شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىسلام دىنى بىلەن خرىستىئان دىنى ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

سۇئال

    ئىسلام دىنى بىلەن خرىستىئان دىنى ئارىسىنى يىراقلاشتۇرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىئانلار ئارىسىدىكى پەرقنى كېڭەيتىۋېتىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئېتىقادى پەرقنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىرلىقى، ئازغۇنلىقىنى تەرك قىلمىغۇچە، ئاللاھنى يەككە-يىگانە، يالغۇز دەپ ئېتىقاد قىلمىغۇچە، مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە شاھىتلىق بەرمىگۈچە، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ قۇلى بولغان بىر ئىنسان دەپ ئېتىقاد قىلمىغۇچە  يېقىنلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ.

   ئۇلارنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دىنى جەھەتتىكى ئازغۇنلۇقى بولسا بىز مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى كېڭەيتىۋېتىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردۇر.

   1- خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

   2- خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ بىلەن بىرگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلۇغلۇقتا ئۈچ مۇقەددەسنىڭ ئىككىنچىسى ھېسابلىنىدۇ.

   3-ئۇلار "لاھۇت ناسوتنىڭ ئورنىغا كەلدى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

   4-ئۇلار ئاللاھ ئۈچتىن تەركىپ تاپقان دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۈچ ئىلاھلىق ئەقىدىسىدۇر.

   5- خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى "بىلاتىېس نىبتىي"نىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەھۇدىيلار كېرستقا ئاسقان، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئېسىقلىق ھالەتتە ۋاپات بولغان دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

   6- خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانىيەتكە ئۆزىنى پىدا قىلىپ، ئۈستىگە ئالغان خاتالىقلىرىغا كاپارەت بېرىپ كېرىستقا مىخلانغان ھالەتتە ئۆلدى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

   7-خرىستىئانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىپ يالغانغا چىقارغان، ئىپپەتلىك-پاك ئانىسى مەريەمنى زىنا قىلدى دەپ تۆھمەت قىلغان، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈردۇق ۋە كېرىستقا مىخلىدۇق دەپ ئويلىغان يەھۇدىيلارغا دوستلۇق ۋە يېقىنلىق پوزىتسىيىدە بولۇپ، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئانىسىنى ئۇلۇغلايدىغان مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت پوزىتسىيىدە بولىدۇ.

   8- خرىستىئانلار ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان ئىنجىلنى بۇرمۇلاپ لەپزىنى ئۆزگەرتىش، زىيادە قىلىش مەنىلىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق يولسىزلىقلارنى قىلدى، ئۇنىڭدىن سىرت يامانلىق ۋە ناچارلىقنى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا نىسبەت بەردى.

   9-خالاس بولۇش ئېتىقادى. ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ: ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالام سادىر قىلغان گۇناھنى ئۆزى مەغپىرەت قىلىشتىن ئاجىز كېلىپ ئىنسانلارنى گۇناھدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھېچ قانداق گۇناھى بولمىغان يالغۇز ئوغلىنى خاتالىقلارنىڭ يوق بولىشى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشقا ئەۋەتتى دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇر.

   بۇ ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالانى ئاجىز كۆرسۈتۈش، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلىشتۇر.

   10- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ۋە يېڭى كىتاپلىرىدا ئوچۇق بايان قىلىنغان تۇرۇقلۇق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە كاپىر بولدى.

   11-ئۇلارنىڭ ھازىرقى كۈندە قولىدا بار بولغان ئۆزگەرتىلگەن ئىنجىلنى توغرا دەپ ئىشىنىشى، ھالبۇكى، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانى تىللاش، ناقىس سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاملارنى ئېغىزغا ئالغۇسىز ناچار سۆزلەر بىلەن ئىپتىرا قىلىش ۋە تىللاش قاتارلىق يالغانلار بار، بىز ئۇنى ئۇلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان ناچارلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن سۆزلەيمىز.

    ئاللاھ تائالانى تۇپان بالاسى ئەۋەتىپ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى سۇغا غەرق قىلىۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلىپ كۆپ يىغلاپ كۆز ياللۇغى بولۇپ قالدى، پەرىشتىلار ئۇنىڭ كۆزىنى ئەسلىگە قايتۇردى دېگەندەك ناچار سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ناچار سۈپەتلىرىدىن پاكتۇر، يۈكسەكتۇر، ئۇلۇغدۇر.

     ئۇلار لۇت ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ئىككى قىزى بىلەن زىنا قىلدى دەپ سۈپەتلەيدۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنى شاراپ ئېچىپ مەست بولۇپ قىلىپ، ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالدى دەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزسىزلىكى بەك كۆپ. بۇ توغرىدا ئىبنى قەييىمنىڭ" ھىدايەتۇل ھەيارى پى تەۋبەتۇل يەھۇد ۋەن ناسارا" ناملىق ئەسىرى، ۋە دوكتۇر مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ سۇھەيمنىڭ:"نەقزۇن نەسرانىيەتۇ" ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى