دۇشەنبە 16 مۇھەررەم 1446 - 22 ئىيۇل 2024
Uygur

جۈمە كۈنىدە كىشىلەرنىڭ گەردەنلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشتىن بولغان مەقسەت ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

  مېنىڭ سوئالىم جۈمە كۈنىدە كىشىلەرنىڭ گەردەنلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش توغرىسىدا، ئىمام مۇنبەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى مەسچىتكە كەلسەم، ئالدى تەرەپتە بوش ئورۇنلار بولسا، ئالدىنقى سەپكە بېرىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ گەردىنىدىن ئاتلاپ ئۆتسەم توغرا بولامدۇ؟، بەزى ۋاقىتتا جۈمە نامىزىغا بىرەر سائەت بۇرۇن بارىمەن، ئۇ ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئالدىنقى سەپكە ئۆتسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبە جەريانىدا كىشىلەرنىڭ گەردىنىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشتىن چەكلىگەن، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئولتۇرغانلارغا ئەزىيەت بولىدۇ.

   ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جۈمە كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، بىر كىشى كېلىپ كىشىلەرنىڭ گەردەنلىرىدىن ئاتلاپ ئالدىغا ئۆتكىلى تۇرغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئولتۇرغىن، ھەقىقەتەن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزدۇڭ» دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1118-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 1399-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1115-ھەدىس].

    يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «سەن كېيىن كەلدىڭ» دېگەن سۆز زىيادە قىلىنغان، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ" ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى" توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

   ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىشىلەرنىڭ گەردىنىدىن ئاتلاش دېگەن ئىككى پۇتىنى ئارىسىدىن ئۆتكەن ئىككى كىشىنىڭ باشلىرى ياكى دولىلىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈش، بەزى ۋاقىتتا پۇتىدىن ئىككى تەرەپتىكى كىشىلەرنىڭ كىيىمىگە بىر نەرسىلەر ئىلىنىشىپ قىلىشى مۇمكىن". [ئىبنى ھەجەرنىڭ "پەتھۇل بارى" ناملىق ئەسىرى 2-توم 392-بەت].

    "نىھايەتۇل مۇھتاج ئىلا شەرھى مىنھاج" ناملىق ئەسەرنىڭ 2-توم 338-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كىشىلەرنىڭ گەردەنلىرىدىن ئاتلاش دېگەندىن ئىككى پۇتىنى كىشىلەرنىڭ دولىسىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈپ گەردىنىگە باراۋەر قىلىپ ئۆتۈش دېمەكتۇر".

     ئۇ كىشىگە بېرىدىغان جاۋاپ: ئالدىنقى سەپكە يېتىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئىشلار كىشىلەرنىڭ گەردىنىدىن ئاتلاش بولمايدۇ، بەلكى بولۇق بولمىغاندىن كېيىن ئۆتۈپ ئالدىنقى سەپنى تولۇقلاشتۇر. ئەمما ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇقلاردىن ئۆتۈش بولسا ھەدىستە چەكلەنگەن گەردەنلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈش ھېسابلانمايدۇ.

     ھاپىز ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئولتۇرغانلارنىڭ ئارىسىدا بوشلۇقلار بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئاتلاپ ئۆتمەستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مېڭىپ ئۆتىدۇ، ئەگەر ئولتۇرغانلار چازانە قۇرۇپ ئولتۇرغان بولۇپ، تىزى تىگىپ كېتىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ تېزىدىن ئاتلاپ ئۆتىدۇ، بۇ مەكرۇھ بولىدۇ، ئەگەر كىشىلەر ناماز ئادا قىلىۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ماڭىدۇ، ھېچ كىشىنى ئېتىرىۋەتمەيدۇ، ئەزىيەت يەتكۈزمەيدۇ، ھېچ كىشىنى قىستىمايدۇ، ئۇنداق بولمىسا ئۆتمەيدۇ". [ئىبنى رەجەبنىڭ "پەتھۇل بارى" 8-توم 206-بەت].

    بۇنىڭ بىلەن سوئالدا بايان قىلىنغان شەكىل ئېنىق بولىدۇ، ئۇ گەردەندىن ئاتلاش ئەمەس ۋە چەكلەنگەن ئەمەس، چۈنكى ئولتۇرغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈدەك بوشلۇق بولسا ئۇ يەردىن ئۆتىدۇ بۇ گەردەندىن ئاتلىغانلىق بولمايدۇ.

    ھەقىقەتەن ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇق تار بولۇپ ئۆتۈش مۇمكىن بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئولتۇرغانلارنىڭ گەردىنىنىڭ ياكى دولىسىنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئەگەر ئىمام ئۈچۈن  مۇنبەرگە ياكى مېھرابقا ئۆتۈشكە بوشلۇق بولمىسا، كىشىلەرنىڭ دولىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش چەكلىمىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

   مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمما ئىمامنىڭ ئاتلاپ ئۆتۈشى مەكرۇھ بولمايدۇ، چۈنكى ئىمام ئاتلاپ ئۆتۈشكە ئېھتىياجلىق، بۇمۇ بىر قاراشتۇر". ["ئەلئىنساپ" 6-توم 288-بەت].

    بەزى ئۆلىمالار بۇنىڭدىن: "ئولتۇرغۇچىلار ئالدى تەرەپتە بوش ئورۇن قويۇپ ئولتۇرغان بولسا، كېيىن كەلگۈچىلەر بوش ئورۇنغا يېتىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ گەردىنىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشى دۇرۇس بولىدۇ، بەزى ئۆلىمالار: ئاتلاپ ئۆتۈشنىڭ دۇرۇس بولىشىنى مۇنداق شەرت قىلدى: ئەگەر ئىمام خۇتبە ئۈچۈن مۇنبەرگە چېقىشتىن بۇرۇن بولسا دۇرۇس بولىدۇ ئەمما ئىمام مۇنبەرگە چېقىپ بولغان بولسا، ئولتۇرغۇچىلارنى خۇتبە ئاڭلاشتىن مەشغۇل قىلماسلىق ئۈچۈن ئاتلاپ ئۆتمەسلىك ياخشى بولىدۇ". ["ئەل مۇدەۋۋەنە" 1-توم 239-بەت. "ئەسەننىل مەتالىب" 1-توم 268-بەت. "شەرھىل مۇنتەھا"1-توم 321-بەت]. 

   ئېھتىياتەن، ھەدىسنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئەمەل قىلىشقا ئەڭ يېقىن بولغان ئىش، بۇنداق ھالەتتە كىشىلەرنىڭ گەردىنىدىن ئاتلىماسلىقتۇر.

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتى" 5-توم 96-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئالدىنقى سەپتە بوش ئورۇن بولسا ئۇنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئاتلاپ ئۆتسە توغرا بولىدۇ".

    ئەگەر بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ :«ئولتۇرغىن، ھەقىقەتەن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزدۇڭ» دېگەن ھەدىسى ئومۇمنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى ئالدى تەرەپتە بوش ئورۇن بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئادەتتە كىشىلەر ئالدىنقى تەرەپتە بوش ئورۇن بولسا ئاندىن كىشىلەرنىڭ گەردىنىدىن ئاتلاپ ئۆتىدۇ دېسە، لېكىن پىقھى ئالىملار بۇ مەسىلىنى چەكلىمىدىن ئايرىۋەتكەن: ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ئالدىنقى سەپتە بوش ئورۇن بولسا ئۇلار بوش ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرماي خاتا قىلغان، چۈنكى ئۇلار بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇلغان، ئۇلار ئالدىدا بوش ئورۇن قويۇپ قويۇش بىلەن بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلدى، سەل قاراش ئۇلاردىن بولدى ھەرگىزمۇ گەردەندىن ئاتلىغانلاردىن بولمىدى.

    لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە: ھەتتا ئالدىدا بوش ئورۇن بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ گەردىنىدىن ئاتلىماسلىقى كېرەك، چۈنكى كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت سەۋەپ بار، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى تەرەپتە ئولتۇرمىغانلىقىنىڭمۇ سەۋەبى بولىشى مۇمكىن: ئالدىدىكى بوش ئورۇن دەسلەپتە ئۇ كىشى سېىغمىغۇدەك تار بولىشى ، كېيىن كىشىلەر يىراقلىشىپ كېڭەيگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا بۇ ئۇلاردىن بولغان سەل قاراش ھېسابلانمايدۇ، ھەدىسنىڭ ئومۇمى مەنىسىنى تۇتۇش ياخشى بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ گەردىنىدىن ئاتلاپ ئۆتمەسلىكتۇر، ئەمما ئولتۇرغانلاردىن ئىزنە سوراپ يەڭگىللىك بىلەن ئۆتسە بۇنى خاتا بولماس دەپ قارايمەن". 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى