يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

ئەر كىشى بالىلىرىنى تەربىيىلەۋاتقان تالاق قىلىۋەتكەن ئايالىغا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشى ئايالىنى يىنىشقىلى بولمايدىغان تالاق قىلىۋەتتى، ئۇ ئايالدىن بىر قىز ۋە ئىككى ئوغلى بار بولۇپ، تالاق قىلىنغان ئايال بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، ئەر ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تۇرىدىغان ئۆي ۋە بالىلارنىڭ نەپىقىسىنى تولۇقلاپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇلار بۇ ئىشتا سوت مەھكىمىسىگە بارماستىن چىرايلىقچە پۈتۈشكەن، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن پۈتۈشكەن مەبلەغنىڭ سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلىپ بېرىدىغان مەبلەغدىن بىر ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ، بۇ ئادۇكاتنىڭ قارىشى.
سورىماقچى بولغان ئىككى مەسىلە بار: ئۇلارغا تولۇقلاپ بەرگەن ئۆي سايمانلىرىدىن بۇزۇلغانلىرىنى ئەر تەرەپ رىمونت قىلدۇرۇپ بېرەمدۇ ياكى رىمونت ھەققىنى پۈتۈشكەن نەپىقىدىن ئايرىۋالامدۇ؟ يەنە، تالاق قىلىنغان ئايالىغا بېرىلىدىغان ماددى ھەق-ھوقۇقنى بىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئەسلىھەلىرىنى ئەرنىڭ تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك بولامدۇ؟ ئىددەت نەپىقىسى دەيدىغان نەپىقە بارمۇ؟ ئۇلار ئەر كىشىدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش ۋە كىيىن بېرىلىدىغان نەپىقىگە خىلاپ ھالدا ئىددەت نەپىقىسى تەلەپ قىلغان ئىدى. سۆزنى ئۇزارتىۋەتكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈر ئېيتىمەن، لېكىن مەسىلە مۇھىم بولغاچقا بىرەر كىشىگە زۇلۇم بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن تەپسىلى بايان قىلىش كېرەك بولۇپ قالدى، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

ئەگەر ياراشقىلى بولمايدىغان تالاق قىلىنغان ئايال ھامىلدار بولمىسا، ئۇنىڭغا نەپىقە ۋە تۇرالغۇ ئۆي بېرىلمەيدۇ، بۇنىڭ دەلىلى: مۇسلىم (1480) شەئبىيدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن پاتىمە بىنتى قەيسنىڭ يېنىغا كېرىپ، ئۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا چىقارغان ھۆكمى توغرۇلۇق سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: مېنى ئېرىم كەسكىن تالاق قىلدى، مەن تۇرالغۇ جاي ۋە نەپىقە توغرىسىدا ئۇنىڭدىن شىكايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا تۇرالغۇ ئۆي ۋە نەپىقە بۇيرۇپ بەرمەي، مېنى ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرىدى».

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: ئۇ ئايال مۇنداق دېگەن: مەن بۇ ئىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بايان قىلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىزگە نەپىقە ۋە تۇرالغۇ ئۆي بېرىلمەيدۇ دېدى. ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: سىز ھامىلدار بولمىسىڭىز، سىزگە نەپىقە بېرىلمەيدۇ دېگەن.

ئىككىنچى:

مەنپەئەتلەندۈرۈش نىكاھ قىلغاندا تويلۇق مەھرى بېكىتىلمىگەن، بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلىنغان ئايالغا بېرىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

لَاجُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ مَالَم ْتَمَسُّوهُنَّ أَوْ تَفْرِضُوا لَهُنَّ فَرِيضَةً وَمَتِّعُوهُنَّ عَلَى الْمُوسِعِ قَدَرُهُ وَعَلَى الْمُقْتِرِ قَدَرُهُ مَتَاعاً بِالْمَعْرُوفِ حَقّاً عَلَى الْمُحْسِنِينَ

تەرجىمىسى: ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار (يەنى نىكاھىڭلارغا ئالغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولمىغان ياكى مەھرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن شارائىتتا) ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا مۇتئە (بەلگىلىك مىقداردا پۇل ـ مال) بېرىشىڭلار كېرەك، ئۇلارغا پۇل - مال بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا بەرسۇن،(بۇ) ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر. [سۈرە بەقەرە 236- ئايەت].

كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: بىرگە بولۇپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلغان بولسا، ئۇ ئايالغا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسە بېرىش ۋاجىپ ئەمەس، لېكىن ئۆزىنىڭ ھالى ۋە قادىر بولالايدىغان مىقداردا بىرنەرسە بېرىش ياخشى. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى(126281)- نومۇرلۇق پەتىۋادا بايان قىلىنغان.

ئۈچىنچى:

بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىم تالاق قىلىپ، يېنىشىۋالماي ئىددەت توشۇپ كەتكەن بولسا، ئايال كەسكىن تالاق قىلىنغان بولىدۇ، ئۇ ئايالغا ئىددەت جەريانىدا نەپىقە بېرىلىدۇ.

ئەمما ئۈچ تالاققا ئوخشاش ئۈزۈل-كېسىل تالاق قىلىنغان بولسا، ئىلگىرى پاتىمە بىنتى قەيسنىڭ ھەدىسىدە زىكىر قىلىنغاندەك، تالاق قىلىنغان ئايالغا نەپىقە ياكى تۇرالغۇ- ئۆي بېرىلمەيدۇ.

تۆتىنچى:

تالاق قىلىنغان ئايال بالىلارنى تەربىلەۋاتقان بولسا، بۇ ئايالغا تۇرالغۇ ئۆي بېرىش مەسىلىسىدە پىقھى ئۆلىمالىرى: تۇرالغۇ ئۆي قىلىپ بېرىش تەربىيىلىنىدىغان بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئۈستىدە بولامدۇ؟ ياكى ئانىسىنىڭ ئۈستىدە بولامدۇ؟ ياكى ئانىسىغا نەپىقە بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۈستىدە بولامدۇ؟ ياكى ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ ئىجتىھادى بويىچە ئۆينىڭ ئىجارىسىنى تالاق قىلغۇچى ئەر بىلەن تالاق قىلىنغۇچى ئايال بىرگە بېرەمدۇ؟ ئايالنىڭ تۇرىۋاتقان ئۆيى بولسا شۇ كۇپايە قىلامدۇ؟ ئەگەر تۇرىدىغان ئۆيى بولمىسا ئۇلارنى دادا بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرامدۇ؟ دېگەندەك ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولدى. بۇنىڭدىكى ئاخىرقى سۆز ھەسەن بەسەرى رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى. ب

[ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىن 3-توم 562- بەت. شەرھىل خۇرشى 4-توم 218-بەت. پىقھى ئىنىسكىپېدىيسى 17-توم 313- بەت].

تالاق قىلغۇچى ئەر بالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىنى تولۇقلاپ بېرىشكە مەسئۇل بولغان بولسا-تۆۋەندە بايان قىلىمىز-تالاق قىلىنغۇچى ئايالنىڭ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان مۇددەتتە بالىلار بىلەن بىرگە تۇرۇشنى شەرت قىلىش ھەققى بار، ئۇ ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرىشى ياكى ئۇ ئايالغا ئايرىم ئۆي ئىجارە ئېلىپ بېرىش كېرەك بولمايدۇ.

ئەر- ئايال ئىككەيلەن ئايالنىڭ ئۆز ئائىلىسىدە ياكى ئۆزىگە خاس ئۆيدە تۇرىشىغا كېلىشسە بولىدۇ.

بەشىنچى:

تالاق قىلىنغۇچى ئايال ئەرنىڭ بالىلىرىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولسا، ھەنبەلى مەزھىبىدە، گەرچە تەربىيىگە ياردەم قىلىدىغانلار بولسىمۇ، ئايال ئەردىن تەربىيىلەش ھەققى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

"مۇنتەھىل ئىرادات" دېگەن كىتابتا: بالىنى ئېمىتكەنگە ئوخشاش، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ باشقىلارغا بەرگەندەك ئەجىر بېرىپ تۇرغۇزۇشقا ئانا ھەممىدىن لايىق دېيىلگەن. "شەرھى مۇنتەھىل ئىرادات"3-توم 249- بەت.

مالىكى مەزھەبتە: تەربىيىلەشكە ئەجىر بېرىلمەيدۇ.

ھەنەفى ۋە شافىئى مەزھەبلەردە بۇ مەسىلىدە تەپسىلى قاراشلار بار. پىقھى ئىنىسكىپېدىيسى 17- توم 313- بەتكە قارالسۇن.

ئالتىنچى:

ئەر كىشى بالىلىرىغا نەپىقە بېرىشى كېرەك، تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، مەكتەپ ۋە داۋالاش رەسمىيىتى ۋە ئۇلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى نەپىقىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭ مىقدارى تۇرىۋاتقان يەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ۋە ئەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بويىچە بېكىتىلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

لِيُنْفِقْ ذُو سَعَةٍ مِنْ سَعَتِهِ وَمَنْ قُدِرَ عَلَيْهِ رِزْقُه ُفَلْيُنْفِقْ مِمَّا آتَاهُ اللَّهُ لايُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلا مَا آتَاهَا سَيَجْعَلُ اللَّهُ بَعْدَ عُسْرٍ يُسْرًا

تەرجىمىسى:باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ) تالاق سۈرىسى 7-ئايەت.

بۇ شەھەرلەرنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئۇلار ئىشلىتىدىغان ئائىلە ئۈسكىنىلىرى رىمونت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسا: نەپىقە مەبلىغى ئۇلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرگە يەتسە، ئۇ نەرسىلەرنى رىمونت قىلدۇرۇپ بېرىش شۇ مەبلەغدىن بولىدۇ، نەپىقە مەبلىغى ئۇنىڭغا يەتمىسە، ئۇلار بۇ ئۈسكىنىلەرگە ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇنى رىمونت قىلدۇرۇپ بېرىش دادىنىڭ پۇلىدا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ نەپىقە ئىچىگە كېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى