چارشەنبە 11 مۇھەررەم 1446 - 17 ئىيۇل 2024
Uygur

مۇزارىبەت شەكلىدە شېرىكچىلىك قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

  مەن بىر دوستۇم بىلەن قوي سودىسىدا شېرىك بولدۇم، شىرىكلىكنىڭ شەرتى: دوستۇم ئىقتىساد چىقىرىدىغان، مەن ئورۇن ۋە كۈچ چىقىرىدىغان بولدۇم، پايدا-زىيان ئارىمىزدا 50% تىن بولىدىغان بولدى، بىز ئىتتىپاقلىشىپ ئىشنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن قوينىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ، قىلغان ئىشىمىزدا زىيان كۆرۈلدى. سىلەرنىڭ توردىكى پەتىۋانى كۆرگەندىن كېيىن زىياننى بۆلۈشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى، زىياننىڭ مال ئىگىسىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدىم، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟، مەن دوستۇمنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا زىياننىڭ يېرىمىنى تۆلەپ بېرىمەنمۇ؟، بىز يەنە باشقىدىن مال سېتىۋېلىپ شىرىكچىلىكنى داۋاملاشتۇرماقچى بولساق، ئارىمىزدىكى شىرىكچىلىك داۋاملىشىۋاتقاندەك، پايدىنى ھېسابلاش دەسلەپتە شېرىكلەشكەن سەرمايىىنى چىقىرىۋېتىپ ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: شىرىكچىلىكتىكى قائىدە: زىيان مالنىڭ مىقدارىغا كۆرە بولىدۇ، پايدا ئىككى تەرەپنىڭ ئىتتىپاقىغا كۆرە بولىدۇ.

ھەر ئىككى كىشى تەڭ ئىقتىساد چىقارغان بولسا زىيان ئۇلارنىڭ چىقارغان مېلىنىڭ مىقدارىغا كۆرە بولىدۇ.

    بىرسى ئىقتىساد چىقىرىپ يەنە بىرى كۈچ چىقارغان بولسا، زىيان مال ئىگىسىنىڭ مېلىغا بولىدۇ، خىزمەت تەقدىم قىلغان كىشىنى قىلغان ئىشىغا بولىدۇ. لېكىن خىزمەت قىلغان كىشى قەستەن قىلغان ياكى سەل قاراش، بىخەستەلىك قىلىش بىلەن زىيان كېلىپ چىققان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا مالنىڭ زىيىنى ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىگىمۇ بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەل مۇغنى" 5-توم 22-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: شىرىكچىلىكتە زىيان ئىككى شىرىكنىڭ ھەر بىرىنىڭ قاتقان مېلىنىڭ مىقدارى بويۇنچە بولىدۇ، ئەگەر قاتقان مېلى ئوخشاش بولسا ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا زىيان تەڭ بولىدۇ، ئەگەر بىرنىڭ ئاز يەنە بىرىنىڭ كۆپ بولسا مېلىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە كۆرە بولىدۇ، بۇنىڭدا ئالىم-ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام شافىئى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالىملارمۇ شۇنداق دەيدۇ.

   بىرسى مال چىقىرىپ يەنە بىرى كۈچ چىقىرىدىغان مۇزارىبەت كېلىشىمدە زىيان مالغا بولىدۇ كۈچ چىقارغان كىشىگە بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا ئەسلى سەرمايە كېمىيىدۇ، بۇ مال ئىگىسىگە خاس بولىدۇ، كۈچ چىقارغۇچىغا بىر نەرسە كەلمەيدۇ، زىيان ئۇ كىشىنىڭ مېلىغىلا بولىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا ئىش يوق، ئۇلار ئوتتۇرىدىن چىقىدىغان پايدىغا شېرىك بولغان".

ساھىبىڭىز سەرمايە چىقىرىپ شېرىك بولغان بولسا، سىز ئورۇن، تەييارلىق، خىزمەت تەقدىم قىلىپ شېرىك بولۇپ، ئورۇن ۋە تەييارلىققا ئىش ھەققى ئالمىغان بولسىڭىز، ئورۇن بىلەن تەييارلىقنى خالىس ياردەم شەكىلدە قىلغان بولسىڭىز ھېچ گەپ يوق، سىزگە ھېچ زىيان كەلمەيدۇ.

ئەگەر ئىككىڭلار شىرىكچىلىكتە شۇنىڭغا رىئايە قىلغان بولساڭلار، ئورۇن بىلەن تەييارلىقنىڭ ئىش ھەققىنى ئەسلى سەرمايىگە شېرىك قىلغان بولساڭلار، ئۇنىڭ مىقدارى بېكىتىلىدۇ، ئەسلى سەرمايىگە شېرىك قىلىنىدۇ، سىز مال بىلەن ۋە خىزمەت بىلەن شېرىك بولغان بولىسىز، ئۇ ۋاقىتقا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، زىيان سىزنىڭ مالدىكى ھەسسىڭىزگە كۆرە بولىدۇ.

    ئەگەر ھەمراھىڭىز ئون مىڭ كوي بىلەن شېرىك بولغان بولسا، ئورۇن بىلەن تەييارلىقنىڭ ئىش ھەققى ئىككى مىڭ بولسا، سىز ئىككى مىڭ كوي ۋە خىزمەت بىلەن شېرىك بولغان بولدىڭىز، زىيان بولغان ۋاقىتتا زىياننىڭ بەشتىن بىرىنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز. چۈنكى سىزنىڭ مېلىڭىز ساھىبىڭىزنىڭ مېلىغا نىسبەتەن بەشتىن بىرگە توغرا كېلىدۇ.

ساھىبىڭىز سىزدىن ئۇنىڭدىن زىيادە ئالغان مالنى قايتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ.

   ئەگەر ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن زىياننىڭ يېرىمىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ كۆڭۈل بۆلگەنلىك ۋە ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

   بۇنى كەلگۈسىدىكى شىرىكچىكلىكتە شەرت قىلىش توغرا بولمايدۇ. 

   ئىككىنچى: سىلەر شىرىكچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مەلۇم مىقداردا قوي سېتىۋالماقچى بولساڭلار، بىرىنچى قېتىملىق كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرۇڭلار، ساھىبىڭىز سەرمايىسىنى ھازىر قىلسۇن، سىزمۇ قاتىدىغان سەرمايىنى بېكىتىڭ ۋە زىياننى مالنىڭ مىقدارى بويۇنچە ئورتاق بولغان سەرمايىگە كۆرە تارتىشقا ئىتتىپاققا كېلىڭلار.

   ھەقىقەتەن بىز دەيمىزكى، دەسلەپكى كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرۇڭلار، چۈنكى -گەرچە سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە ساھىبىڭىزنىڭ قەرزى بولسىمۇ، ئۇ زىياننىڭ مىقدارى، ئىلگىرىكى تەپسىلاتلارغا كۆرە، سىز زىياننىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالغان بولسىڭىزمۇ بۇ قەرزنى يېڭى شىرىكچىلىكتە سەرمايىنىڭ جۈملىسىدىن قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى شىرىكچىلىكتە ئەسلى سەرمايىنىڭ مال بولىشى شەرت قىلىنىدۇ قەرىز بولسا توغرا بولمايدۇ. 

   "كەشاپۇل قىنا" 3-توم 497-بەتتە مۇنداق كەلگەن: شىرىكچىلىكنىڭ شەرتلىرىدىن: مۇزارىبەتكە ئوخشاش خىزمەتنى بېكىتىش ۋە شىرىكچىلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ مالنى ھازىر قىلىش كېرەك، شىرىكچىلىك يوق بولغان مالغا ۋە باشقىلارنىڭ زىممىسىدىكى مالغا كۆرە دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ماللارنى دەرھال تەسەررۇپ قىلىش ئىمكانىيىتى يوقتۇر. شىركەتچىلىكنىڭ مەقسىتى بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر".

   "پىقھى توپلاملىرى" 26-توم 48-بەتتە مۇنداق كەلگەن: بىرىنچى شەرت: سەرمايە نەخ بولۇش، قەرز بولسا دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى شىركەتتىن بولغان مەقسەت تىجارەت قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ پايدىدىن ئىبارەتتۇر، قەرز بىلەن پايدا ئالغىلى بولمايدۇ، قەزرنى ئەسلى سەرمايە قىلىش بولسا شىرىكچىكلىكتىن بولغان مەقسەتكە زىيان  ئىلىپ كېلىدۇ".

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى