شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

باشقىلارغا ھەيۋە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

    تۈرلۈك شەكىلدە باشقىلارغا خىرىس قىلىش، ھەيۋە قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بۇنداق قىلغان كىشىگە قاتتىق جازا بېرىلەمدۇ؟، بۇ تۈردىكى  كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    باشقىلارغا خىرىس قىلىشنىڭ كۆرۈنىشى بولسا: باشقىلارغا ئاغزاكى ياكى ئەمەلىي كۈچ بىلەن قايتا-قايتا چېقىلىشتۇر. بۇنداق قىلىدىغانلار ئادەتتە، ئوغۇللار ياكى قىزلار بولۇپ ئۇلار ئۆزى بىلەن تەڭ-تۇش بولغان ياكى ئۆزىدىن كېچىك بولغانلارنىڭ ئاجىزلىقى ياكى يالغۇز ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ كۈچ-قۇۋۋىتىگە ياكى ئەتراپىدىكى ھەمراھلىرىغا تايىنىپ ئۇلارغا چېقىلىدۇ، ھۇجۇم قىلىدۇ.

    ئەپسۇس بۇنداق كۆرۈنۈشلەر مەكتەپلەردە، ۋە ئولتۇراق مەھەللىلەردە كۆپرەك بولىدۇ، ئادەتتە بۇ ئىش دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ماددى ۋە مەنەۋىيتىگە زىيان ئىلىپ كېلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىنى ۋە قېيىنچىلىقلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان ۋە مەنىۋىي تەرەپتىن رىغبەتلەندۈرىدىغان كىشى بولمىسا، ئاخىرىدا بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

    بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىنى ھەل قىلىش، ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلغاندىن كېيىن مۇشۇ ئىش بىلەن تۇتاش بولىدىغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن بولىدۇ، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى تەرەپلەر بەك مۇھىم:

   باشقىلارغا خىرىس قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسى:

    باشقىلارنىڭ خىرىس قىلىشى ۋە دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا ئۇچرىغان ياشنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلىرى توغرىسىدا قىلغان نەسىھەتلىرىنى ئەسلىتىش بىلەن ئۇلارنى پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ناچار ئەخلاقتىن يىراق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىش كېرەك بولىدۇ.

   بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ياأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنْفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.»[سۈرە  تەھرىم 6-ئايەت].

     شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسانغا ئۆز ئەھلى-پەرزەنتلىرىنى ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئايەتتە: «ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار» دېگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سۇئال قىلىنىدۇ،» دېگەن. ["ئەزۋائۇل بايان"2-توم 209-بەت].

   ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە تەربىيە قىلىشقا سەل قارىغانلىق ۋە ئۇلارنى باشقىلارغا خىرىس قىلىشتىن چەكلەنمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچراپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى پەرزەنت تەربىيىسىگە سەل قاراش، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا خىرىس قىلىشىنى قوللاش بولسا، پەرزەنتلەرگە ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈش بولماستىن ئۇلارنى يولدىن چىقىرىشتىن ئىبارەتتۇر.

   ھەسەن بەسەرى دەيدۇ، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى زەيياد مەئقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇنقى كېسەللىكىدە يوقلاپ كىرگەندە، مەئقەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: مەن ساڭا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان مۇنداق بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بېرەي، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى بىر مىللەت-جامائەتنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە قىلسا، ئۇ كىشى ئۇلارغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنى توغرا تەرەپكە يېتەكلىمىسە، ئۇ رەھبەر قىيامەت كۈنىدە جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ تاپالمايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 7150-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 142ھەدىس].

    شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەرزەنتلىرىنى ھەددىدىن ئېشىش ۋە باشقىلارغا زوراۋانلىق قىلىشتىن چەكلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن يامان ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ھەزەر قىلدۇرۇشى لازىم، چۈنكى ھەر قانداق جىنايەتنىڭ جازاسى شۇ جىنايەتنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. بۇ توغرىدا شەرئى دەلىللەر ۋە ئەمەلىي تەجرىبە ساۋاقلار مەۋجۇتتۇر.

    بارلىق ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ دىنى چۈشەنچە، ئاڭ-سەۋىيىسىنى كۈچلاندۈرىشى، ئۇلارنى ساغلام ئەقىدە، گۈزەل ئەخلاق بىلەن تەربىيىلىشى، ئەپۇچان، باشقىلارنى ئېھتىرام قىلىدىغان، دوست تۇتىدىغان، ياردەم قىلىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈشى زۆرۈر بولىدۇ.

    باشقىلار تەرىپىدىن دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىسى:

     بۆزەك قىلىنغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسىغا كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇنى ئۆز ئىشىڭنى ئۆزۈڭ ھەل قىلغىن، باشقىلارغا يۈك بولمىغىن دەپ ھالىدىن تولۇق خەۋەر ئالماي ۋە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلماي تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك.   ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، رەھبەر بولغان كىشى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئائىلە باشلىقى ئائىلىگە مەسئۇل بولۇپ. ئۇلار توغرىسىدا سوئال قىلىنىدۇ، ئايال كىشى ئۆي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ نەرسىلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىڭلار! سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 2554-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1829-ھەدىس].

     باشقىلارغا خىرىس قىلغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى، دىلى ئوچۇق ئەمەس، كۆڭلىگە كەلگەننى ئوچۇق ئىپادىلىيەلمەيدىغانلار بولۇپ، ئاتا-ئانىلىرى ئۇلار بىلەن بولغان ئاتا-ئانىلىق مۇناسىۋىتىدىن سىرت دوستلارچە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنى كۆڭلىگە كەلگەننى ئوچۇق ئىپادىلەشكە، ئىچكى سېقىلىشلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرزەنتلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك ۋە ئۇلارغا ياخشى دوستلارنى تاللىشى، ئۇلارنى پات-پات ئۆيىدە مېھمان بولۇشقا، دەرس مۇزاكىرە قىلىشقا، دۇرۇس بولغان پايدىلىق ئويۇنلارنى ئويناشقا، مەكتەپ تاپشۇرۇقلىرىنى بىرلىكتە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ كۆڭلى ئېچىلىدۇ، ئۇلار ئارىسىدىكى بىرلىكمۇ مۇكەممەل بولىدۇ، باشقىلارغا خىرىس قىلىدىغان تاجاۋۇزچىلاردىن بىر-بىرىنى ھىمايە قىلىدۇ.

بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش ھەرىكەتلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى كۈچلىنىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ، ئۇلارغا خىرىس قىلىدىغانلارمۇ ئۇلاردىن يىراق بولىدۇ، ئەۋلادلارغا دائىم بەدەننى چېنىقتۇرۇشتىن بولغان مەقسەتنىڭ ھەرگىزمۇ باشقىلارنى بوزەك قىلىش ۋە تاجاۋۇز قىلىش بولماستىن پەقەت ئۆزىنىڭ بەدەن ساغلاملىقىنى ياخشىلاپ، جىسمىنى كۇچلاندۇرۇش، زۆرۈر بولغاندا ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كېرەك بولىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەسچىت ئىمام-خاتىپلىرى، تىلېۋىزىيە قاناللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇشۇ تېما توغرىسىدا پىروگرامما قىلىش، خۇتبە، ۋەز-نەسىھەت قىلىش، باشقىلارغا تىلى ۋە قولى بىلەن ئازار يەتكۈزۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇش، بۇنداق قىلغانلارنىڭ دۇنيادا تىگىشلىك جازاغا تارتىلىش بىلەن بىرگە ئاخىرەتتە بولىدىغان قاتتىق ئازابقا تېگىشلىك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك.

    مەھەللىدە ياكى مەكتەپتە بىرگە ئوقۇيدىغان باشقا بالىلارنىڭ ۋەلىيلىرى:

    ئۇلار بىلەنمۇ چىرايلىق ئالاقىلىشىپ، بۇ ئىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، بالىلارنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىدىغان، زالىمنى زۇلۇمدىن چەكلەيدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، باشقىلار بوزەك قېلىنىۋاتسا، ئۇلارغا ياردەم بەرمەستىن، ھۇزۇرلىنىپ تاماشا كۆرۈپ قول قوشتۇرۇپ تۇرماسلىق، بۇنداق قىلىش بولسا ئىسلام ياقتۇرمايدىغان ناچار ئەخلاق ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەربىيە قىلىشى كېرەك.

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قىرىندىشىڭ زالىم بولسۇن ياكى زۇلۇم قىلىنغۇچى بولسۇن ئۇنىڭغا ياردەم بەرگىن» دېگەندە، بىر كىشى: ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! زۇلۇم قىلىنغان بولسىغۇ ياردەم بېرىمىز، ئەگەر زالىم بولسا ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بېرىمىز؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنى زۇلۇمدىن چەكلىگىن ياكى توسقىن، ھەقىقەتەن ئاشۇ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكىڭدۇر،» دېدى.  [بۇخارى رىۋايىتى 6952-ھەدىس].

   بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى يەتتە تۈرلۈك ئىشقا بۇيرىدى ۋە يەتتە تۈرلۈك ئىشتىن چەكلىدى: كېسەل يوقلاش، جىنازىغا ئەگىشىش، چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇلىللا دېگەن كىشىگە جاۋاپ بېرىش، سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش، زۇلۇم قىلىنغۇچىغا ياردەم بېرىش، دەۋەت-چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە قەسەم قىلىنغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلاردۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 2445-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2066-ھەدىس].

    مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن گۈزەل شەكىلدە ئالاقە قىلىش، بۇ قىيىنچىلىقنى يوق قېلىش ياكى بۇنىڭ تەسىرىنى يەڭگىللىتىش توغرىسىدا يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەتقىقات ئىلىپ بېرىشى كېرەك.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى