا ئالغان ھەدىيسنى ، يەنى ، پەيغەمبەر (ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرىپنى ئوقۇسا ، بىر ياخشىلىققا(مۇكاپاتقا) ئىگە بولىدۇ ، ھەمدە ھەر بىر ياخشىلىق 10 ھەسسىلىنىدۇ . مەن ، [ئەلىيف لام مىيم] نى بىر ھەرىپ دىمەيمەن ، بەلكى ئەلىيف بىر ھەرىپ ، لام بىر ھەرىپ ، مىيم بىر ھەرىپ . نى دىمەكچىمەن . مەن بىلمەكچىمەنكى، بۇ ھەدىيس ، ئۆزىنىڭ ئوقۇۋاتقىنىنى ھەقىقى چۈشىنىش ئۈچۈن باشقا بىر تىلدىكى قۇرئاننى ( يەنى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى) ئوقۇغۇچىغىمۇ راستمۇ ؟ رەھمەت !