چارشەنبە 16 شەۋۋال 1440 - 19 ئىيۇن 2019
Uygur

رامىزان روزىسىنى تۇتۇش كىملەرگە پەرىز بولىدۇ؟

سۇئال

رامىزان روزىسىنى تۇتۇش كىملەرگە پەرىز بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك شەرت تولۇق بولغان كىشىلەر ئۈچۈن رامىزان روزىسىنى تۇتۇش پەرىز بولىدۇ:

    بىرىنچى: مۇسۇلمان بولىشى كېرەك.

    ئىككىنچى: بالاغەت يېشىغا يەتكەن بولىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى: روزا تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغان بولىشى كېرەك.

    تۆتىنچى: بىر يەردە مۇقىم تۇرىدىغان بولىشى كېرەك.

    بەشىنچى: روزا تۇتۇشتىن چەكلەپ قويىدىغان بارلىق چەكلىمىلەردىن خالى بولىشى كېرەك.

    يۇقىردا بايان قىلىنغان بەش تۈرلۈك شەرت تولۇق بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى پەرز بولىدۇ.

    بىرىنچى: مۇسۇلمان بولۇش دېگەن شەرتكە ئاساسەن كاپىرغا روزا تۇتۇش پەرىز بولمايدۇ، ئەگەر كاپىرلىق ھالەتتە روزا تۇتسا، تۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر كاپىر مۇسۇلمان بولسا ئۇنىڭغا بۇرۇن تۇتالمىغان روزىلارنى قايتىدىن تۇتۇش بۇيرۇلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَا مَنَعَهُمْ أَن تُقْبَلَ مِنْهُمْ نَفَقَاتُهُمْ إِلَّا أَنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّـهِ وَبِرَسُولِهِ وَلَا يَأْتُونَ الصَّلَاةَ إِلَّا وَهُمْ كُسَالَىٰ وَلَا يُنفِقُونَ إِلَّا وَهُمْ كَارِهُونَ  تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، (پۇل ـ مېلىنى) رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ.» [سۈرە تەۋبە 54-ئايەت].

    گەرچە ئۇلارنىڭ قىلغان نەپىقىلىرىنىڭ مەنپەئەتى تۈرلۈك بولسىمۇ، ئۇلار كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنمايدۇ، بولۇپمۇ ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىمان شەرت قىلىنىدۇ.

    كاپىر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىلگىرى كاپىرلىق ھالىتىدە تۇتمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ دېگەنلىك توغرسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوا إِن يَنتَهُوا يُغْفَرْ لَهُم مَّا قَدْ سَلَفَ  تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.» [سۈرە ئەنپال 38-ئايەت].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كاپىرلارنى ئىلگىرى قىلالمىغان پەرىز ئەمەللەرنىڭ قازاسىىنى قىلىشقا بۇيرىمىغانلىقى مۇتەۋاتىر دەرىجىلىك يوللار بىلەن ئىسپاتلانغان.

    كاپىر مۇسۇلمان بولماي ئۆلۈپ كەتسە ئاخىرەتتە تۇتالمىغان روزىلار توغرىسىدا جازاغا تارتىلامدۇ؟، بۇنىڭ جاۋابى: شۇنداق، كاپىر روزىنى ۋە باشقا بارلىق پەرىز ئەمەللەرنى تەرك قىلغانلىقىغا ئاساسەن جازاغا تارتىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان، شەرىئەت پرىنسىپىغا بويسۇنىدىغان مۇسۇلمانمۇ پەرىز ئەمەللەرنى تەرك قىلغانلىقىغا ئاساسەن جازاغا تارتىلىدىغان تۇرسا، ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتمىغان، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق نېئمەتلىرىدىن نېئمەتلىنىپ، چەكلەنگەن-ھارام ئىشلارنى قىلغان، بۇيرۇلغان پەرىز ئەمەللەرنى تەرك قىلغان كاپىر قاتتىق ئازاب ۋە جازاغا لايىق بولىدۇ، بۇ سېلىشتۇرۇش نەتىجىسى بىلەندۇر. ئەمما دەلىلدە: ئاللاھ تائالا جەننەتكە مۇشەررەپ بولغان ئەمەل كارتۇچكىلىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ، ئۇلار دوزاخ ئەھلىدىن ئىبارەت بولغان جىنايەتچىلەرگە مۇنداق دەيدۇ:  مَا سَلَكَكُمْ فِي سَقَرَ . قَالُوا لَمْ نَكُ مِنَ الْمُصَلِّينَ . وَلَمْ نَكُ نُطْعِمُ الْمِسْكِينَ . وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ الْخَائِضِينَ . وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوْمِ الدِّينِ  تەرجىمىسى: «ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق، مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق، بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق، قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق.» [سۈرە مۇددەسسىر 40-ئايەتتىن 46-ئايەتكىچە].

    ئۇلارنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە سەۋەپ بولغان نەرسە تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك ئىشتىن ئىبارەت: بىز ناماز ئوقۇمىدۇق، مىسكىنلەرگە زاكات ماللاردىن بەرمىدۇق، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانغا ئوخشاش بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۈدە سۆز قىلاتتۇق ۋە قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق.

    ئىككىنچى شەرت: بالاغەت يېشىغا يەتكەن، ئەقلى ھۇشى جايىدا بولىشى كېرەك، چۈنكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىغا ۋە ئەقلى يوق ساراڭغا شەرىئەتتە بىر نەرسە بۇيرۇلمايدۇ. بالاغەت يېشىغا يەتكەنلىك ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنىڭ ھاسىل بولىشى بىلەن بىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە 70425- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

      ئەقىللىق دېگەن ساراڭنىڭ ئەكسى بولۇپ، بۇ دەلدۈشلۈك ياكى باشقا سەۋەپتىن ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشىدۇر، قايسى يوللار بىلەن ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشى بولسۇن، بۇ كىشىنى شەرىئەتتە پەرىز بولغان ناماز، روزا، زاكات قاتارلىق ئەمەللەرنىڭ ھېچ قايسىسىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇمايدۇ، يەنى ئۇنىڭغا ھېچ قانداق بىر ئەمەلنى ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

      ئۈچىنچى شەرت: روزا تۇتۇشقا قادىر بولالايدىغان بولىشى كېرەك، ئەمما روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان كىشىگە روزا تۇتۇش پەرىز بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ   تەرجىمىسى: «كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

    ئەمما روزا تۇتۇشتىن ئاجىز كەلگۈچى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بىرسى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان يەنە بىرى دائىم بولىدىغان ئاجىزلىقتۇر.

    تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئاجىزلىق يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغان: شىپا تېپىشى ۋە ساقىيىشىدىن ئۈمىت بولغان بىمار ۋە سەپەر ئۈستىدىكى مۇساپىر قاتارلىقلار رامىزاندا روزا تۇتماستىن ئىپتار قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، كېيىن كېسەل شىپا تاپقاندا ۋە مۇساپىر سەپەردىن قايتىپ كەلگەندە تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ.

     دائىملىق ئاجىزلىق بولسا، شىپا تېپىشى ۋە ساقىيىشىدىن ئۈمىت ئۈزۈلگەن بىمار، بەك ياشىنىپ كەتكەن بوۋاي-مومايلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەھۋالى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ   تەرجىمىسى: «روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم».

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ: "بەك ياشىنىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان كىشىلەر ھەر كۈنلۈك تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك يىمەكلىك پىديە بېرىشى كېرەك" دېگەن.

    تۆتىنچى شەرت:  روزا تۇتقۇچى بىر جايدا مۇقىم تۇرىدىغان بولىشى كېرەك، ئەگەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە روزا تۇتۇش پەرىز بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ  تەرجىمىسى: «كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت]. ئۆلىمالار مۇساپىرنىڭ سەپەر جەريانىدا ئىپتار قىلىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى.

    سەپەر قىلىۋاتقان كىشىنىڭ روزا تۇتۇش بىلەن تۇتماسلىقنىڭ قايسىسى ئاسان بولسا شۇنى تاللىشى ياخشى بولىدۇ، ئەگەر سەپەر جەريانىدا روزا تۇتسا بەك قېيىنچىلىق بولۇپ كەتسە بۇنداق ھالەتتە روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّـهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا  تەرجىمىسى: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىرـبىرىڭلارنى)ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە نىسا 2-ئايەت].

    بۇ ئايەت ئىنسانغا زىيان يېتىدىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەقتە 20165- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

     ئەگەر روزا تۇتۇشتىن چەكلىنىدىغان زىيان قانداق ئۆلچىلىنىدۇ؟ دەپ سورالسا، بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋاپ: زىيان دېگەن ھېس-تۇيغۇ بىلەن بىلىنىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئىشەنچىلىك خەۋەرلەر بىلەنمۇ بىلىنىدۇ. ھېس-تۇيغۇ بىلەن بولغاندا، بىمار روزا تۇتقاندا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىشىپ، قېينىلىپ، كېسەللىكىنىڭ زىيادە بولىۋاتقانلىقىنى، شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ.

    ئەمما خەۋەرلەر بىلەن بېلىنىدىغىنى بولسا، ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ روزا تۇتسا سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بىلەن بولىدۇ.

     بەشىنچى شەرت: روزا تۇتۇشتىن چەكلەپ قويىدىغان چەكلىمىلەردىن خالى بولىشى كېرەك. بۇ شەرت ئاياللارغا خاس بولۇپ، ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋە نىپاسدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى كېرەك بولمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى قارار قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاياللار ئادەت كۆرۈپ قالسا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ». ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى بويىچە: ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋە نىپاسدار بولغان ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى كېرەك بولمايدۇ. ئەگەر روزا تۇتقان بولسا، تۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ، ساقايغاندىن كېيىن قايتىدىن قازاسىنى تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ" 6-توم 330-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش