بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بۇ تەتقىقات ئىشلىرى توغرىسىدا توختالمايمىز. لېكىن ئومۇمى بىر شەكىلدە، كېسىپ ئېيتىمىزكى: غەيبى ئىشلارنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ھېچبىر كىشىنىڭ: پالانى سىزنىڭ سىرىڭىزنى ساقلايدۇ، ياكى سىزگە سەمىمى ياكى سىزگە خۇرسەنلىك ئىلىپ كېلىدۇ دېگەندەك ئىشلارنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت بۇنى شۇ كىشى بىلەن مەلۇم مۇددەت ئارىلىشىپ يۈرگەندە ياكى ئۇ كىشى ئۆز قارىشى بىلەن سىز توغرىلىق خەۋەر بەرگەندە ئاشكارا بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇمۇ گۇمان دائىرىسىدە بولىدۇ، ئىشەنچىلىك خەۋەر بولمايدۇ.
مەسىلەن: مەن بۇ دوستۇمنى كۆرسەم خۇرسەن بولىمەن، يوقىتىپ قويسام بىئارام بولىمەن دېسىڭىز، بۇنىڭدىن بۇ دوست سىزگە بەخت-خۇرسەنلىك ئىلىپ كېلىدۇ دېگەن ئۇقۇم ئىپادىلىنىدۇ.
ئەگەر پالانى مەن قايغۇرسام قايغۇرىدۇ، قىيىنچىلىق ۋاقىتتا مەن بىلەن بىرگە بولىدۇ، ھادىسىگە ئۇچرىغاندا ياردەم بېرىدۇ، ماڭا دائىم توغرا يول كۆرسىتىپ، نەسىھەت قىلىدۇ دېسىڭىز، سىزگە: ئۇ كۆرۈنۈشتە سىزگە سەمىمى ئىكەن، ئۇنىڭ سىرلىرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر دېيىلىدۇ. لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇنىڭ ھەممىسى پايدىسىز ياكى غەيىپتىن سۆزلەشتىن ئىبارەتتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن: بۇ تۈردىكى دىتاللار ئىككى ئىشتىن خالى بولمايدۇ:
بىرىنچى: بۇ دىتاللار سىزگە ئىلگىرى بىلدۈرۈلگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن دوستىڭىزنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنى ھەر قانداق بىر كىشى قىلالايدۇ، بۇ تاشقى كۆرۈنۈشكە ئاساسەن بولىدۇ، ئىش ئۆزىنىڭ ھەقىقىتى بويىچە بولمايدۇ، نۇرغۇن ئالدامچىلار بار، كۆرۈنىشى ئىشەنچىلىك دوستتەك، ئەمما قىلمىشى ئۇنىڭ ئەكسىچە.
نۇرغۇن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆز ھەمراھىغا دائىم ياخشىلىق قىلىدۇ، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئىززەت-ئىكرام قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىدىن بىرەر خاتالىق سادىر بولۇپ قالسا، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ يىللارچە قىلغان ياخشىلىقلىرى، ئىززەت-ئىكراملىرىنى ئۇنتۇپ، بىر خاتالىقىنى تۇتقا قىلىپ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىدۇ.
ئىككىنچى: بۇ دىتاللار ئىلگىرىكى بىلدۈرۈلگەن ماتېرىياللارغا تايانمايدۇ، پەقەت دوستىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى تۇغۇلغان ۋاقتى ياكى رەسىمى ياكى ياساپ چىققان رەسىمگە تايىنىپلا سىزگە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن مەلۇمات بېرىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى غەيىپتىن خەۋەر بېرىش ۋە غەيىپنى بىلىمەن دېگەنلىكتۇر، بۇ تۈردىكى دىتاللارغا ئىشىنىش ۋە بۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا سەپىيە بىنتى ئەبۇ ئۇبەيد پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللارىدىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەمچى-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن غەيىپتىن بىر نەرسە سورىغان كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2230-ھەدىس].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەممال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ غەيىپتىن بىر نەرسە سوراپ، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان دىننى ئىنكار قىلغان بولدى». [تىرمىزى رىۋايىتى 135-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3904-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 639-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
121011 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا: بىر كىشىنىڭ شەخسىيىتىنى ئىلمى ئاساسقا تايىنىپ تەھلىل قىلىش بىلەن رەمباللىق-پالچىلىق قارىشىغا تايىنىپ تەھلىل قىلىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرىقنىڭ بايانى سۆزلەنگەن بولۇپ، شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.