دۇشەنبە 5 زۇل ھەججە 1443 - 4 ئىيۇل 2022
Uygur

ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ نامازنى ئادا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە ھۆكۈملەر توغرىسىدا

سۇئال

    تەراۋىھ نامىزىدا بەزى ناماز ئادا قىلغۇچىلار ئورۇندۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ناماز ئاخىرلىشىپ بولغۇچە ئولتۇرسا ئورۇندۇقنىڭ ئارقا پۇتىنى سەپنىڭ ئۇدۇلىغا باراۋەر قىلىدۇ، لېكىن بۇ يەردە مۇنداق سوئال بار:

1-قىيامدا تۇرغاندىلا ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ؟

2-رۇكۇ قىلغاندا ياكى سەجدە قىلغاندا ياكى تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ؟.

3-نامازنىڭ بەزى جۈزئىلىرىدە ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئۆرە تۇرۇش، رۇكۇ ۋە سەجدە بولسا نامازنىڭ پەرىزلىرىدىندۇر، ئۇنى شەرىئەت كۆرسەت يول بويىچە ئادا قىلىشقا قادىر بولغان كىشىنىڭ شۇ بويىچە ئادا قىلىشى پەرىز بولىدۇ، كېسەللىك ياكى ياشانغانلىق سەۋەبىدىن ئۇ شەكىلدە ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۇ كىشى يەردە ياكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئادا قىلىدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلاةِ الْوُسْطَى وَقُومُوا لِلَّهِ قَانِتِين   تەرجىمىسى: «بەش نامازغا بولۇپمۇ نامازدىگەرگە ئەھمىيەت بېرىڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار). ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار» [سۈرە بەقەرە 238-ئايەت].

      ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بەۋاسىر كېسىلىم بولۇپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نامازنى قانداق شەكىلدە ئادا قىلىش توغرىسىدا سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: «نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلغىن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ ئولتۇرۇپ ئادا قىلغىن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ يېنىچە يېتىپ ئادا قىلغىن دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 1066-ھەدىس].

    ئىبنى قۇدامە مەقدەسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار قىيامدا تۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان كىشى ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلىدۇ دېگەنگە بىرلىككە كەلگەن. ["ئەلمۇغنى"1-توم 443-بەت].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىسلام ئالىملىرى: پەرىز نامازدا ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان كىشى ئولتۇرۇپ نامازنى ئادا قىلسا بولىدۇ، ئۇ نامازنى كىيىن قايتا ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ، ئۈ كىشى ئۈزۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن نامازنى ئولتۇرۇپ ئادا قىلغان بولسىمۇ، ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلغانغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلگەن. بۇ توغرىدا سەھىھ بۇخارىيدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان كېسەل بولۇپ قالسا، سەپەردە بولسا، ئۇ كىشىگە ساق ۋە مۇقىم تۇرغان ۋاقىتتا قىلغان ئىبادەتنىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ»". ["ئەلمەجمۇئ" 4-توم 226-بەت].

    شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى ئۈزۈرلۈك بولۇپ قىيامدا تۇرۇشقا قادىر بولالمىغان كىشىنىڭ نامازنى ئولتۇرۇپ ئادا قىلىدىغانلىقى، ئولتۇرۇشقىمۇ قادىر بولالمىسا  يىنىچە يېتىپ ئادا قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. ["نەيلىل ئەۋتار" 3-توم 243-بەت].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمان ئالىملىرى شۇنىڭغا ئىتتىپاق كەلگەنكى، نامازنى ئادا قىلغۇچى نامازدىكى قىيامدا تۇرۇش، قىرائەت قىلىش، رۇكۇ، سەجدە، ئەۋرەتنى يىپىش، قىبلىگە يۈزلىنىش قاتارلىق ئەمەللەردىن بەزىسىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، ئاجىر كەلگەنلىرى ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"8-توم 437-بەت].

    شۇنىڭغا بىنائەن؛ قىيامدا تۇرۇشقا قادىر بولغان كىشى ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى بىكار بولىدۇ يەنى باتىل بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئۇ كىشى ئۈچۈن دىققەت قىلىش كېرەك بولغان ئىش: ئۆرە تۇرالماسلىقىدا ئۈزۈرلۈك بولغان كىشىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىنىمۇ ئولتۇرۇپ ئادا قىلىشى توغرا بولمايدۇ.  ئەگەر رۇكۇ ۋە سەجدە قىلالماسلىقتا ئۈزۈرلۈك بولسا، بۇ ئۈزۈر ئۇ كىشىنىڭ قىيامدا تۇرماي ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇشىغا ئۈزۈر بولالمايدۇ.

     نامازنىڭ پەرىزلىرىدىكى قائىدە: ناماز ئوقۇغۇچى پەرىز ئەمەللەردىن ئادا قىلىشقا قادىر بولغانلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىغانلىرى ئۇ كىشىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۆرە تۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى قىيامدا تۇرىدىغان ۋاقىتتا ئورۇندۇقتا ئولتۇرسا توغرا بولىدۇ. رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئەسلى ھالىتى بويىچە تولۇق ئادا قىلىدۇ. ئەگەر ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولۇپ، رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىشقا قادىر بولالمىسا، نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىپ، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئادا قىلىدۇ، سەجدىنى رۇكۇدىن پەسراق قىلىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 9307 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىبنى قۇدامە مەقدىسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولۇپ رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشىدىن قىيامدا تۇرۇشنىڭ پەرىزلىكى چۈشۈپ كەتمەيدۇ، ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، رۇكۇنى ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ، ئاندىن ئولتۇرۇپ ئىشارەت بىلەن سەجدە قىلىدۇ، ئىمام شاپىئىمۇ مۇشۇنداق دېگەن.

     بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئۈچۈن خۇشۇ بىلەن تۇرۇڭلار»، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغىن» دېگەن سۆزى، چۈنكى ئۆرە تۇرۇش نامازدا قىيامدا تۇرۇشقا قادىر بولغان كىشى ئۈچۈن پەرىز بولۇپ، خۇددى قىرائەت قىلغانغا ئوخشاش ئۇنىمۇ تولۇق ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ. نامازنىڭ باشقا پەرىزلىرىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىك باشقىلىرىنىڭمۇ چۈشۈپ كىتىشىنى تەقەززا قىلمايدۇ، قىرائەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشىدىن قىرائەتنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىگە ئوخشاشتۇر. ["ئەلمۇغنى"1-توم 444-بەت].

    شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يەردە ياكى ئورۇندۇقتا ناماز ئادا قىلغۇچىلارغا زۈرۈر بولغان ئىش، سەجدە قىلغاندا سەجدىنى رۇكۇدىن پەسرەك قىلىشى كېرەك، سۈننەت بويىچە رۇكۇ قىلغاندا ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇشى كېرەك، ئەمما سەجدە قىلغاندا، قادىر بولالىسا ئىككى قولىنى يەرگە قويىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «مەن يەتتە سۆڭەكنىڭ ئۈستىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، پىشانە بۇرۇن بىلەن، ئىككى قول، ئىككى تىز ۋە ئىككى پۇتنىڭ ئەتراپى دېگەن».

   بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىغان كىشى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «كۈچىڭلارنىڭ يىتىشچە ئاللاھدىن قورقۇڭلار». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرىسام، كۈچىڭلارنىڭ يىتىشچە ئۇنى ئادا قىلىڭلار.» [بىرلىككە كەلگەن سەھىھ ھەدىس. "شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 12-توم 245-246-بەت].

    ئۈچىنچى: ئورۇندۇقنى سەپكە قويۇش مەسىلىسىدە، ئالىملار شۇنداق دېگەن: ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلغان كىشىگە نىسبەتەن ئولتۇرىدىغان جايى سەپكە باراۋەر بولۇش كېرەك. ئولتۇرۇش بىلەن سەپنىڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە ئۆتۈپ قالماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئورۇندۇقنىڭ كەينى تەرىپى دېگەن بەدەن ئورۇنلىشىدىغان جايدۇر. ["ئەسەننىل مەتالىب" 1-توم 222-ئايەت. "تۆھپەتۇل مىنھاج" 2-توم 157-بەت. "شەرھى مۇنتەھىل ئىرادات"1-توم279-بەت].

    "پىقھى توپلاملىرى"6-توم 21-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئىمامغا ئەگەشكۈچىنىڭ ئىمامغا ئەگىشىشىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن سەپتە ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامنىڭ ئالدىغا چىقىپ كەتمەسلىكى شەرت قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا ھەنەفىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلى مەزھىبىدىكى پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشى ئوخشاش.

   ئىلگىرى بولغان ياكى بولمىغانلىقى سەپتە تۇرغان كىشىنىڭ تاپىنىدىن ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ھوشۇقى ئەمەس تاپىنىدۇر، ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ پۇتى ئۇزۇن بولۇپ پۇتىنىڭ بارماقلىرى ئېشىپ كەتسە بۇنىڭ زېيىنى يوق، ئىلگىرى بولغان ياكى بولمىغانلىقتا ئولتۇرغان كىشىنىڭ كەينى تەرىپى، يىنىچە ياتقان كىشىنىڭ بېقىنى ئېتىبارغا ئىلىنىدۇ".  

    ئەگەر ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلغۇچى ناماز باشلانغاندىن تاكى ئاخىرلاشقىچە ئولتۇرۇپ ئوقۇغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئولتۇرغان ئورنى سەپكە باراۋەر بولىشى كېرەك.

    ئەگەر ناماز ئادا قىلغۇچى قىيامدا تۇرغاندا ئۆرە تۇرۇپ، رۇكۇ ۋە سەجدە قىلغاندا ئولتۇرۇپ قىلىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۆرە تۇرغاندا سەپكە باراۋەر تۇرۇشى كېرەك. بىز بۇ توغرىدا پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇراھمان بەرراكتىن سورىغاندا مۇشۇنداق دېگەن.

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ئورۇندۇق سەپنىڭ ئارقىسىدا بولىدۇ، يەنى كەينى تەرەپتە ناماز ئادا قىلىدىغانلارغا ئەزىيەت بولمايدىغان ئورۇندا بولسا ياخشى بولىدۇ. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى