پەيشەنبە 25 جىمادۇسسانى 1446 - 26 دىكابىر 2024
Uygur

ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئادا قىلىشى كېرەك بولامدۇ؟

سۇئال

ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ پەرز نامازلاردا ناماز باشلاش تەكبىرىنى قانداق ئادا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورايمەن، ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغان كىشىنى ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئادا قىلىپ ئاندىن ئولتۇرامدۇ؟ ئەگەر ئۆرە تۇرۇپ تەكبىر ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئولتۇرغان ھالەتتە ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئادا قىلسا، ئۇ كىشى ئوقۇغان نامىزىنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەكمۇ؟، دادامنىڭ تىزى ئاغرىغانلىقى ئۈچۈن رۇكۇ ۋە سەجدە قىلالىسىمۇ لېكىن ئۇ پېشىننىڭ سۈننىتىنى ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇسا بەك چارچاپ كېتىدۇ، پەرىز نامازلارنى ئولتۇرۇپ ئوقۇغاندىمۇ ناماز باشلاش تەكبىرى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرمايدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بىرىنچى: پەرىز نامازلاردا قىيامدا تۇرۇش نامازنىڭ پەرىزلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۆزۈرسىز قىيامدا تۇرمىغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمىغان كىشى ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ. 

    ئۆلىمالار پەرىز نامازدا ناماز باشلاش تەكبىرى ئۈچۈن ئۆرە تۇرۇشنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىگە دەلىل بايان قىلدى.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمە ھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 3-توم 296-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ناماز باشلاش تەكبىرىنى بارلىق ھەرىپلىرى بىلەن تولۇق ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئادا قىلىش كېرەك، ئەگەر بىرەر ھەرىپنى ئۆرە تۇرمىغان ھالەتتە ئادا قىلسا ئۇ كىشى پەرىز ناماز ئوقۇغان ھېسابلانمايدۇ.

    مالىكى مەزھىپىدىن بولغان "ئەخدەرى" دېگەن كىشى مۇنداق دەيدۇ: "نامازنىڭ پەرىزلىرى: ئوقۇماقچى بولغان نامازنى نىيەت قىلىش، ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئادا قىلىش، پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش ۋە رۇكۇ قىلىش قاتارلىقلاردۇر".

   خەرشى رەھىمەھۇللاھ "شەرھى مۇختەسەر خەلىل" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 264-بىتىدە نامازنىڭ پەرىزلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەرىز نامازلاردا ئىمام بىلەن بىللە نامازغا كىرگەن ۋە ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالايدىغان كىشىنىڭ ناماز باشلاش تەكبىرى ئۈچۈن ئۆرە تۇرۇشى زۆرۈر بولىدۇ، ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئولتۇرغان ھالەتتە ياكى كىيىن كەلگەن كىشىنىڭ ئىمامغا ئەگىشىپ ئېگىلگەن ھالەتتە ئادا قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

    "كۈۋەيت پىقھى توپلىمى" ناملىق ئەسەر 13 -توم 220-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ناماز ئوقۇغۇچى ئۆرە تۇرۇش پەرىز بولغان ئورۇنلاردا ئۆرە تۇرۇپ تەكبىر ئېيتىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بوۋاسىر كېسىلى بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭغا: نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغىن، ئەگەر ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمىساڭ، ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، ئەگەر ئولتۇرۇشقا قادىر بولالمىساڭ، يېنىچە يېتىپ ئوقۇغىن دېگەن. نەسائىنىڭ رىۋايىتىدە: يېنىچە يىتىپ ئوقۇشقا قادىر بولالمىساڭ، ئوڭدا يېتىپ ئوقۇغىن دېگەن سۆز زىيادە قىلىنغان. ئۇچىسىنى تۈزلەش بىلەن قىيامدا تۇرۇش ئەمەلىيلىشىدۇ.

ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئولتۇرۇپ ياكى ئېگىلگەن ھالەتتە ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىش دېگەن ھۆكۈم ئومۇمى بولۇپ، ئۈزۈر بولغانلىقى ئۈچۈن پەرز نامازلاردا ئولتۇرۇپ ئوقۇغاننىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

    كېسەلنىڭ نامىزى توغرىسىدىكى قائىدە: كېسەل كىشى نامازنىڭ پەرىز، ۋاجىبلىرىنى قادىر بولالىغانچە ئادا قىلىدۇ، قادىر بولالمىغانلىرى ئۇ كىشىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.

     ئەگەر ئۆرە تۇرۇپ ناماز باشلاشقا قادىر بولالىسا، ئۇ كىشىگە ئۆرە تۇرۇپ ناماز باشلاش پەرىز بولىدۇ، ئاندىن ئۆرە تۇرۇش قېيىن بولسا ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. بۇ توغرىدا 263252- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

مالىكى كىتابلىرىدىن بولغان "مۇختەسەر خەلىل" ناملىق ئەسەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: پاتىھە سۈرىسىنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشقا قادىر بولالمىسا ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ". ھەتتاب بۇ سۆزنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئابدۇسالام مۇنداق دېگەن: بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئىشلارغا رېئايە قىلىش كېرەك بولىدۇ: ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەمەللەردىن ناماز باشلاش تەكبىرى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئەمەللەرنى ئادا قىلالىسا شۇنى ئادا قىلسۇن، چۈنكى قىيامدا تۇرۇشتىن بولغان مەقسەت ئايەت ئوقۇش بىلەن ئۆرە تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر تولۇق ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشتىن ياكى ئايەتنى تولۇق ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشقا قادىر بولالمىسا، قادىر بولالىغان دەرىجىدە ئۆرە تۇرىدۇ قالغانلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ.

    مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىدىن بولغان ئىبنى پەرھۇن مۇنداق دەيدۇ: ئۆرە تۇرۇپ پاتىھە سۈرىسىنى تولۇق ئوقۇشقا قادىر بولالمىسا، بېشى قايغانلىق ياكى باشقا سەۋەبلەردىن قىيامدا تۇرالمىسا، مەشھۇر قاراشتا: قادىر بولالىغان مىقداردا ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىدۇ، قادىر بولالمىغانلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇنى ئولتۇرغان ھالەتتە ئادا قىلىدۇ.

  دىققەت: ئاپتورنىڭ سۆزى بويىچە قىيامدا تۇرۇشقا قادىر بولالمىغاندا، ئۆرە تۇرۇش پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىدۇ ھەتتا ناماز باشلاش تەكبىرىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن ئىش ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئۇ كىشىنىڭ سۆزى: ئۆرە تۇرۇشقا ئالاقىدار بولۇپ، دەسلەپتە ئۆرە تۇرۇپ كېيىن ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا قالغانلىرىنى ئولتۇرغان ھالەتتە ئادا قىلىدۇ دېمەكتۇر. "مەۋاھىب ئەلجەلىيل"2 -توم 5-بەت.

     ھەنەفى مەزھەپ كىتابلىرىدىن بولغان "ھىندىستان ئۆلىمالىرى پەتىۋاسى" 1-توم136-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ئون تۆتىنچى باپ "كېسەل نامىزى توغرىسىدا" كېسەل كىشى ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولالمىسا، ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، رۇكۇ قىلىدۇ ۋە سەجدە قىلىدۇ."ئەل ھىدايە"ناملىق ئەسەردىمۇ شۇنداق بايان قىلىنغان.

    ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالماسلىق دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرگەن سۆزلەرنىڭ ئەڭ توغرىسى: ئۆرە تۇرسا سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدىغان دېمەكتۇر.

    ئەگەر ئۆرە تۇرغانلىق سەۋەبتىن بىرەر قىيىنچىلىق ياكى مۇشەققەت بولۇپ قالسا، بۇ ۋاقىتتا ئۆرە تۇرۇشنى تەرك قىلىپ ئولتۇرسا توغرا بولمايدۇ. "ئەلكاپى" ناملىق ئەسەردىمۇ شۇنداق بايان قىلىنغان.

    ئەگەر ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئادا قىلالماستىن بەزىسىنى ئادا قىلغان بولسا، ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلالايدىغانلىرىنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئۆرە تۇرۇپ ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئادا قىلالايدىكەن ئەمما ئۆرە تۇرۇپ تولۇق قىرائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىكەن ياكى ئۆرە تۇرۇپ قىرائەتنىڭ بەزىسىنى ئادا قىلالايدىكەن ئەمما ھەممىسىنى ئادا قىلالمايدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا: ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىدۇ، قىرائەتتىن ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشقا قادىر بولالىغانلىرىنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىدۇ، ئاندىن قادىر بولالمىغانلىرىنى ئولتۇرۇپ ئادا قىلىدۇ. قىسقارتىپ ئېلىندى.

     شەيخ مۇھەممەد مۇختار شەنقىتى مۇنداق دەيدۇ: "ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولالمايدىغان ئۈزۈرلۈك كىشى ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ.

    ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىشقا قادىر بولالىسا، كېلىپلا ئولتۇرۇپ ناماز باشلاش تەكبىرىنى كەلتۈرمەستىن، بەلكى ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئادا قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆرە تۇرۇپ ناماز باشلاشقا قادىر، ئاندىن ئولتۇرۇپ قىرائەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى ئۆرە تۇرۇشتىن چەكلەنگەن بولسا، ياكى ئۆرە تۇرالمىسا، يەنى ئۆرە تۇرۇش قېيىن بولسا، پالەچ قاتارلىق كېسەللەرگە ئوخشاش، ئۇ كىشى ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئولتۇرغان ھالەتتە ئادا قىلىدۇ، ئەگەر يېنىدا ياكى ئارقىسىغا ئورۇندۇق قويۇپ ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. ئەگەر مۇشەققەت بولسا ئولتۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ، چۈنكى پىقھى قائىدىسى بويىچە: زۆرۈرىيەت ئۆز مىقدارى بويىچە ئۆلچىنىدۇ، بۇنىڭدىن ھاجەت ئۈچۈن دۇرۇس قىلىدىغان نەرسىنىڭ مىقدارى بېكىتىلىندۇ دېگەن شاخچە قائىدە چىقىدۇ.

    ئۇ كىشىنىڭ زۆرۈرىتىدە ئۆرە تۇرۇش قېيىن بولىدىكەن، بىز ئۇ كىشىگە: ئۆرە تۇرۇپ ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئادا قىلىپ ئاندىن ئولتۇرۇپ ئوقۇڭ دەيمىز.

    ئەممە ئۇ كىشىنىڭ زۆرۈرىتىدە ئۆرە تۇرۇش ئۆزۈرلۈك بولىدىكەن، بىز ئۇ كىشىگە: ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئولتۇرۇپ ئادا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ دەيمىز.

    بۇ ئۇ كىشىنىڭ ئۆلچىمى، ئۇ ئاۋۇ كىشىنىڭ ئۆلچىمىدۇر، كىشىلەر بۇنىڭدا دىققەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى سەن بىر كىشىنى كۆرىسەن ئۇ كىشى ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولاپ تۇرۇقلۇق ئولتۇرۇپ ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئادا قىلىدۇ، ئۇ كىشى ئۆرە تۇرۇپ، ئورۇندۇقنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئىلىپ چىقىدۇ، بۇنداق كىشىنىڭ نامازنىڭ ئاساسلىق پەرزى بولغان ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئولتۇرۇپ ئادا قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر ئۇ كىشىگە ئۆرە تۇرۇش  قىيىن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا: "ئولتۇرۇپ ئادا قىلىڭ" دەيمىز. "شەرھى زادىل مۇستەنقىئ"2-توم 1-بەت.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قائىدىلەرگە ئاساسەن: سىزنىڭ دادىڭىز ئەگەر ناماز باشلاش تەكبىرى ئۈچۈن ئۆرە تۇرۇشنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ناماز باشلاش تەكبىرى ئۈچۈن ئۆرە تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى قەستەن تەرك قىلغان نامازلارنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ.

    ئەمما شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى بىلمەستىن ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۆزىنىڭ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇشىنى توغرا دەپ ئويلىغان بولسا، ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئولتۇرۇپ ئادا قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ. بۇ ھەقتە 45648 ۋە 50684- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى