يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

بانكىنىڭ ماشىنىنى مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىشىنىڭ دۇرۇس بولىشىنىڭ شەرتى توغرىسىدا

سۇئال

ئاممىۋى ئورگاندا خىزمەت قىلىمەن، سالام بانكىسى بىلەن ماشىنا سېتىش شېركىتى ئارىسىدا مۇلازىمەت قىلىش كېلىشىمى تۈزۈلدى، بانكا سىزگە ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى سۇندى، بىز بانكىغا 30% بېرىمىز، ماشىنا باھاسىنىڭ قالغانلىرى بەش يىلغا بۆلىنىدۇ، ماشىنىنىڭ پۇلىدىن ھەر يىلغا 5% بېكىتىش شەرت قىلىنىدۇ، مېنىڭ سوئالىم: بۇ خىزمەت توغرىمۇ ياكى توغرا ئەمەسمۇ؟ بۇ مۇئامىلە مۇددەتكە بۆلۈش بىلەن سودىنى ئاسانلاشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك شەرت تېپىلسا بانكىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يول بىلەن ماشىنا سېتىشى دۇرۇس بولىدۇ.

    بىرىنچى: بانكا ماشىنىنى سېتىشتىن بۇرۇن شىركەتتىن سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئۆزى ئىگە بولالمىغان نەرسىنى سېتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بەزى خېرىدارلار كېلىپ مەندىن يېنىمدا يوق نەرسىلەرنى سورايدۇ، مەن ئۇنى خېرىدارغا سېتىپ بولۇپ ئاندىن بازاردىن سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەرسەم توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يېنىڭدا يوق نەرسىنى ساتمىغىن دېگەن». [نەسائى رىۋايىتى4613-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3503-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1232-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   يەنە بىر رىۋايەتتە: «بىر مالنى سېتىۋالساڭ، ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالماستىن بۇرۇن ساتمىغىن دېگەن». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 15316-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 4613-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"  342-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئىككىنچى: كېلىشكەن پۇلدىن ئايرىم مۇددەتكە پايدا بېكىتمەسلىك كېرەك، مەسىلەن: مۇددەتنىڭ قارشىسىغا ھەر يىلى 5% قېتىلىدۇ دېيىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش مۇئامىلىنى جازانىگە ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ.

    ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆتەش سودىسى توغرىسىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: "نېسى سودىدا كېلىشىمدە بېكىتىلگەن پايدىغا مۇددەتكە ئالاقىدار بولغان ھازىرقى پۇلدىن باشقا پايدىنى بېكىتىش شەرئى پرىنسىپتا توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئىككى تەرەپ پايدىنىڭ نىسبىتىگە ئىتتىپاق كەلگەن بولسۇن ياكى يۇقىرى بىر پايدىغا ئالاقىدار قىلغان بولسۇن ئوخشاش بولىدۇ". ["پىقھى مەجمۇئەسى ژۇرنىلى" 6-پەسىل 1-توم 193-بەت].

    ئۈچىنچى: كېلىشىم پۇلنى ۋاقتىدا ئۆتىمىگەنلىككە جەرىمانە قويۇش شەرتىنى ئۆز ئېچىگە ئالمىغان بولىشى كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلىش جازانە بولىدۇ.

     ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ ئىلگىرىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن:

    بىرىنچى: نەخ ساتقان پۇلدىن نېسى ساتقان پۇلنى زىيادە قىلىش توغرا بولىدۇ، شۇنىڭدەك نەخ پۇلغا ئالىدىغان باھا بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆتەيدىغان باھانى زىكىر قىلىش توغرا بولىدۇ، سودا ئىككى تەرەپ نەخ پۇلغا ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىشكە ئېنىق پۈتۈشكەندە سودا توغرا بولىدۇ.

     ئىككىنچى: ئەگەر سودا ئىككىنىڭ بىرىگە تەۋرىنىشكە پۈتكەن بولسا، يەنى بەلگىلەنگەن پۇلغا كەسكىن ئىتتىپاق قىلمىغان بولسا، بۇ سودا شەرىئەتتە توغرا بولمايدۇ.

     ئۈچىنچى: ئەگەر نېسى سېتىۋالغان مۇشتەرى پۇلى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرسە، ئۇنى ئىلگىرىكى شەرت بىلەن ياكى شەرتسىز قەرزنى زىيادە قىلىشقا قىستاش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ھارام بولغان جازانىدۇر.

   يۇقىرىدا بايان قىلغاننىڭ ھەممىسى، بانكا ماشىنىنى شىركەتتىن سېتىۋېلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن خېرىدارغا ئۆزى ساتقان بولسا شۇنداق بولىدۇ.

ئەمما بانكىنىڭ رولى پەقەت مەبلەغ چىقىرىش بولسا، شىركەتكە پۇلنى نەخ بېرىپ ئاندىن  خېرىداردىن مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش بىلەن ئارتۇق ئالسا، بۇ جازانە مۇئامىلىسى بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ھەقىقىتى بانكا خېرىدارغا ماشىنىنىڭ پۇلىنى قەرز بېرىدۇ، بۇ پۇلنى مۇددەتكە بۆلۈپ زىيادىسى بىلەن قايتۇرۇشنى شەرت قىلىدۇ، بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن جازانىدۇر.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى