شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆزىدە يوق نەرسىنى ئېنتىرنېتتا سېتىپ، مال تارقاتقۇچىدىن بىۋاستە خېرىدارنىڭ ئادرىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

     سېتىۋالغۇچى ئېنتىرنېتتىن بىر نەرسە سېتىۋالماقچى بولغاندا، (ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى ئارقىلىق) يەنە بىر تەرەپكە ئىككى خىل تاللاش ئارقىلىق پۇل تۆلەيدۇ، ياكى بانكا كارتى ئارقىلىق ياكى بانكا ھېساباتى ئارقىلىق تۆلەيدۇ. ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە سېتىۋالغۇچىدىن 2% باجنى قېتىپ ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سېستىم (تور سەھىپەم) مال تارقاتقۇچىغا مالنى تەييار قىلىشى ئۈچۈن بىۋاستە تەلەپ يوللايدۇ، بۇ يەردە مال تارقاتقۇچى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىككى خىل يولى بار:

   1-مال تارقاتقۇچىنىڭ ھېسابىغا ئالدىنئالا پۇل ياتقۇزۇشنى تاماملاش. بۇ ۋاقىتتا سېتىۋېلىش تامام بولىدۇ. مال تارقاتقۇچى مالنى تەييارلاپ بىۋاستە سېتىۋالغۇچىنىڭ ئادرىسىغا يوللاپ بېرىدۇ.

   2-تەلەپ تامام بولغاندىن كېيىن مال تارقاتقۇچى تاۋارنى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئادرىسىغا يوللاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى تالۇنغا ئاساسەن مېنىڭ پۇل تۆلىشىمگە رۇخسەت قىلىدۇ، تاۋار تەخمىنەن 1كۈندىن 3كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا يېتىپ بارىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەن سېتىۋالغۇچى بەرگەن پۇلنى ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى ئارقىلىق چىقىرىۋالىمەن. بۇ يەردە سېتىۋالغۇچى مالنىڭ پۇلىنى ئۆتەشنىڭ يەنە بىر يولى بار، ئۇ بولسىمۇ، سېتىۋالغۇچى بانكا ھېسابى ياكى كارت ھېسابى بويۇنچە پۇل تۆلەشنىڭ ئورنىغا ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىدىن تالۇننى چىقىرىپ پۇل تۆلەشكىمۇ رۇخسەت قېلىنىدۇ، بۇ تالۇن سېتىۋالغۇچى بىلەن ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى ئارىسىدىكى توختام بولۇپ سېتىۋالغۇچى پۇلنى 14 كۈن ئىچىدە ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ، لېكىن مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىشتە بولسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كېلىشىمنىڭ ماددىسىغا ئاساسەن سېتىۋالغۇچى بىلەن ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى ئارىسىدا جازانە بولىدۇ.  بارلىق تاللاشلاردا مېنىڭ تور بېتىم ئارقىلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى تامام بولغاندىن كېيىن مال تارقاتقۇچى تاۋارنى بىۋاستە سېتىۋالغۇچىغا ئەۋەتىدۇ، بۇ تۈردىكى تىجارەت توغرىمۇ؟.  تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. بىزنىڭ سوئالىدىن چۈشەنگىنىمىزگە كۆرە بۇ مۇئامىلىدە تۆۋەندىكىدەك تۆت تەرەپ شېرىك بولىدىكەن ئۇلار:

   1-سېتىۋالغۇچى.

   2-سىزنىڭ تور بېتىڭىز.

   3-مال تارقاتقۇچى.

   4-ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى.

   بىز بۇ ھەقتە مۇنداق دەيمىز: بىرىنچى: سېتىۋالغۇچى پۇلنى 2% باج تۆلەش قارشىسىدا ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى ئارقىلىق بەرسە دۇرۇس بولىدۇ، بۇ ۋاكالەتنىڭ ئىش ھەققى بولۇپ بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ.

   ئىككىنچى: مالنى ئىگە بولۇشتىن، يەنى  تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ۋە مال تارقاتقۇچىنىڭ ئورنىدىن چېقىرىشتىن ئىلگىرى سېتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ھەكىم بىن ھىزامىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ روسۇلى! خىرىداردىن بىرسى كېلىپ مېنىڭ يېنىمدا يوق بىر نەرسىنى سېتىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ، مەن خېرىدار بىلەن سودا قىلىپ بولۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن تەلەپ قىلغان مالنى بازاردىن ئۇ كىشى ئۈچۈن سېتىۋالىمەن بۇ توغرىمۇ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يېنىڭدا ياكى مۈلكىڭدە بولمىغان نەرسىنى ساتمىغىن» دېدى.  [نەسائى رىۋايىتى 4613 -ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3503 -ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى1232-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن. ]

    زەيد بىن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مالنى سېتىۋالغان ئورۇندىن ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىگە يۆتكىمەي تۇرۇپ سېتىشتىن چەكلىگەن». [ دارى قۇتنىي رىۋىيىتى. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3499 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   بۇنىڭدىن چىقىشنىڭ يولى:

  1 -سىز خېرىدارغا:  مالنى سېتىۋېلىپ، قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ساتاي دەپ ۋەدە بېرىپ، مالنى سېتىۋېلىپ، تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سودىسىنى قىلىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

   2-سىز مال تارقاتقۇچىغا ۋەكىل بولسىڭىز بولىدۇ، مەلۇم ھەق ئېلىش بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن مالنى سېتىپ بېرىسىز، ياكى سېتىۋالغۇچىغا ۋەكىل بولسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بازار باھاسى بويۇنچە مالنى سېتىۋالىسىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم ھەق ئېلىشقا كېلىشسىڭىز بولىدۇ.

   3-بۇنى دۇرۇس قىلىدىغان ئۈچىنچى بىر شەكىل بار، ئۇ بولسىمۇ ئالدىن پۇل بېرىش، سىز خېرىدارغا تالاش-تارتىشقا ئېلىپ بارمايدىغان مۇكەممەل شەكىلدە سۈپەتلەنگەن سۈپەت بويۇنچە مالنى ساتىسىز، ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىتنى بېكىتىسىز، گەرچە خېرىدار سىزنىڭ بانكا ھېسابىڭىزغا پۇل ياتقۇزغان بولسىمۇ سودىنى مالنى تاپشۇرۇپ بەرگەندە قىلىسىز، بۇ ھۆكۈمدە تاپشۇرۇپ ئېلىش دېيىلىدۇ، پۇلنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىدە قىلىشى توغرا بولمايدۇ.  يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئۈچ خىل سودا شەكىلنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 292328 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    بۇنىڭدىكى چەكلىمىنى بىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تاۋارنى خېرىدارغا سېتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىگە بولالماسلىقىڭىز ۋە تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىڭىزدىن ئىبارەتتۇر.

    بۇنىڭدىن ساقلىنىش يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىللەردىن بىرى بىلەن بولىدۇ، لېكىن بىرىنچى شەكىل سىزگە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سىز سېتىشتىن ئىلگىرى مال تارقاتقۇچىدىن مالنى تاپشۇرۇپ ئالمىدىڭىز.

    ئەگەر مال تارقاتقۇچى قوبۇل قىلسا مەلۇم ھەق ئېلىش بەدىلى بىلەن ئۇنىڭغا ۋەكىل بولسىڭىز توغرا بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھېسابىغا ئالدىنئالا پۇل ياتقۇزىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سىز ئۇنىڭدىن مال سېتىۋالمايسىز بەلكى سىز ئۇنىڭ ۋەكىلى بولغان بولىسىز. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىككىنچى يولمۇ توغرا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋەكىللىك ئېتىبارىڭىز بىلەن ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىدىن خېرىدارنىڭ پۇلىنى چىقىرىپ ئۇنى مال تارقاتقۇچىغا يەتكۈزىسىز، سودىدا مالنىڭ پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئېلىش بىلەن ساتقۇچىنىڭ ۋەكىلى بولىسىز، مالنى سېتىۋېلىش ۋە پۇلنى بېرىش ئارقىلىق سېتىۋالغۇچىنىڭ ۋەكىلى بولىسىز.  لېكىن بۇنىڭ شەرتى سىز بىلەن سىزنى ۋەكىل قىلىدىغان تەرەپ ئارىسىدا كېلىشىم بولىشى ۋە سىزنىڭ ۋەكىللىكىڭىزگە مۇئەييەن ھەق بېكىتىشى كېرەك.

   -ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش، سىزگە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ شەرتى، كېلىشىم قىلغاندا پۇلنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئېلىش، پۇلنىڭ ۋاستىنىڭ يېنىدا قېلىشى توغرا بولمايدۇ.

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بىرىنچى:  سىز تاۋارغا ئىگە بولالمىغان، سېتىشتىن ئىلگىرى تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇمكىن بولمىغان ۋە سېتىۋالغۇچىدىن پۇلنى تولۇق تاپشۇرۇپ  ئالمىغاندا سىز ئۈچۈن مال تارقاتقۇچىغا ۋەكىل بولۇشتىن باشقا ئىش توغرا بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: خېرىدار بىلەن  ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى ئارىسىدىكى مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆتەش مۇئامىلىسى توغرا بولمايدۇ. بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك جازانە بولىدۇ، چۈنكى ئاپتۇماتىك پۇل تۆلەش سېتىۋالغۇچىنىڭ قەرزىنى تۆلىسە، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتىدىن سېتىۋالغۇچىدىن تەلەپ قىلىپ زىيادە ئالسا بۇ جازانە بولىدۇ.

    دۇرۇس بولىدىغىنى:  خېرىدار پۇلنى ساتقۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن مەلۇم ھەق بېرىدۇ. بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ھەق ئېلىپ ۋەكىل بولۇش دېيىلىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: [ئايلىق ئۇچرىشىش 17-سان]