پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئېھرامدىكى كىشىنىڭ تىرناق ئېلىشى توغرىسىدا

سۇئال

ئېھرامغا كىرىش بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرام كىيىپ بولغاندىن كېيىن تىرنىقىنى ئالسا بولامدۇ؟ياكى قۇربانلىق مالنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئالامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تىرناقلىرىنى ئېھرام كىيىشتىن بۇرۇن ئالسا بولىدۇ، ئەمما قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن تىرنىقىنى ئالمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكلىگەن، ئېھرامغا رەسمى كىرىپ بولغاندىن كېيىن تىرناق ئېلىش بولسا مۇتلەق توغرا بولمايدۇ، ئېھرامغا كىرگەن كىشىنىڭ تىرناقلىرىنى ياكى بەدەن مويلىرىنى ئېلىشى توغرا بولمايدۇ. ئۆمرە قىلىدىغان كىشى: كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ بولغاندىن كېيىن چاچنى ئالدۇرۇش ۋە قىسقارتىش بىلەن ئۇ كىشى ئېھرامدىن چىققان بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھەج قىلغان كىشىمۇ چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن چېچىنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش دۇرۇس بولىدۇ، پۈتۈن ئالدۈرۈش ياخشى، ئاندىن قۇربانلىق قېلىشتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن ئۇ كىشى ئېھرامدىن چىققان بولىدۇ، مۇمكىن بولسا قۇربانلىقتىن كېيىن قىلسا ياخشى بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابى كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: "ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى"11-توم 178-بەت