پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نەشىر ھوقۇقى ۋە ئىلمى ماتېرىياللارنىڭ مەلۇم قىسمىنى كۆچۈرىۋېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   پايدىلىنىدىغان ئىلمى ماتېرىياللار بەك قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن دەرسلىك قىلىش ئۈچۈن ماتېرىياللارنىڭ مەلۇم قىسمىنى كۆچۈرۈپ ئىلىش چەكلىنەمدۇ؟ بۇ چەكلىمە كۆچۈرۋالغاندىن كېيىنكى ئىشلارنىڭ تۈرىتكىسى بىلەن ھارام بولامدۇ؟ ئۇنداق بولسا ماتىرياللارنى كۆچۈرۈپ بېرىدىغانلارنىڭ قىلمىشى ھارام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئېنىق بولغان ئىش، كىتاب يازغۇچىلارنىڭ نەشرىيات ھوقۇقى نەشىر قىلغۇچى ئۈچۈن ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئۇ كىشى ۋاپات بولسا ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئىگە بولىدۇ، ئەگەر ئىلمى ماتىرياللارنى سېتىش مەقسىتىدە ئەمەس بەلكى پايدىلىنىش مەقسىتىدە قولى بىلەن كۆچۈرۈپ يازغان بولسا، ماتېرىيالنىڭ ئىگىسى قولى بىلەن كۈچۈرۋېلىشنى چەكلىمىگەن بولسا ھارام بولمايدۇ، ئەمما باشقىلارغا سېتىش ۋە تىجارەت مەقسىتىدە كۆچۈرگەن بولسا، بۇ چەكلىنىدۇ. شەيخ بەكرى ئىبنى ئابدۇللاھ ئەبۇ زەيد مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ بىلەن ئىلمى ماتىرياللارنى قالايمىقان قىلىش ۋە خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقىتىش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلانغىلى، ئاپتۇرنىڭ شەرىپىنى تۇرغۇزغىلى، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىلمى ماتېرىيالىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ ئىسلامدا بىلىش زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن بولۇپ، شەرئىي دەلىللەر ۋە ئۇسۇل-قائىدىلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ، سىز بۇنى"يازغۇچىلارنىڭ ئەدەپلىرى"، "ئىستىلاھ كىتاپلىرى"دا تاپالايسىز.  ["يېڭىدىن يۈزبەرگەن پىقھى مەسىلىلەر"2-توم 65-بەت].

    ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ مەنىۋىي ھەق-ھوقۇق تېمىسىدا ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىدا مۇنداق قارار ئېلىنغان:

   بىرىنچى: تىجارەت ئىسمى، تىجارەت تېمىسى، تىجارەت بەلگىسى، يېزىقچىلىق، كەشپىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار ئۆز ئىگىسىگە خاس بولغان مەنىۋىي ھەق-ھوقۇقلاردىن بولۇپ، ھازىرقى زاماندا  بۇ كىشىلەرگە قايتۇرۇلىدىغان ئىقتىسادى قىممىتى بولغان ھەق-ھوقۇق ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەم شەرئىي ھوقۇق بولۇپ بۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: تىجارەت ئىسمى، تىجارەت تېمىسى ياكى تىجارەت بەلگىسى قاتارلىق ئىشلارنى باشقىلارنى گوللاش، ئالداش ۋە ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلار بولمىغاندا بۇ مالىيە ھەق بولىدۇ بۇنى مەلۇم مالنىڭ بەدىلىگە باشقىلارغا يۆتكەپ بەرسە توغرا بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: نەشرىيات ھوقۇقى ياكى كەشپىيات ياكى بۇرۇن تېپىپ چېقىش ھوقۇقلىرى شەرئى جەھەتتىن ساقلىنىدۇ، ئۆز ساھىبنىڭ بۇ تەسەررۇپ قىلىش ھەققى بولىدۇ، بۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىش توغرا بولمايدۇ". ["مۇجەممەئ  ژورنىلى" 5-تۈر 3-توم 2267-بەت].

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: " پايدىلىق بولغان ئۈنئالغۇ لىنتىلىرىنى، كۆچۈرۈلگەن كىتابلارنى ساتسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ  ئىلىم-مەرىپەتنى تارقىتىشقا ياردەم بەرگەنلىكتۇر، لېكىن بۇنىڭ ئىگىلىرى چەكلىسە، چوقۇم ئۇلاردىن رۇخسەت ئىلىپ ئاندىن سېتىش كېرەك". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"13-توم 187-بەت].

    بۇ ھەقتە 454 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى