پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاللاھ تائالانىڭ «مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭ ئەۋۋىلى» ۋە«مۆمىنلەرنىڭ ئەۋۋىلى» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى توغىرسىدا

287180

تارقاتقان ۋاقىت : 08-12-2019

كۆرگۈچىلەر : 1989

سۇئال

قۇرئان كەرىمدىكى:  قُلْ أَغَيْرَ اللَّهِ أَتَّخِذُ وَلِيًّا فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ يُطْعِمُ وَلَا يُطْعَمُ قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَسْلَمَ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ  تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھدىن غەيرىينى مەبۇد تۇتامدىم؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە خۇدانىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. (ماڭا دېيىلدىكى) سەن ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولمىغىن. [سۈرە ئەنئام 14-ئايەت].

 يەنە:  وَلَمَّا جَاءَ مُوسَى لِمِيقَاتِنَا وَكَلَّمَهُ رَبُّهُ قَالَ رَبِّ أَرِنِي أَنْظُرْ إِلَيْكَ قَالَ لَنْ تَرَانِي وَلَكِنِ انْظُرْ إِلَى الْجَبَلِ فَإِنِ اسْتَقَرَّ مَكَانَهُ فَسَوْفَ تَرَانِي فَلَمَّا تَجَلَّى رَبُّهُ لِلْجَبَلِ جَعَلَهُ دَكًّا وَخَرَّ مُوسَى صَعِقًا فَلَمَّا أَفَاقَ قَالَ سُبْحَانَكَ تُبْتُ إِلَيْكَ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُؤْمِنِينَ  تەرجىمىسى: «مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈپ ئالاي، دېدى. ئاللاھ: مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللى قىلىش بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: (پەرۋەرىگارىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن، دېدى. [سۈرە ئەئراپ 143-ئايەت] بۇ ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا زىتلىق بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە ھېچ قانداق زىتلىق يوق، زىتلىق قۇرئاننى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشەنچىسىدە پەيدا بولىدۇ، ئاللاھ خالىسا بۇ زىتلىق ئىزدىنىش ۋە ئالىم-ئۆلىمالاردىن سوراش ئارقىلىق يوق بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ وَلَوْ كَانَ مِنْ عِنْدِ غَيْرِ اللَّهِ لَوَجَدُوا فِيهِ اخْتِلَافًا كَثِيرًا  تەرجىمىسى: ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھدىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى. [سۈرە نىسا 82-ئايەت].

    ئىككىنچى: ئىككى ئايەتتىكى ئەۋۋەلىيەتتىن بولغان مەقسەت، نىسبى ئەۋۋەللىك، بۇنىڭدىن ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتىش مەقسەت قىلىنىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بۇنىڭ بىلەن ئۆز دەۋرىدە، ئۇممىتى ئىچىدە ياكى يۇرتىدا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلاردا ئىلگىرى بولغانلىقى مەقسەت قىلىنىدۇ.

    شەك-شۈبھىسىز بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىمانغا ئۈممىتىدىن ئىلگىرى بولغۇچىدۇر، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ئۈممىتىدىن بۇرۇن ئىسلامغا كىرگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈممىتى ئىچىدە مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ ئەۋۋىلى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بېرىشى توغرىدۇر.

    ئايەتتىن مۇتلەق ئەۋۋەلىيەت(بىرىنچىلىك)چۈشۈنىلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا خاتالىق ياكى زىتلىق بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ. ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەردىن، مۇسۇلمانلار ۋە مۇئمىنلەردىن ئىلگىرى بولغان، بۇ قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق بايان قىلىنغاندۇر.

    ئىمام تەبەرى رەھىمەھۇللاھ بىرىنچى ئايەت توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: پەرۋەردىگارىم مېنى ئەۋۋەلدە مۇسۇلمان بولۇشقا بۇيرىدى دېگىن دەيدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: مەن ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلغۇچى، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە بويسۇنغۇچى ۋە مۇشۇ زامان-دەۋرىدىكى ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋەلىدۇرمەن دەيدۇ. ["جامىئۇل بايان" 9-توم 177-بەت].

    تەبەرى يەنە ئەئراپ سۈرىسى مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى 143-ئايەت توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "مەن قەۋمىمدىن ساڭا ئىمان ئېتقۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن، سېنى دۇنيادا ھېچ كىشى كۆرەلمەيدۇ ئەگەر كۆرسە ھالاك بولىدۇ" ["تەپسىر تەبەرىي"10-توم 432-بەت].

     ئۆلىمالار بۇ ئىككى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە نۇرغۇن سۆزلەرنى زىكىر قىلدى، ئايەتتىكى ئەۋۋەلىيەت (بىرىنچىلىك)سۆزىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەۋۋەلى دەپ بېكىتتى، ياكى پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن خاس دىنغا بىرىنچى بولۇپ كىرگۈچى، ئاللاھ ئۇ پەيغەمبەرگە ۋەھىي قىلغان خاس شەرىئەتكە ئەۋۋەل ئىمان ئېيتقۇچى دېمەكتۇر. بۇ يەردە ئەۋۋەلىيەت(بىرىنچىلىك)نىڭ يوللىرى مەخپى ئەمەس، ئۇ پەيغەمبەر ئاشۇ ۋەھىينى پەرۋەردىگارىدىن تۇنجى قوبۇل قىلغۇچى، تۇنجى تەستىق قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭغا تۇنجى ئەگەشكۈچىدۇر.

    غەرناتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ بېكىتىلسە، ئايەتتىكى: مەن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم دېگەن بۇيرۇق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خاس بولۇپ، ئۇنىڭغا باشقىلار شېرىك بولمايدۇ. ئەنئام سۈرىسىدىكى: ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: مەن مۇسۇلمان بولغۇچىلارنىڭ بىرىنچىسى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، دېگىن دېگەن ئايەتمۇ شۇنىڭ ئوخشىشىدۇر. بۇنىڭ مەنىسىمۇ ئىلگىرىكى ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەلكى بۇ ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بولمايدۇ. ئاشۇ بۇيرۇق-چەكلىمىلەردىن بولغان ھۆكۈم بولۇپ، ئۇنى پەرىشتە ئىلىپ كەلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە خىتاب قىلىنغان نەرسىنى قوبۇل قىلدى، ئۇنى تەستىقلىدى(ئىشەندى)، ئۆزىنى پەرۋەردىگارىغا بويسۇندۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە خىتاب قىلىنغان نەرسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە خىتاب قىلدى. بۇ ۋەھيىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھېچ قانداق بىر كىشىنىڭ بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھسسالامدىن قوبۇل قىلماسلىقتىن باشقا يولى يوق. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى(بىرىنچىسىدۇر)بۇ بىرىنچىلىك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقىغا مۇمكىن بولمايدۇ ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقىغا نىسبەت بېرىلمەيدۇ". ["مەلاكىل تەئۋىل"2-توم 425-بەت].

    ئىبنى ئاشۇر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ بىرىنچىسى دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئەۋەتكەن ئىسلام بىلەن سۈپەتلەنگەن كىشىنىڭ بىرىنچىسى دېگەنلىكتۇر. بۇ قۇرئان كەرىم ئىلىپ كەلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خاس بولغان ئىسلامدۇر. قۇرئان كەرىم ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئىمان ئېيتقان كىتابلاردىن ئارتۇقتۇر، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق باياناتلار ۋە ئەپۇچانلىق بار". ["ئەتتەھرىر ۋەتتەنۋىر"7-توم 159-بەت].

   "تەپسىر زەمەخشەرى" 2-توم 10-بەت. ۋە "تەپسىر رازىي"12-توم 492-بەتكە قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى