بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئېمىتىش سەۋەبى بىلەن مەھرەملىكنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ تولۇق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ:
بىرىنچى شەرت: بوۋاق ئانىنى بەش قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئەمگەن بولىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن ئاز بولسا بولمايدۇ، بۇ ھەنبەلى مەزھىبىدىكى توغرا قاراشتۇر. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇل قاسىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئېمىلداش بولۇشتا شەك بولمايدىغان ئېمىتىش بەش قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك بولىشى كېرەك". بۇ مەسىلىدىن يەنە ئىككى مەسىلە چىقىدۇ:
بىرى: ئىمىلدەشلىككە ئالاقىدار بولغان مەزھەپتىكى توغرا قاراشتا: بوۋاق ئانىنى بەش قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئەمگەن بولىشى كېرەك. بۇ قاراش ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىبنى مەسئۇد ۋە ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئەتا ئىبنى رەباھ، تاۋۇس ئىبنى كەيسان رەھىمەھۇللاھنىڭ ۋە ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر. ["ئەلمۇغنى" 11 -توم 310 -بەت].
بۇنىڭ دەلىلى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان مۇنۇ ھەدىستۇر، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئان كەرىمدە مەھرەملىك سابىت بولىدىغان ئېمىتىش ئون قېتىم دەپ ئايەت بايان قىلىنغان، ئاندىن ئۇ ئايەتنىڭ تىلاۋىتى بىلەن بەش قېتىملىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بەش قېتىم ئېمىش قالدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىمۇ بەش قېتىم ئېمىتىش توغرىسىدىكى ئايەت تىلاۋەت قىلىناتتى». [ مۇسلىم رىۋايىتى1452-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق ديدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى" بەش قېتىملىق ئېمىتىشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەت بەك كېيىن نازىل بولغان بولۇپ، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىمۇ بەزى ساھابىلارغا ئۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى كىيىنكى ئايەت يەتمەي، ئون قېتىم ئېمىتىش توغرىسىدىكى ئايەتنى تىلاۋەت قىلاتتى، ئۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا بۇ ئايەتنىڭ تىلاۋەت قىلىنمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى.
ئايەتنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچى: ئايەتنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ تىلاۋەت داۋام قىلىدۇ، ئىمىلدەشلىك ئۈچۈن ئون قېتىم ئېمىتىش توغرىسىدىكى ئايەتكە ئوخشا. ئىككىنچى: تىلاۋەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان ئايەتلەر. ئىمىلدەشلىك ئۈچۈن بەش قېتىم ئېمىتىش توغرىسىدىكى ئايەتكە ئوخشاش. ["سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 10 -توم 29 -بەت.]
بىر قېتىملىق ئېمىتىشنىڭ بەلگىلىمىسى: بوۋاق ئانىنىڭ كۆكسىنى قويۇۋەتمەي تويۇنۇپ ئېمىش ۋە ئېمىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن توختاش بىر قېتىملىق ئېمىتىش بولىدۇ.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر: ئانىسىدىن ئايرىلىشتىكى بىر قېتىملىق ئېمىشنىڭ بەلگىلىمىسى قانداق بولىدۇ؟ دېيىلسە، بۇنىڭغا مۇنداق دېيىلىدۇ: بۇ ئېمىشتىن بولغان بىر قېتىملىق ئېمىش بولۇپ، بۇ شەكسىز: ئولتۇرۇش، ئۇرۇش، يېيىش دېگەندەك بىر قېتىملىقىنى بىلدۈرىدۇ، بوۋاق قاچان ئانىنىڭ كۆكسىنى ئېغىزىغا ئېلىپ ئېمىپ، ئاندىن بىرەر سەۋەبسىز ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئېغىزىدىن چىقىرىۋەتسە، بۇ بىر قېتىملىق ئېمىش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى شەرىئەتتە ئېمىش دېگەن سۆز مۇتلەق كەلگەن بولۇپ، بۇ شۇ يەرنىڭ ئۆرپىسىگە قارىتىلىدۇ، ئۆرپىدە: نەپەس ئېلىۋېلىش، بىر ئاز راھەتلىنىۋېلىش ياكى بىرەر نەرسە مەشغۇل قىلىپ ئېمىشتىن توختاپ ئاندىن يەنە قايتىدىن ئەمسە، بۇ بىر قېتىملىق ئېمىش دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، بۇ خۇددى بىر قېتىم يېمەك ئىلىپ كەلسە، ئۇنىڭدىن يەپ سەل تېنىۋېلىپ يەنە يىسە بۇ ئىككى قېتىملىق يېيىش ھېساپلانمىغانغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇ بىر قېتىملىق يېيىش بولىدۇ.
ئەمما ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبىگە كۆرە، "مۇغنىنىڭ ساھىبى" مۇنداق دەيدۇ: بوۋاق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئېمىشتىن توختىسا بۇ بىر قېتىملىق ئېمىش بولىدۇ، كېيىن يەنە يېڭىدىن ئېمىشكە باشلىسا، بۇ يەنە بىر قېتىملىق ئېمىش ھېسابلىنىدۇ".
ئەمما بىزنىڭ قارىشىمىزغا كۆرە، نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىپ ئېمىشتىن توختىسا ياكى بىر كۆكسىدىن يەنە بىر كۆكسىگە يۆتكەلسە ياكى بىرەر ئىش مەشغۇل قىلسا ياكى ئېمىتكۈچى ئېمىتىشنى توختاتسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنە قايتىدىن ئەممىسە، بۇ بىر قېتىملىق ئېمىتىش بولىدۇ، ئەمما قىسقا ۋاقىتتا قايتىدىن ئەمسە، بۇنىڭغا قارىتا ئىككى يول بار. بىرى: دەسلەپكى بىر ئېمىش، كىيىن يەنە قايتىدىن ئەمگەن بولسا ئۇمۇ يەنە بىر ئېمىش بولىدۇ، بۇ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشى، ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدىكى سۆزىنىڭ كۆرۈنىشىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: سۈت ئېمىۋاتقان بوۋاققا قارىمامسىز؟ نەپەس ئالالماي قالسا، نەپەس ئېلىش ياكى راھەتلىنىش ئۈچۈن كۆكسىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئۇنداق قىلسا بۇ بىر قېتىملىق ئېمىش بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئۆز ئىختىيارى بىلەن قويىۋېتىپ قايتىدىن ئەممىسە ئەۋۋەلقى بىر قېتىملىق ئېمىش بولىدۇ، يەنە قايتىدىن ئەمسە ئۇمۇ بىر قېتىملىق ھېسابلىنىدۇ، يەنە بىر يولغا كۆرە: ھەممىسىنى بېر قېتىملىق ئېمىش ھېساپلايدۇ.
مەن مۇنداق دېدىم: "ئىمام ئەھمەدنىڭ سۆزى ئىككى ئىشقا ئېھتىماللىق كېلىدۇ: بىرى: يۇقىرىدا شەيخ بايان قىلدى، ئۇنىڭ بۇ بىر قېتىملىق ئېمىش دېگەن سۆزى ئىككىنچى قېتىملىق ئېمىشكە قايتىدۇ. ئىككىنچى: ئومۇمى بىر قېتىملىق ئېمىش بولىدۇ، ئۇنىڭ بۇ بىر قېتىملىق ئېمىش دېگەن سۆزى بىرىنچى قېتىملىق ئېمىشكە ۋە ئىككىنچىسىگىمۇ قايتىدۇ، بۇ ئوچۇق يۈزلەندۈرۈشتۇر، چۈنكى ئىمام ئەھمەد: نەپەس ئېلىش ئۈچۈن ياكى راھەتلىنىش ئۈچۈن ئېمىشنى توختىتىشنى بىر قېتىملىق ئېمىش دەپ دەلىللىدى، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بۇ دەلىل بىرىنچى قېتىملىق ئېمىشتىن ئىككىنچى قېتىملىق ئېمىشكە بەك لايىق كېلىدۇ، چۈنكى ئىككىنچىسى مۇستەقىل بىر ئېمىشتۇر، بۇنى ئويلىنىپ بېقىڭ". [ "زادىل مىئاد" 5 -توم 511-513 -بەت.]
سىلەردىن قىلىنىدىغان تەلەپ: ئېھتىياتنى تۇتۇپ، ئىختىلاپتىن چېقىش، ئېمىلداشلىق بەش قېتىملىق سورۇندا بولىدۇ، ھەر قېتىمقىسى يەنە بىرىدىن ئايرىم بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەھرەملىك ئىسپاتلىنىدىغان ئېمىش قايسى؟ ئۇ بىر قېتىم شوراشمۇ؟ بوۋاق بىر قېتىملىق ئېمىشتە بەش قېتىم شورىسا بۇنىڭ بىلەن ئېمىلداشلىق ئىسپاتلىنامدۇ؟، بىر قېتىملىق ئېمىش دېگەن بوۋاق ئېمىتكۈچىنىڭ كۆكسىنى ئېمىپ ئاندىن نەپەس ئېلىش ئۈچۈن قويۇپ بېرىپ يەنە ئېمىش بىلەن بولامدۇ؟، ياكى ئېمىشمۇ ئايرىم يېمەكلىككە ئوخشاش ھەر بىر ئېمىش يەنە بىرىدىن ئايرىم بولامدۇ؟ بىر ئورۇندا بولمامدۇ؟.
بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئۈچ تۈرلۈك قارىشى بار، بۇنىڭدىكى ئاخىرقى قاراش كۈچلۈك قاراشتۇر، بۇ ئۇستازىمىز ئابدۇرەھمان ئىبنى سەئدى رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر، بۇنىڭ يولى: بىز ئايالنىڭ مەھرەم بولىدىغانلىقىغا تەۋىلگە ۋە باشقا تەرەپلەرگە ئېھتىماللىقى بولمىغان كەسكىن دەلىل بىلەن ھۆكۈم قىلمايمىز، ئاخىرقى دەلىلنىڭ ھېچ قانداق ئېھتىمالى يوق، چۈنكى بۇ دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: ئەگەر بالىنى تۆت قېتىم ئېمىتىپتۇ، ھەر قېتىمدا بەش قېتىمدىن نەپەس ئالغان بولسا، كۈچلۈك قاراشقا كۆرە، بۇ بىر-بىرىدىن ئايرىم بولمىچە بۇنىڭ بىلەن مەھرەملىك ئىسپاتلانمايدۇ". "[شەرھىل مۇمتى" 12 -توم 114 -بەت].
ئىككىنچى شەرت: ئېمىتىش بوۋاق سۈت بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان ۋاقىتتا بولۇش كېرەك، بۇ ئىككى يىل بىلەن ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ ياكى سۈتتىن ئايرىلىش بىلەنمۇ؟.
بۇ مەسىلىگە قارىتا ئالىملارنىڭ ئىككى تۈرلۈك قارىشى بار: ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدە ئىككى يىلنى ئېتىبارغا ئالىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ لِمَنْ أَرَادَ أَنْ يُتِمَّ الرَّضَاعَةَ تەرجىمىسى: «ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم». [سۈرە بەقەرە 233 -ئايەت.]
قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام مالىك ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە يەنە بىر قىسىم ئالىملار: نەسەپنىڭ ئورنىدا ئىجرا بولىدىغان، ئېمىلداشلىق سابىت بولىدىغان بۇ ئايەت توغرىسىدا پەرقلىق قاراشتا بولدى، ئېمىلداشلىق ئىككى يىل ئىچىدە بولىدۇ، چۈنكى ئىككى يىل توشسا ئېمىتىش پۈتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئېمىلداشلىق سابىت بولمايدۇ، بۇ سۆزنى ئىمام زۆھرى، قەتادە، شەئبى، سۇپيان سەۋرى، ئابدۇراھمەن ئەۋزائى، شاپىئى، ئەھمەد، ئىسھاق، ئەبۇ يۈسۈپ، مۇھەممەد ۋە ئەبۇ سۈر قاتارلىقلار دېگەن". [ "تەپسىر قۇرتۇبى" 4 -توم 109 -بەت].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيدە بىر ئەر كىشىنى كۆرۈپ، بۇنى ياقتۇرماي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى ئۆزگەردى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئۇ مېنىڭ ئېمىلداش قېرىندىشىم دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەمشىرىلىرىڭلارغا قاراڭلار، ئېمىش دېگەن ئاچارچىلىقتىن بولغان دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 5102 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1455-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسنىڭ مەنىسىنى تولۇق ئويلانغاندا، توغرا بولغان ئېمىلداشلىق ئۆزىنىڭ شەرتى بىلەن بولىدۇ، بۇ بوۋاق ئېمىدىغان زاماندا بولىشى، ئېمىشنىڭ مىقدارى ئېنىق بولىشى كېرەك، بۇنىڭدىن ھۆكۈم پەيدا بولىدۇ، ئېمىلداشلىق شەرتلەر تولۇق بولغان بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېمىش ئاچلىقتىن بولغان دېگەن سۆزىگە كەلسەك، مەھرەملىك ئىسپاتلىنىدىغان ئېمىش بىلەن، ئۆزىنى ئېمىتكەن ياكى ئۆزى بىلەن بىرگە ئەمگەن ئايال بىلەن يالغۇز ئورۇندا تۇرسا بولىدۇ، بوۋاق ئېمىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئاچلىقىنى توسىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاشقازىنى ئاجىز بولغاندىكىن سۈت ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن گۆش ئۈنۈپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا ئېمىتكۈچىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ ئايالنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بىلەن مەھرەملىكتە ئورتاق بولىدۇ". "پەتھۇل بارى" 9 -توم 148 -بەت].
قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئېمىش ئاچلىقتىن بولغان" دېگەن سۆزىگە كەلسەك، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ئومۇمى قائىدە، بۇنىڭدا مەھرەملىكنى ئىسپاتلاشتا ئېمىشنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ، بۇ بوۋاق يېمەكتىن بىھاجەت بولىدىغان، سۈت بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان زاماندا بولىدۇ، بۇ ئىككى يىل ياكى ئۇنىڭغا يېقىن ۋاقىتتا بولىدۇ". ["ئەلمەفھۇم" 4 -توم 188 -بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىككىنچى شەرت: ئېمىش بوۋاق سۈت بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان زاماندا بولىشى كېرەك، بۇ كۆپ ۋاقىتقا قارىتىلامدۇ ياكى ئەمەلىيەتكە قارىتىلامدۇ؟. بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ ئىككى تۈرلۈك قارىشى بار: بىرىنچى قاراش: كۆپ ۋاقىتلارغا قارىتىلىدۇ، بۇ ئىككى يىلدىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر ئىككى يىلدىن كېيىن ئېمىش بولسا بوۋاق ئېمىشتىن ئايرىلغان بولسۇن ياكى ئېمىۋاتقان بولسۇن بۇنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ، ئەمما ئىككى يىلدىن بۇرۇن بولسا، بوۋاق ئېمىۋاتقان بولسۇن ياكى ئايرىلغان بولسۇن بۇنىڭ بىلەن مەھرەملىك سابىت بولىدۇ.
بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدىكى مەشھۇر قاراشتۇر، ئۇلار بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى دەلىل قىلدى: وَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ لِمَنْ أَرَادَ أَنْ يُتِمَّ الرَّضَاعَةَ تەرجىمىسى: «ئانىلار بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم».
ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: بۇ بەلگىلىمە بىزنىڭ باشقا بىر بەلگىلىمە بىلەن بەلگىلىشىمىزدىن كۈچلۈكتۇر، چۈنكى ئىككى يىلنى ئىنچىكىلىك بىلەن بېكىتىش مۇمكىن بولىدۇ، بۇ شەكسىز پۇختا بەلگىلىمىدۇر.
لېكىن تۆۋەندىكى قاراش بۇنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ: سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئېمىتىشنىڭ ئوزۇقلىنىش ۋە جىسىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىرى بولمايدۇ. بۇ مەسىلىدە يىگىرمە ئايلىق بولۇپ سۈتتىن ئايرىلغان بوۋاق بىلەن تۆت ياشقىچە ئېمىۋاتقان بوۋاقنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، چۈنكى ئۇلار بۇ ئېمىش بىلەن مەنپەئەتلەنمەيدۇ، جىسىممۇ ئۆسمەيدۇ، بۇ قاراشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى كۇچلاندۇرىدۇ: «ئېمىلداشلىق ئۈچەي ئېچىلغاندىن ۋە سۈتتىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بولىدۇ». بۇ يەردە ئەمەلىيەتنى ئەمەس بەلكى سۈتتىن ئايرىلغان كېيىن بولىدىغان تەسىرنى تولۇق يوق قىلدى، چۈنكى بۇ ۋاقىتتىن كېيىن ئېمىدۇ لېكىن بۇنىڭ سۈتتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنقىدەك تەسىرى بولمايدۇ، بۇ قاراش مۇشۇ مەنا تەرەپتىن كۈچلۈك بولىدۇ، بۇ بېكىتىش تەرەپتىنمۇ كۈچلۈكتۇر". [ "شەرھىل مۇمتى" 12 -توم 114-115 -بەتلەر].
بۇ يەردە ئېنىق بولغىنى: ئىككى قاراشنىڭ قايسىسى بىلەن بولسۇن: كېچىك بوۋاقنىڭ ھەققىدىكى ئېمىلداشلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن مەھرەملىك ئىسپاتلىنىدىغان ئېمىشدۇر، ئىككى ياشتىن كېچىك بالا ئېمىدۇ، سۈتتىن ئايرىلمايدۇ، سۈتتىن ئايرىش دېگەن بوۋاقنى ئېمىتىشنى توختىتىش دېمەكتۇر، لۇغەتتىمۇ شۇنداق بايان قىلىنغان. "[ئەلمۆجەمۇل ۋەسىيت" 695 -بەت.]
بۇنىڭدىن بوۋاق پەقەت سۈت بىلەنلا ئوزۇقلىنىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، بوۋاق سۈت ئېمىۋاتىدىكەن، ئۇنى سۈتتىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىش لايىق بولمايدۇ، چۈنكى مەھرەملىك ئېمىش بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. بۇ ئارىلىقتا بوۋاققا يېمەك بەرگەننىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بوۋاق ياشقا توشسا سۈت بىلەن بىرگە باشقا يىمەكلىكلەرنىمۇ ئىستىمال قىلىدۇ.
ئەمما سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىگە كۆرە، مۇشۇ ياشتىكى بوۋاقنى شەرتلەرگە تولۇق رىئايە قىلىپ ئېمىتكەندە، بۇنىڭ بىلەن شەكسىز مەھرەملىك ئىسپاتلىنىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.