جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

دوزاخ ئاخىرلاشمايدۇ ۋە دوزاخ ئەھلىمۇ يوقالمايدۇ

26792

تارقاتقان ۋاقىت : 19-11-2013

كۆرگۈچىلەر : 4066

سۇئال

ئاللاھ تائالا كاپىرلار ۋە دىننى ئىنكار قىلغۇچىلارنى لَّابِثِينَ فِيهَا أَحْقَابًا دەپ ئۇزاق مۇددەت جەھەننەمدە ئازابلاش بىلەن ۋەدە قىلدى، ئۇلارغا قىلىنىدىغان ئازاب ئەبەدىي داۋاملىشامدۇ؟. ئەگەر ئۇنداق بولسا، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە ئادىللىقىغا زىت كەلمەمدۇ؟، ياكى ئۇلارنىڭ ئازابى ئاللاھ بىلىدىغان ئۇزاق بىر ۋاقىتقىچە داۋاملىشامدۇ؟. ئەگەر ئۇنداق بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟، بۇ توغرىدا قۇرئان-ھەدىستە بايانلار زىكىر قىلىنمىغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئەھلى سۈننەت جامائىتىنىڭ كۆزقارىشىدا دوزاخ ئاخىرلاشمايدۇ. ئۇنىڭدىن پەقەت ئاللاھنى بىر دەپ ئەقىدە قىلىپ تۇرۇقلۇق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان مۇسۇلمانلارلا مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن نىجات تاپىدۇ. كاپىرلار ۋە دىننى ئىنكار قىلغۇچى مۇلھىدلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەزمى ئۆزىنىڭ مەراتىبۇل ئىجمائ ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: "دوزاخ ھەقىقەتتۇر. ئۇ ئەبەدى ئازابنىڭ ماكانىدۇر. ئۇنىڭغا كىرگەنلەرمۇ مۇددەتسىز ئازابقا دۇچار بولىدۇ".

ئىبنى ھەزمى يەنە ئەلفەسلۇ فى مىلەل ۋەلئەھۋا ۋەننىھەل ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: "ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ ھەممىسى، جەننەت ۋە جەننەتنىڭ نېمەتلىرى، دوزاخ ۋە دوزاخنىڭ ئازابلىرى يوقالمايدۇ، مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن جەھمى ئىبنى سەپپان، ئەبۇ ئەلھۇزەيل ئەلئەللاف ۋە راپىزىلەردىن بولغان بىر تۈركۈم جامائەت، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئېتىقادى قارىشىغا زىت قاراشتا ياكى ئۆزگىچە چۈشەنچىدە بولدى.

جەھمى ئىبنى سەپپان: جەننەت-دوزاخ ۋە ئۇنىڭ ئەھلى يوقىلىدۇ دەيدۇ.

ئەبۇل ھۇزەيل ئەلئەللاف: جەننەت-دوزاخ ۋە ئۇنىڭ ئەھلى يوقالمايدۇ، ئەمما جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ھەرىكىتى يوقىلىدۇ. ئۇلار ھەرىكەتلەنمەيدىغان ھالەتتە قېتىپ قالىدۇ، جەننەت-دوزاخ ئەھلى ھايات بولۇپ، جەننەتتە لەززەتلىنىدۇ ياكى دوزاختا ئازابلىنىدۇ، دەيدۇ.

راپىزىلەردىن بولغان بىر تۈركۈم جامائەت: جەننەت ئەھلى جەننەتتىن، شۇنىڭدەك دوزاخ ئەھلىمۇ دوزاختىن ئاللاھ تائالا خالىغان بىر جايغا چېقىپ كېتىدۇ، دەيدۇ. (ئەل پەسلۇ 4145).

ئىمام تەھاۋىي ئۆزىنىڭ ئەقىدە كىتابىدا: "جەننەت-دوزاخ ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى بولۇپ، ئۇلار تۈگىمەيدۇ ۋە يوقالمايدۇ" دەيدۇ.

قۇرئان-ھەدىستە بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدىغان دەلىللەر ناھايىتى بەك كۆپ بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە جەھەننەم ئەھلى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: يُرِيدُونَ أَن يَخْرُجُوا مِنَ النَّارِ وَمَا هُم بِخَارِجِينَ مِنْهَا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُّقِيمٌتەرجىمىسى: ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇيۇ، ئەمما ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلار (ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان)دائىملىق ئازابقا قالىدۇ. [سۈرە مائىدە37-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: إِنَّ الْمُجْرِمِينَ فِي عَذَابِ جَهَنَّمَ خَالِدُونَ . لَا يُفَتَّرُ عَنْهُمْ وَهُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ تەرجىمىسى: گۇناھكارلار (يەنى كۇففارلار) ھەقىقەتەن دوزاخ ئازابىدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئۇلاردىن ئازاب (بىردەممۇ) يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلار دوزاختا (ھەر قانداق ياخشىلىقتىن) ئۈمىدسىزلەردۇر. [سۈرە زۇخرۇپ 74-75-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە دوزاخ ئەھلىنىڭ جەھەننەمدىن مەڭگۇ چىقمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَمَا هُم بِخَارِجِينَ مِنَ النَّارِ تەرجىمىسى: ئۇلار دوزاختىن مەڭگۇ چىقمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 167-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: إِنَّ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمْ أَبْوَابُ السَّمَاءِ وَلَا يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ الْجَمَلُ فِي سَمِّ الْخِيَاطِ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُجْرِمِينَ تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز. [سۈرە ئەئراپ 40-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقْضَىٰ عَلَيْهِمْ فَيَمُوتُوا وَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُم مِّنْ عَذَابِهَا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي كُلَّ كَفُورٍ تەرجىمىسى: كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. [سۈرە پاتىر 36-ئايەت].

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە جەننەت ئەھلى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا تەرجىمىسى: ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. [سۈرە بەيىنە 8-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: لَا يَمَسُّهُمْ فِيهَا نَصَبٌ وَمَا هُم مِّنْهَا بِمُخْرَجِينَ تەرجىمىسى: جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ. [سۈرە ھىجىر 48-ئايەت]. بۇنىڭدىن باشقا بۇ ھەقتە كەلگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ. ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى ئۆلۈم بىر سېمىز قوچقارنىڭ شەكلىدە كەلتۈرۈلۈپ، جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزىلىدۇ. ئاندىن: ئى جەننەت ئەھلى! بۇنى بىلەمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇلار سىنچىلاپ قاراپ: ھە-ئە بۇ ئۆلۈم دەيدۇ. ئاندىن: ئى دوزاخ ئەھلى! بۇنى بىلەمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇلارمۇ سىنچىلاپ قاراپ: ھە-ئە بۇ ئۆلۈم دەيدۇ. ئۆلۈم بوغۇزلاشقا بۇيرىلنىدۇ. ئاندىن: ئى جەننەت ئەھلى! ئەبەدىي جەننەتتە قالىسىلەر، ئۆلۈم يوق، ئى دوزاخ ئەھلى! ئەبەدىي دوزاختا قالىسىلەر ئۆلۈم يوق، دېيىلىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: وَأَنذِرْهُمْ يَوْمَ الْحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الْأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ تەرجىمىسى: ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر. [سۈرە مەريەم 39-ئايەت]. [مۇسلىم رىۋايىتى 5087- ھەدىس].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس جەننەت ئەھلىنىڭ جەننەتتە ئەبەدىي قالىدىغانلىقى، شۇنداقلا دوزاخ ئەھلىنىڭمۇ دوزاختا ئەبەدىي قالىدىغانلىقى ۋە دوزاختىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر، بۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر.

ئەقىدە تەھاۋىينىڭ شەرھىلىگۈچىسى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "سەھىھ ھەدىسلەردە ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوق دېگەن كىشىنىڭ دوزاختىن چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شاپائەت توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەردىمۇ، ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغۇچى مۇسۇلمانلارنىڭ دوزاختىن چىقىدىغانلىقى روشەن بايان قىلىنغان. بۇ ھۆكۈم تەۋھىد ئەھلىگە خاستۇر. ئەگەر كاپىرلارمۇ دوزاختىن چىققىنىدا، ئۇلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالاتتى-دە، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ھۆكۈم ئىمان ئەھلىگە خاس قىلىنمىغان بولاتتى". [شەرھى ئەتتاھىۋىيە 430-بەت].

ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ دوزاخ ئەھلى توغرىسىدا لَّابِثِينَ فِيهَا أَحْقَابًا ، لَّا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرْدًا وَلَا شَرَابًا ، إِلَّا حَمِيمًا وَغَسَّاقًا تەرجىمىسى: ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ. ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يېنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ. [سۈرە نەبەئ 23-24-25-ئايەتلەر] دېگەن ئايەتلەرنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلار جەھەننەمدە ئەسىرلەر داۋاملاشقان مۇددەتتە تۇرىدۇ، ئەسىرلەر ئۈزۈلمەيدۇ. بىر ئەسىر ئاخىرلاشسا يەنە بىر ئەسىر كېلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى: ئۇلار جەھەننەمدە ئاخىرەتنىڭ ئەسىرلىرى بويىچە قالىدۇ، ئۇنىڭ چېكى يوقتۇر. كۈنلەر بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. ئايەتتە بىر ئەسىر ياكى بەش ئەسىر ياكى ئون ئەسىر دەپ مۇئەييەن ۋاقىت بايان قىلىنمىدى، پەقەت ئەسىرلەرنى بايان قىلدى، بۇ ئۇلارنىڭ يەنى جەھەننەم ئەھلىنىڭ قارىشىدا چەكسىز ۋاقىتتۇر. ئۇلارنىڭ خىيالىدا تونۇشلۇق بولغان سۆز بىلەن ئەبەدىيلىكنى مەقسەت قىلىشتۇر. يەنى ئۇلار جەھەننەمدە ئەبەدىي قالىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتە كۈنلەر زىكىر قىلىنماي، ئەسىرلەرنىڭ زىكىر قىلىنىشى قەلبتە ھەيۋەت ۋە قورقۇنچ پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ ئايەتتىن(يەنى ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ دېگەن سۆزنى) ئەسىرلەردىن كېيىن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغۇچى مۇسۇلمانلار دوزاختىن چىقىدۇ دېگەن ئۇقۇمنى چۈشىنىش مۇمكىن. ئەسىرلەرنى ئۇلارنىڭ يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭلارنى ئېچىيدىغان ۋاقتى، بۇ ۋاقىت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلار ئۈچۈن ئازابنىڭ يەنە باشقا تۈرى بار دېيىلگەن. شۇ سەۋەپتىن ئاللاھ تائالا: لَّابِثِينَ فِيهَا أَحْقَابًا ،لَّا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرْدًا وَلَا شَرَابًا ، إِلَّا حَمِيمًا وَغَسَّاقًا تەرجىمىسى: ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ. ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يېنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ. دېگەن. [قۇرتۇبىينىڭ بۇ ئايەت ھەققىدە تەپسىرى تۈگىدى].

ئىمام قۇرتۇبىي ئاللاھ تائالانىڭ: فَأَمَّا الَّذِينَ شَقُوا فَفِي النَّارِ لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَشَهِيقٌ . خَالِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ إِلَّا مَا شَاءَ رَبُّكَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ فَعَّالٌ لِّمَا يُرِيدُ تەرجىمىسى: بەتبەختلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، ئۇلار دوزاختا (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) توۋلاپ نالە ـ پەرياد چېكىدۇ. (دوزاخنىڭ) ئاسمان ـ زېمىننى يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار دوزاختا پەرۋەردىگارىڭ خالىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر. [سۈرە ھۇد 106-107-ئايەتلەر] دېگەن ئايىتى توغرىسىدا 11 خىل قاراشنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ ھەممىسى كاپىرلارنىڭ جەھەننەمدە مەڭگۈ-ئەبەدىي قالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، دېدى. شۇنداقلا ئايەتتىكى ئىستىسنا سۆزى مۆمىنلەردىن بولغان ئاسىيلارنىڭ مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن دوزاختىن چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتتىكى بەختسىز بەدبەخلەر دېگەن سۆز كاپىرلار ۋە ئاسىي مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ دېگەن ئايەتتىن ئاسىي بولغان مۆمىنلەر ئايرىۋېلىنىدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەليھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەزى ئىنسانلار جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ، ئۇلار كۆيۈپ قاپ-قارا كۆمۈرگە ئوخشاش بولغاندا، جەھەننەمدىن چىقىرىلىپ جەننەتكە كىرگۈزىلىدۇ، ئۇلار (جەھەننىمىيۇن) يەنى جەھەننەمدىن كەلگەنلەر دەپ ئاتىلىدۇ». [بۇخارىي رىۋايىتى 6896-ھەدىس].

يۇقىرىقى ئايەت-ھەدىسلەردىن شۇ مەلۇم بولدىكى، قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائنىڭ دەلىللىرى بىلەن دوزاخنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ مەڭگۈ، ئەبەدىي قالىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. قۇرئاندىن، ھەدىستىن، ساھابىلار ۋە تابىئىنلاردىن بايان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ھېچ بىرىدە بۇنىڭغا زىت كېلىدىغان ئوچۇق دەلىل ئىسپاتلار سۆزلەنمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ: ئۇلارنىڭ ئازابى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدىغان ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كېيىن قانداق بولىدۇ، قۇرئان-ھەدىستە بۇ ھەقتە ئوچۇق دەلىل بايان قىلىنماپتۇ، دېگەنسوئالىڭىزغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: بىز قۇرئان-ھەدىسنىڭ بەزى دەلىللىرىنى بايان قىلدۇق، يەنە بىز بايان قىلمىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار. يۇقىرىدا بىز ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆزقارىشىنى بايان قىلدۇق. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت جەھەننەمدە ئازابلانغاندىن كېيىن ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە سۆزلەنمىگەن بولسىمۇ، بەلكى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان دەلىللەر ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرلاشمايدىغان ۋە ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئاللاھ تائالا سىزنى-بىزنى بۇنىڭدىن ئۆزى ساقلىسۇن!. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم-شەپقىتى ۋە ئادىللىقىغا زىت كەلمەيدۇ. بەلكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتى ۋە ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقْضَىٰ عَلَيْهِمْ فَيَمُوتُوا وَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُم مِّنْ عَذَابِهَا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي كُلَّ كَفُورٍ . وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُم مَّا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَن تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ ۖ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِن نَّصِيرٍتەرجىمىسى: «كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. ئۇلار دوزاختا: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ) سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق. [سۈرە پاتىر 36-37-ئايەتلەر].

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الْمُجْرِمِينَ فِي عَذَابِ جَهَنَّمَ خَالِدُونَ .لَا يُفَتَّرُ عَنْهُمْ وَهُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ .وَمَا ظَلَمْنَاهُمْ وَلَـٰكِن كَانُوا هُمُ الظَّالِمِينَ . وَنَادَوْا يَا مَالِكُ لِيَقْضِ عَلَيْنَا رَبُّكَ ۖ قَالَ إِنَّكُم مَّاكِثُونَ .لَقَدْ جِئْنَاكُم بِالْحَقِّ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَكُمْ لِلْحَقِّ كَارِهُونَ تەرجىمىسى: «گۇناھكارلار (يەنى كۇففارلار) ھەقىقەتەن دوزاخ ئازابىدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئۇلاردىن ئازاب (بىردەممۇ) يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلار دوزاختا (ھەر قانداق ياخشىلىقتىن) ئۈمىدسىزلەردۇر. ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق ۋە لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە): ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن دەپ توۋلايدۇ. مالىك: سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر دەيدۇ. بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ھەق (دىن) نى كەلتۈردۇق ۋە لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەق (دىن) نى يامان كۆرگۈچىلەردۇر» [سۈرە زۇخرۇپ 74-75-76-77-78-ئايەتلەر].

يەنە بىر ئايەتتە: إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ عِندَ رَبِّهِمْ جَنَّاتِ النَّعِيمِ . أَفَنَجْعَلُ الْمُسْلِمِينَ كَالْمُجْرِمِينَ تەرجىمىسى: تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟. [سۈرە قەلەم 34-35-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ اجْتَرَحُوا السَّيِّئَاتِ أَن نَّجْعَلَهُمْ كَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَوَاءً مَّحْيَاهُمْ وَمَمَاتُهُمْ ۚ سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ . وَخَلَقَ اللَّـهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ وَلِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!. ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەقلىق بىلەن ياراتتى، ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ. [سۈرە جاسىيە 21-22-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا ۖ وَعْدَ اللَّـهِ حَقًّا ۚ إِنَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ بِالْقِسْطِ ۚ وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ شَرَابٌ مِّنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ تەرجىمىسى: (قىيامەت كۈنى) ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئاللاھ ياراتقان، (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى) ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ، كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن، (دوزاختىكى) ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ ھەمدە ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. [سۈرە يۈنۈس 4-ئايەت].

كىمكى يۇقىرىقى ئايەتلەرنى ئويلىنىپ، پىكىر قىلىپ تەپسىلى چۈشەنگەندە، ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمەتلىك، مېھرىبان، ھەممىنى بىلگۈچى، كىشىلەرگە زەررە مىقدارى زۇلۇم قىلمايدىغان زات ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەرگىزمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا كاپىر ۋە مۇشرىكلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاك ۋە يۈكسەكدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: لَا يُسْأَلُ عَمَّا يَفْعَلُ وَهُمْ يُسْأَلُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ. [سۈرە ئەنبىيا 23-ئايەت].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد