بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن ئاتىڭىزغا شىپالىق ئاتا قىلىشنى سورايمىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ئاتىڭىزغا قىلغان خىزمەتلىرىڭىزگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلغاي.
ئاتىڭىزنىڭ تازىلىق ئىشلىرىنى قىلغاندا پەلەي كىيىپ ياخشى قىپسىز، چۈنكى ئەۋرەتنى بىۋاستە تۇتۇش توغرا بولمايدۇ، پەلەيگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى "25-توم 283-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئاللاھ خالىسا سىلەر مېيىپلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقىنىڭلار، ئۇلارنىڭ چوڭ-كېچىك تەرىتىنى تازىلاش، يۇيۇش ۋە ئۇلارنى يۇيۇندۇرۇش قاتارلىق خىزمىتىڭلار ئۈچۈن كاتتا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىسىلەر، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى تازىلاشتا پەلەي قاتارلىق نەرسىلەرنى كىيىپ تۇرۇپ قىلىشىڭلار كېرەك بولىدۇ".
ئەگەر سىز تازىلاش ياكى تازىلىق مۇلازىمەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا نىجاسەتتىن بىر ئاز يېرگىنىپ قالسىڭىز، بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق، چۈنكى ئىنساننىڭ نىجاسەتتىن يىرگىنىشى بۇ تەبىئى ئىش.
ئىككىنچى: ھاجەت بولمىغاندا ئاتىڭىزنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، پەقەت پامپىرىس يەنى تەرەت ساقلاش قەغىزى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇش ياكى ياخشى بىكىتىش ئۈچۈن ئەۋرىتىگە قارىشىڭىز دۇرۇس بولىدۇ.
ئەۋرەتكە قاراش تاھارەتنى بۇزمايدۇ.
ئەمما تازىلىق ئىشلىرى بولسا: مۇمكىن بولسا ئەۋرىتىنى يىپىپ تۇرۇپ تازىلاشقا تېرىشىڭ، نىجاسەتنى لاتا ياكى باشقا ئورايدىغان نەرسىنىڭ ئاستىدىن يۇيۇڭ.
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، ئەۋرەتنى تۇتۇش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەلەي كېيىڭ.
ئەگەر قولىڭىز تىگىپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئالدى ياكى ئارقا ئەۋرەتنى بىۋاستە تۇتقاندا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە تاھارەت بۇزىلىدۇ. بۇ ھەقتە ساھابىلاردىن، تابىئىنلاردىن، ئىمام مالىك، ئىمام شاپىئى ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق مەزھەپ ئىماملىرىنىڭمۇ قارىشى بار.
ئۈچىنچى: ئەگەر دادىڭىز نامازنىڭ ۋاقتىنى بىلىدىغان بولسا ئۇنىڭغا نامازنى ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، نامازنى تەرك قىلىشى توغرا بولمايدۇ.
ئەگەر سىز مەسچىتكە بېرىپ كىلىپ بولغىچە دادىڭىزغا قاراپ تۇرىدىغان سىزدىن باشقا بىرەرسى بولۇپ قالسا، سىز نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلىڭ.
ئەمما سىز مەسچىتكە كېتىپ قالسىڭىز، دادىڭىزنىڭ بىئارام بولىشى، سىزنىڭ مەسچىتتە نامازنى جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇشنى تەرك قىلىشقا ئۈزۈر بولالمايدۇ.
لېكىن ھەر قېتىم سىز مەسچىتكە بېرىپ كېلىپ بولغىچە دادىڭىزدا ئۆزگىرىش بولسا، بۇنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ ئادەتتىكىدىن زىيادە ئۆزگىرىشلەر بولۇپ قالسا، ئېچى سىقىلسا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار بولسا، ئۇ ۋاقىتتا جامائەتكە چىقمىسىڭىز سىزگە گۇناھ بولمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا دادىڭىزنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ۋە ئۇنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدا ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. (يەنى ئىنسان ئۈچۈن قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم ھاجەتلەر بولسا ئۇ ۋاقىتتا جامائەت نامىزى ۋە جۈمە نامىزىنى تەرك قىلسا دۇرۇس بولىدۇ). لېكىن بۇنداق قىسقا ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدا سىزدىن باشقىلارمۇ بولۇپ قالسا جامائەتكە چىقىشىڭىز لازىم.
شۇنىڭدەك، ئەگەر جۈمە نامىزىغا بېرىپ-كېلىپ بولغىچە سىزنىڭ ئورنىڭىزدا قاراپ تۇرىدىغان بىرەرسى بولسا سىزنىڭ جۈمە نامىزىنى تەرك قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ھېچ كىم بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا سىز جۈمەنى تەرك قىلىشتا ئۈزۈرلۈك بولىسىز، ئاتىڭىز بىلەن پېشىن نامىزىنى ئوقۇيسىز. ئاتىڭىزمۇ جۈمە نامىزىغا بېرىپ كىلىپ بولغىچە جاپا تارتىپ قالىدىغان بولسا، ئۇمۇ جۈمە نامىزىنى تەرك قىلىشتا ئۈزۈرلۈك بولىدۇ.
"كەشاپۇل قىنا" 1-توم 495-بەتتە مۇنداق دېگەن: "كېسەل جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىنى تەرك قىلىشتا ئۈزۈرلۈك بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەل بولۇپ قالغاندا، جامائەتكە چىقالماي، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىغان" [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
ياكى ئۆزىنىڭ ھەمراھىنىڭ ياكى يېقىنىنىڭ ۋاپات بولىشىدىن ئەنسىرىسە ياكى ئۇلارنىڭ كېسىلىگە قاراۋاتقان بولسا، كېسەلگە قارايدىغان باشقا ئادەم بولمىسا، ئۇ كىشى جۈمە ياكى جامائەت نامىزىغا ھازىر بولمىسا گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جۈمەگە مېڭىشقا ھازىرلىنىۋاتقاندا ئۇنىڭدىن ياردەم ئىستىگەندىن كېيىن، ئىبنى ئۆمەرنى ئەقىق جىلغىسىغا ئىلىپ كەلگەن ۋە جۈمە نامىزىنى تەرك قىلغان، بۇ توغرىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز".
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئوغلۇم قاتتىق ئاغرىپ قالدى، مەن دوختۇرخانىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىۋاتىمەن، ئۇ ئۈچ ئاي دوختۇرخانىدا بولدى، مەن ئوغلۇم كېسەل ۋە يېشى كېچىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جەرياندا جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىغا بارالمىدىم، قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئەگەر ئوغلىڭىز سىزنىڭ يېنىدا بولىشىڭىزغا ئېھتىياجلىق بولسا، بۇنىڭدا سىزگە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى كېسەل دېگەن ئۆزىگە قارايدىغان بىرىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا كېسەلگە قاراۋاتقان كىشىدىن جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىنىڭ ۋاجىپلىقى چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەمما سىزنىڭ نامازغا بېرىپ كېلىپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىدىغان باشقا بىرسى بولۇپ قالسا، بۇنداق ھالەتتە سىزدىن جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزى ساقىت بولمايدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" (2/8)].
تۆتىنچى: كېسەلگە قىيىنچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ئىلگىرى-ئاخىرى قىلىپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ.
"كەشاپۇل قىنا" 2-توم 5-بەتتە مۇنداق دېگەن: " ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرىسىدىكى بۆلۈم. پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ ۋاختىدا ۋە شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ ۋاختىدا ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ، پېشىن، ئەسىر، شام ۋە خۇپتەندىن ئىبارەت بۇ تۆت نامازنى ھەر ئىككى نامازنىڭ بىرىنىڭ ۋاقتىدا يەنە بىرى بىلەن جۇغلاپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ، بىرىنچى نامازنىڭ ۋاختىدا ئوقۇش ئالدىغا تارتىپ ئوقۇش دېيىلىدۇ، ئىككىن نامازنىڭ ۋاختىدا ئوقۇش بولسا كەينىگە تارتىپ ئوقۇش دېيىلىدۇ.
ئىككىنچى ھالەت: كېسەلگە ھەر نامازنى ئۆز ۋاختىدا ئوقۇش بىلەن قىيىنچىلىق ۋە ئاجىزلىق يېتىدىغان ئەھۋال بولسا، ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالغىمۇ شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلغان، چۈنكى ئۇمۇ كېسەلنىڭ بىر تۈرى.
ئىمام ئەھمەد: كېسەللىكنىڭ قىيىنچىلىقى سەپەرنىڭ قىيىنچىلىقىدىن يامان دېگەن. بىر قېتىم شامدىن كېيىن ھىجامە قىلدۇرۇپ ئاندىن كەچلىك يېمەك يەپ، ئاندىن شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ بىرگە ئوقۇغان.
بەشىنچى: ئەگەر دادىڭىز ئىمساك بولۇپ قىلىپ، چوڭ تەرەتنى بارمىقىڭىزنى كىرگۈزۈپ چېقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولغان بولسا، پەلەي ياكى باشقا ئورايدىغان نەرسە بىلەن بارمىقىڭىزنى ئوراپ كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.
ئالتىنچى: ئۈستىڭزدىكى ھەق-ھوقۇقلارنى ئادا قىلىشقا سەل قارىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، بۇ زۇلۇمنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «باينىڭ باشقىلارنىڭ ھەققىنى بەرمەي سۆزىۋېتىشى زۇلۇمدۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 2400-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1564 -ھەدىس].
سىز باشقىلارنى ۋەكىل قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ ئۈستىڭىزدىكى ھەقلەرنى ئادا قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىڭ.
يەتتىنچى: ئوقۇغان قۇرئاننىڭ ساۋابىنى ئاتىڭىزغا ھەدىيە قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭدا ئىختىلاپ بار، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتىڭىز ھەققىدە ياخشى دۇئا-تىلەكلەردە بولۇڭ.
ئاتا-ئانىڭىز سىزنى قۇرئان ئوقۇش ۋە ياد قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلغان بولسا، سىزنىڭ ئوقۇغان قۇرئانىڭىزنىڭ ساۋابىنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا يېتىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ ئوخشىشىدا ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن بىر نەرسە كېمىيىپ كەتمەيدۇ، كىمكى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشىدا گۇناھ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن بىر نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى4831-ھەدىس].
ئاللاھ تائالادىن ئاتىڭىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ئاتا قىلىشىنى، سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزغا زىيادە ياخشىلىق ۋە ئېھسان قىلىشىڭىزنى سورايمىز.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.