پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

غەرب دۆلەتلىرىدە دۇرۇس ۋە ھارام ئىشلارنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

قىلىدىغان خىزمەتنىڭ ھالال ياكى ھارام ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمەن؟، گېرمانىيىدە شەكلىك ۋە ھارام ئىشلار بەك كۆپ تېپىلىدۇ، بەزى پەتىۋالارنى ئوقۇسام، مۇسۇلماننىڭ ھاراق ۋە چوشقا گۆشى سېتىلىدىغان ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشى ھارام دەپ يېزىلىپتۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ئىككى ياكى ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى بىر پەتىۋانى ئوقۇسام ئۇنىڭدا: مۇسۇلمان كىشى ناۋايخانىدا ئىشلىسە، ئۇ ناۋايخانىغا تەۋەلىك ئاشخانىسى بولۇپ ، ئاشخانىدا ھاراق ۋە چوشقا گۆشى بولۇش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ، ئۇ ئىنسان مۇسۇلمان بولمىغان بىر دۆلەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ناۋايخانىدا ئىشلىسە بولىدۇ دەپ يېزىلىپتۇ. قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھارام ۋە ھالال ئىكەنلىكىنى بېكىتىدىغان بەلگىلىمىنى قانداق بىلىمەن؟، ئۆزۈمنىڭ مۇھتاج ۋە قىينالغانلىقىنى قانداق بىلىمەن؟، دوستۇم ناۋايخانىدا ئىشلەيدۇ، ئۇ پەقەت پىشلاق تەييارلايدۇ، باشقىلار چوشقا باقىدۇ، لېكىن دوستۇم چوشقىغا يېقىنلاشمايدۇ ۋە تۇتمايدۇ، ئۇنىڭ ناۋايخانىدا ئىشلىشى توغرىمۇ؟، دوستۇم ئۆيىگە دەۋەت قىلسا ئۇنىڭ يېمەكلىكىنى يېسەم توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى سوغۇرتا شىركىتىدە خىزمەت قىلىدۇ؟، بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارمىسام توغرا بولامدۇ؟، بىرەر نەرسە ھەدىيە قىلسا ئۇنى ئېلىشىم كېرەكمۇ ياكى رەت قىلىمەنمۇ؟، ئۇنىڭ ماڭا ئىلگىرى قىلغان ھەدىيەلىرىنى قانداق قىلىمەن؟، بۇنداق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، شەك-شۈبھىدىن خالى، ھارام بولمىغان، ئەر-ئاياللار ئارىلاش بولمىغان، مېنى ناماز ۋاقتىدا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىمەيدىغان، خىزمەت ئورنىدا توغرا ئىش قىلىدىغان كىشىلەر بولغان بىر ئىشنى ئىزدەپ بېقىشىم كېرەكمۇ؟، مەن ئۆزۈمنىڭ پاھىشە ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىشىمدىن بەك ئەنسىرەيمەن، ماڭا ياردەم قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

بىرىنچى: دۇرۇس بولغان خىزمەتلەرنىڭ بەلگىلىمىسى: ئۇ خىزمەت دۇرۇس ئورۇنلاردا بولىشى ۋە ھارامغا ياردەم بېرىشنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدىغان بولىشى كېرەك.

بۇ تۈرلۈك سودا-تىجارەت ئىشلىرى، دۇرۇس بولغان ئىجارە ئىشلىرى، يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى، دورا-ئىلاجلار، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىق سودا تۈرلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭدەك، ئوقۇتقۇچىلىق، دوختۇرلۇق، ئىنجىنىرلىق، توكچىلىق، ياغاچچىلىق، تۈرلۈك ئىشلەپ چىقىرىشتىن ئىبارەت ساناپ بولغىلى بولمايدىغان دۇرۇس ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

ئەمما ھارام ئىشلار بولسا: جازانە بانكىلىرىدا خىزمەت قىلىش، تىجارى سوغۇرتا شېركەتلىرىدە ئىشلەش، ھاراق يۆتكەش، چوشقا بېقىش، جازانە ئىشلارنى يېزىپ-خاتىرىلەش، قىمار سورۇنلىرىنى ھازىرلاش، ئۆز قارىشىدا ھارامغا ئىشلىتىدۇ دەپ قارىغان نەرسىلەرنى سېتىش، يول توسىدىغان قاراقچىغا قورال سېتىپ بېرىش دېگەندەك ھارامغا يېقىن بولغان ۋاستىلىق ياكى ۋاسىتىسىز ياردەم بېرىدىغان ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر.

گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلماستىن يىراقتىن ياردەم بولۇپ قالسا، بۇ ھارام بولمايدۇ. شۇنىڭدەك كاپىرغا، جازانىخۇرغا، قىمار ئوينىغۇچىغا ھالال بولغان يېمەكلىكلەرنى سېتىش ھارام بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىگە: گۇناھ-مەسىيەت ئۈچۈن كۈچلىنىشكە يېمەكلىك ساتتىڭ دېيىلمەيدۇ، ئەگەر بۇنداق يىراقتىن ياردىمى بولىدىغان ئىشلارمۇ ھارام دەپ چەكلەنسە، ئىنسانلارغا دۇرۇس بولىدىغان ئىشلار بەك ئاز تېپىلىدۇ.

ئەينى زاماندا ساھابە كىراملار يەھۇدىيلار بىلەن سودا-تىجارەت، ئىجارە ۋە باشقا مۇئامىلىلەرنى قىلىشاتتى. يەھۇدىلار بىلەن قىلغان خىزمەتلىرى ياكى پايدا ئالغان مال-دۇنيالىرىدىن مەنپەئەتلىنىشىنى ئېتىبارغا ئالمايتتى.

قىلىدىغان خىزمەتنىڭ ئۆزى دۇرۇس بولسا، ئۇنىڭدا بىۋاستە ھارامغا ياردەم بېرىش بولمىسا بۇنداق خىزمەتنى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى بىر ئىشنى قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى ياكى ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا بۇ ئورۇندا سۆزلەشكە تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردىن ئىبارەتتۇر.

سوئال سورىغۇچى كىشىگە: ئەگەر ھالال نان ساتىدىغان ناۋايخانا بولسا ئۇنىڭدا گەرچە ھاراق ئارىلاشتۇرۇلغان نان سېتىلغان تەقدىردىمۇ ھالال ناننى تەييارلاش ئىشىنى قىلسا، ھېچ بىر تەرەپتىن ھارام ئارىلاشقان ناننى تەييار قىلىشقا ياردەم قىلمىسا، بۇ ئىشنى قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان بولسا قىلسا بولىدۇ. شۇ جەرياندا يەنە شۈبھىدىن خالى بىر خىزمەت ئىزدىگەچ تۇرسا ياخشى بولىدۇ، چۈنكى مۇنكەر ئىشلارنى كۆرگەندە، ئۇنى ئىنكار قىلىش كېرەك بولىدۇ، بۇ كىشى ئۇنىڭغا قادىر بولالمىغاندىن كېيىن بۇ ئورۇندىن ئايرىلىپ باشقا خىزمەت تېپىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّى يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ إِنَّكُمْ إِذاً مِثْلُهُمْ إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعاً تەرجىمىسى: «ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ» [سۈرە نىسا 140-ئايەت].

جەسساس رەھىمەھۇللاھ: “ئەھكامۇل قۇرئان” 2-توم 407-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ئايەت مۇنكەر ئىشنى قىلغۇچىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئۇ ئىشنى يوق قىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ئۇنى ئىنكار قىلىش، ئۇ ئىشنى قىلغانلار بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرماسلىق، ئۇلار بۇ ئىشتىن توختاپ باشقا دۇرۇس ئىشقا يۆتكەلگەنگە قەدەر ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىش بولسا، ئۇ ئىشنى ئۆچ كۆرگەنلىكىنى نامايەندە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر”.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: شەرىئەتتە دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن سىرت ساختىپەزلىك قىلىدىغان، ھېلى قىلىدىغان ۋە جازانە قىلىدىغان ئومۇمەن توغرا بولمىغان ئىشلارنى سادىر قىلىدىغان ئالتۇن دۇكىنىدا ئىشلىسەم توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: جازانە قىلىدىغان، ساختىپەزلىك قىلىدىغان ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق ھارام ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىش ھارامدۇر، ئاللاھ تائالا بۇنداق قىلمىشتىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الإثْمِ وَالْعُدْوَانِ تەرجىمىسى: «گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّى يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ إِنَّكُمْ إِذاً مِثْلُهُمْ إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعاً  تەرجىمىسى: «ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ» [سۈرە نىسا 140-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى بىر مۇنكەر ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر قولى بىلەن ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىسا، تېلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر تېلى بىلەن ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىسا، دىلى بىلەن ئۆچ كۆرسۇن».

ئۇلارنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان ئىشچى مۇنكەرنى ھەرگىزمۇ قولى بىلەن ياكى تېلى بىلەن ئۆزگەرتەلمىسە، ھەتتا دىلى بىلەنمۇ يامان كۆرمىسە، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىي بولغان بولىدۇ”.  [“پىقھى مەسىلىلىرى ۋە سودا توغرىسىدىكى پەتىۋالار” 392-بەت].

دوستىڭىز مۇنكەر ئىشنى كۆرۈشتىن سالامەت بولىدىغان باشقا بىر خىزمەت ئىزدەپ باقسۇن.

ئەگەر چوشقىغا يېقىنلاشمىغان بولسا، ھېچ تەرەپتىن ئۇنىڭغا ياردەم بەرمىگەن بولسا، ئالغان ئىش ھەققى ھالال بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بۇ ئىش ھەققىنى ھالال نان پىشۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئالدى، لېكىن مۇنكەرنى ئىنكار قىلمىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ، بۇ ئىش ئۇ كىشىنى باشقا بىر خىزمەت تېپىشقا چاقىرىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى. سىز ئۇ دوستىڭىزنىڭ ئۆيىدىن يېمەك يېسىڭىز، سوغاتلىرىنى قوبۇل قىلسىڭىز گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئالغان ئىش ھەققى دۇرۇستۇر.

ئىككىنچى: تىجارى سۇغۇرتا شېركەتلىرىدە خىزمەت قىلىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى تىجارى سۇغۇرتىسى دېگەن جازانە، قىمار ۋە كۆز بويامچىلىق ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى130761- ۋە 246623 – نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

لېكىن ھارامدىن كەسىپ قىلغان مالغا كەلسەك: بۇ پەقەت كەسىپ قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە ھارام بولىدۇ، ئەمما ئۇ كىشىدىن بۇ مالنى سوغات، نەپىقە قاتارلىق دۇرۇس يوللار بىلەن ئالغان كىشىگە ھالال بولىدۇ. بۇ ھەقتە 114798- ۋە 246623- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

شۇنىڭغا ئاساسەن: سىز دوستىڭىزنىڭ ئۆيىدىن بىر نەرسە يېسىڭىز ياكى ھارام بولغان سۇغۇرتادىن كىرىم قىلغان مالنى قوبۇل قىلسىڭىز سىزگە دۇرۇس بولىدۇ.

ئۈچىنچى: ھالال رىزىقنىڭ يوللىرى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ. لېكىن ئۇنى ئىزدەش ۋە تېپىش كېرەك. كىمكى ئاللاھقا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىدىكەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئويلىمىغان جايدىن رىزىق بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجاً وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لا يَحْتَسِبُ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْراً تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى.» [سۈرە تالاق 2-3-ئايەتلەر].

مۇنكەرنى كۆرۈشتىن، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىشتىن خالى بولغان دۇرۇس خىزمەتلەرنى تېپىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىڭ، بۇ يەردە تەقۋادارلىق ئىزھار بولىدۇ.  شەك-شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى ئابرۇيى ۋە دىنىنى ساقلاپ قالىدۇ، شەك-شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قالغان كىشىنىڭ ھارامغا چۈشۈپ قىلىشى يېقىن بولىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شەك-شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى ئابرۇيى ۋە دىنىنى ساقلاپ قالىدۇ، شەك-شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قالغان كىشى ھارامغا چۈشۈپ قالىدۇ، خۇددى چېگرا ئەتراپىدا پادا باققان كىشىنىڭ پادىسىنىڭ چېگرانىڭ ئېچىگە كېرىپ كەتكىنىگە ئوخشايدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 52-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1599-ھەدىس].

يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سېنى شەكلەندۈرگەن ئىشنى تاشلاپ، شەكلەندۈرمىگەن ئىشنى قىلغىن» [تىرمىزى رىۋايتىى 2518-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى 5711-ھەدىس. تىرمىزى بۇ ھەدىسنى: ھەسەن سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى