جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

جەننەتنىڭ ئېشىكىنى باقىدىغان پەرىشتىنىڭ ئىسمى"رىزۋان"مۇ؟

سۇئال

جەننەتنىڭ ئېشىكىنى باقىدىغان پەرىشتىنىڭ ئىسمى"رىزۋان"مۇ؟ مەن شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋاسىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئەسەرلەردە جەننەتنىڭ ئېشىكىنى باقىدىغان پەرىشتىنىڭ ئىسمى "رىزۋان" دەپ مەشھۇر بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسنى بىلمەيمەن". شەيخنىڭ بۇ سۆزى ئىسىمنى ئىسپاتلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە "رىزۋان" دېگەن جەننەتنىڭ ئېشىكىنى باقىدىغان پەرىشتىلەردىن بىرىنىڭ ئىسمى دېگەن سۆز مەشھۇر بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىسىم توغرىسىدا قۇرئاندا ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە دەلىل بايان قىلىنمىغان، بۇ ئىسىم پەقەت بەزى زەئىپ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئىشىك باقار پەرىشتىلەرنىڭ كاتتىسىنى رىزۋان دەپ ئاتىغان، بۇ رازىلىق دېگەن سۆزدىن چىققان، دوزاخنىڭ ئېشىكىنى باقىدىغان پەرىشتە مالىك دەپ ئاتالغان، بۇ ئىسىمغا ئىگە بولغۇچى، كۈچ-قۇۋۋەت ئىگىسى دېگەن سۆزدىن چىققان". ["ھادىئىل ئەرۋاھ"1-توم 76-بەت].

    مەناۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: جەننەتنى ساقلاشقا مۇئەككەل قىلىغان پەرىشتە خازىن دەپ ئاتالغان، چۈنكى جەننەت ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە تەييارلىغان خەزىنىسىدۇر، سۆزدىن خازىننىڭ بىر ئىكەنلىكى نامايەندە بولسىمۇ لېكىن بۇ مەقسەت قىلىنمايدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بۇنىڭ دەلىلىدۇر: كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر جۈپ نەرسىنى سەدىقە قىلسا، جەننەتنىڭ خەزىنىچىسى ئۇنى چاقىرىدۇ، ھەر بىر ئېشىكتىكى خەزىنىچى: بۇ ياققا كەل دەيدۇ. بۇ ھەدىس ۋە بۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەر خەزىنىچىلەرنىڭ بىر قانچە ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ، لېكىن رىزۋان دېگەن ئىشىك باقار پەرىشتىلەرنىڭ كاتتىسى ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقىدۇر، ھەقىقەتەن جەننەتكە كىرگۈچىلەر ئۇلارنىڭ كاتتىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ". ["پەيزۇلقەدىر"1-توم 50-بەت].

    ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ پەرىشتىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلاردىن جەننەتكە مۇئەككەل قىلىنغانلىرى بار، جەننەت ئەھلىگە ئېسىل نەرسىلەرنى تەييارلايدىغانلىرى بار، ئۇ يەردىكىلەرگە زىياپەت ھازىرلايدىغانلار بار، ئۇلاردىن كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، تۇرالغۇ-ساراي، يېمەك-ئىچمەك تەييارلايدىغانلىرى بار، ئۇنىڭدىن باشقا كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېلىپ باقمىغان نېمەتلەر بار، جەننەتنىڭ ئېشىكىنى باقىدىغان پەرىشتە رىزۋان دېيىلىدۇ، بۇ ئىسىم بەزى ھەدىسلەردە ئوچۇق بايان قىلىنغان". ["ئەل بىدايە ۋەننىھايە".1-توم 53-بەت].

   سەھىھ ھەدىستە بېكىتىلگىنى، خازىن يەنى ئىشىك باقار دېگەن پەرىشتىنىڭ ئىسمى بولماستىن بەلكى لەقىمىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان شاپائەت توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ئېشىكى ئالدىغا كېلىپ، جەننەتنىڭ ئېشىكىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىمەن، ئىشىك باققۇچى: سىز كىم؟ دەيدۇ، مەن: مۇھەممەد دەيمەن، ئۇ: مەن سىزگە ئېچىپ بېرىشكە بۇيرۇلدۇم سىزدىن ئىلگىرى ھېچ كىشىگە ئېچىپ بەرمەيمەن دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 197-ھەدىس].

    لېكىن بۇ ئىسىم ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر بولماقلىقى بىلەن بەزى زەئىپ ھەدىسلەردە كەلگەن، ئاللاھ خالىسا بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بار.

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 28-توم353-بەتتە مۇنداق كەلگەن: رىزۋان دېگەن جەننەتنىڭ ئىشىكىنى باقىدىغان پەرىشتىنىڭ ئىسمىمۇ؟ بۇ ئىسىم قەيەردە بايان قىلىنغان؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:"ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە: جەننەتنىڭ ئېشىكىنى باقىدىغان پەرىشتىنىڭ ئىسمى رىزۋان دېگەن قاراش مەشھۇر بولسىمۇ بۇ ئىسىمنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدە نەزەر بولغان بەزى ھەدىسلەردە كەلگەن". ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"رىزۋان دېگەن جەننەتكە مۇئەككەل قېلىنغان پەرىشتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى دوزاخنىڭ ئىشىك باقارى مالىك دەپ ئوچۇق بايان قىلىنغاندەك سەھىھ ھەدىستە ئوچۇق بېكىتىلمىگەن، لېكىن بۇ ئىسىم بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا مەشھۇردۇر". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"3-توم 11-بەت].

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇ ئىسىم سەھىھ ھەدىستە بېكىتىلمىگەن، لېكىن ئۆلىمالار بۇ ئىسىمنى قوللانغان، بۇ زىكىر قىلىشتا كەڭ يول تۇتقان، ئاللاھ خالىسا بۇ ئىشتا ئاسانچىلىق بار".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى