جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايال ئېرىنىڭ يات ئايال بىلەن چەكلەنگەن ئالاقىدە بولغانلىقىنى بىلسە قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

   بىر ئايال يولدىشىنىڭ ماشىنىسىدىن جىنسى مۇناسىۋەتتە ئىشلىتىدىغان ئەرلىك قاپچۇقىدىن بىر قاپ تاپقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئون بەش دانە ئىشلىتىلگەن ۋە يېڭىدىن سېتىۋېلنغان جۇشقۇنلاندۇرۇش تابلىتى تاپقان، يولدىشى ئايالى بىلەن بىرگە بولغاندا بۇنداق نەرسىلەرنى ھەرگىزمۇ قوللانمايدىكەن، ئۇ ئەر ئايالى بىلەن ئايدا بىر قېتىم ئايالى كۆپ ئۇرۇنغاندىن كېيىن بىر قېتىم يېقىنچىلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككەيلەن باشقا يۇرتتا ياشايدىكەن، ئىككى بالىسى بار ئىكەن، شەرئى جەھەتتىن بۇ ئايال قانداق قىلىشى كېرەك؟، يولدىشىغا قارشى تۇرۇشى كېرەكمۇ ياكى تالاق تەلەپ قىلىشى كېرەكمۇ؟ ئايال يولدىشىنىڭ بۇ قىلىقى بىلەن ئۆزى بىلەن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟ رەت قىلسا، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشتىن قورقىدۇ، رەت قىلمىسا، كۆڭلى خالىماسلىقىدىن سىرت ئەيدىزگە ئۇچراپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    ئېسىل ھەمشىرەم، مۇشۇنداق ئورۇنلاردا بەزى پەرقلىق ئىشلارغا قارار قىلىشنى بىلىشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا ئاللاھ سىزنى مۇھاپىزەت قىلسۇن.

ئۇ ئىشلاردىن: ئۇ كىشىنىڭ سىرتقى تەرەپتىن ئۆز پەرۋەردىگارى بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئۇ كىشى ناماز ئوقۇمدۇ؟، ئاللاھنىڭ مۇقەددىساتلىرىنى ئۇلۇغلامدۇ؟.

-تۇرمۇش ئىشلىرىدا يولدىشىڭىزنىڭ سىز بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئۇ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن باشقا ئىشلاردىمۇ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلامدۇ؟ سىز بىلەن ئەۋلادىڭىزغا مەرھەمەتلىكمۇ؟.

-بالىسى بىلەن بولغان مۇئامىلىدە، ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى بىلەن بولغان باغلىنىشى قانچىلىك؟ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەمدۇ ياكى بۆلمەمدۇ؟.

-ئۆزىنىڭ ۋە سىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇلارغا قوپاللىق ۋە ھۆرمەتسىزلىك قىلامدۇ ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇلارنى ياخشى كۆرەمدۇ؟.

   ئەگەر يۇقىرىدىكى سوئاللارنىڭ جاۋابى ئىيجابىي بولسا، ئۇ كىشى كۆپ ۋاقىتلاردا ياخشى ئىش قىلغۇچىدۇر، ئالدىراپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، تالاق تەلەپ قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئايالنىڭ ئېرىگە قارشى يۈزلىنىشى كۆپ ھاللاردا ئىشنىڭ ئاخىرىغا يەنى تۇرمۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق ھالەتتە، يولدىشىنىڭ قىلغان ئىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇش مەسىلىسىدە، شۇ خىلدىكى كېسەللىكنىڭ يۆتكىلىشىدىن ساقلىنىش سەۋەبىنى قىلىش بىلەن بىرگە ئاياللار دوختۇرىدىن مەسلىھەت ئىلىش كېرەك،  مەلۇم بولىشىچە، ئەرلىك قاپچۇقى كۆپ ھالەتتە مۇشۇ مۇناسىۋەتتە تونۇشلۇق بولغان كېسەلنىڭ يۆتكىلىشىنى توسىدۇ.

    سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، سىز يولدىشىڭىزنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئايال يولدىشى بىلەن قىلىش مۇمكىن بولغان ئىشلار بىلەن ئۇنى ئۆزىڭىزگە جەلىپ قىلىشقا ئۇرۇنۇڭ، يولدىشىڭىزغا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن بىلدۈرۈڭ، يەنى مۇشۇ ماتېرىياللارغا ئالاقىدار بولغان  ۋەز-نەسىھەت، ئاۋازلىق ياكى سۈرەتلىك تەربىيە نۇتىقى، شەرئى پەتىۋالار، ئاشۇ يولغا كېرىپ قالغانلارنىڭ ئەھۋالى ئىپادىلەنگەن ۋاقىئەلەرنى قويۇپ قويۇڭ.

ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سوئاللارنىڭ جاۋابى سەلبىي بولسا، ئۇنىڭ سىز بىلەن ئەۋلادلىرىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر بولغان  ئىشلىرى ياكى مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا، تۇغقانلىرىڭىز ئارىسىدىكى دانا كىشىلەردىن تالاق تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار توغرىسىدا مەسلىھەت سوراڭ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 110141-7669- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

  ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى