يەكشەنبە 23 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 24 نويابىر 2024
Uygur

رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتىۋاتقان كىشى، مىھماندارچىلىققا چاقىرىلسا روزىسىنى بۇزىۋەتسە بولامدۇ؟

سۇئال

مەن رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتىۋاتقان ئىدىم، ئىمام سادىقنىڭ دەۋىتىگە چاقىرىلدىم، شۇنىڭ بىلەن روزامنى بۇزىۋەتتىم، مەن بۇ كۈندە روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن، كېسەلگە ئوخشاش رامزاندا روزا تۇتماسلىقى دۇرۇس بولىدىغان كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتىۋاتقاندا شەرئى سەۋەپسىز روزىنى بۇزىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ: "ئەلمۇغنى"3-توم 160-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" رامزاننىڭ قازا روزىسى ياكى مۇئەييەن ياكى مۇتلەق نەزىر قىلغان روزىنى ياكى كاپارەت روزىسىنى تۇتىۋاتقان كىشىنىڭ شەرئى سەۋەپسىز روزىسىنى بۇزىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ... ئاللاھقا مەدھىيلەر بولسۇنكى بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق".

    ئىنساننى قېرىندىشىنىڭ يېمەككە دەۋەت قىلىشى نەپلە روزىنى بۇزسا دۇرۇس بولغان بىلەن رامزاننىڭ قازا روزىسى ۋە نەزىر روزىسى قاتارلىق پەرىز روزىلارنى بۇزۇشقا ئۈزۈر بولالمايدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز پەرىز روزىنى بۇزىۋەتكەننىڭ ئەجىر-ساۋابىنى كۈتمەستىن بەلكى روزىنى بۇزغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇنداق قىلغان كىشى بىلمەسلىكتىن قىلغان بولسا ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ.

    ئىككىنچى: نەپلە روزا تۇتقان كىشى بىرەر يېمەككە چاقىرىلسا، ئۇ كىشى روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ يېمەككە دەۋەت قىلغان كىشىنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش بىلەن روزىسىنى بۇزىۋېتىش توغرىسىدا ئىختىيارلىقتا بولىدۇ، چۈنكى نەپلە روزا تۇتقۇچى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدۇ. ئۇممۇ ھانى رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇنىڭدىن ئېچىلىملىك تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېچىملىكنى ئېچىپ ئاشقىنىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى، ئۇممۇ ھانى ئۇنى ئېچىپ بولۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن نەپلە روزا تۇتقان ئىدىم دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نەپلە روزا تۇتقۇچى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدۇ، خالىسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، خالىسا روزىسىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىدۇ دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 26353-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 3854-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مېنىڭ يېنىمغا كىرىپ يېگۈدەك بىر نەرسە بارمۇ؟ دېگەن ئىدى، بىز يوق دېدۇق، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا مەن روزا تۇتقۇچىدېدى، ئاندىن يەنە بىر كۈنى كىرگەندە، بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىزگە خورما ھالۋىسى ھەدىيە قىلىندى دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ماڭا كۆرسىتىڭلار، مەن روزا تۇتقان ئىدىم دەپ ئۇنىڭدىن يېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 1154-ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بېرىڭلار بىر يەرگە چاقىرىلسا، چاقىرىققا ئىجابەت قىلسۇن، ئەگەر روزا تۇتقان بولسا، ئۇ كىشىگە دۇئا قىلسۇن، روزا تۇتمىغان بولسا يېمەكتىن يېسۇن. [مۇسلىم رىۋايىتى 1431-ھەدىس].

    مازۇرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ئەگەر روزا تۇتقان بولسا، دەۋەت ساھىبىغا دۇئا قىلسۇن دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: دەۋەت ساھىبىغا رەھمەت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلسۇن دېگەن بولىدۇ. ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى"2-توم 154-بەت].

    ئۈچىنچى: ئەمما سوئالدا زىكىر قىلىنغان جەپەر سادىق دەۋىتى دېگەن سۆزنىڭ توغرىلىقى بىلىنمەيدۇ، ئۇنىڭدىن پەرز روزىنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلىنمەيدۇ، شىئە-راپىزىلارنىڭ كىتابلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئەھلى بەيت-ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەۋلادلىرى-توغرىسىدىكى يازمىلىرىدا جەپەر سادىققا يالغان-توقۇلمىلارنى توقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەدىس-ئەسەرلەرنى پەقەت بىلمەيدىغان جاھىل كىشىلەردۇر.

ئۇلارنىڭ سۈننەت ئەھلى بىلەن بولغان ئىختىلاپى دىننىڭ ئاساسىدىكى زور ئىختىلاپتۇر. بۇ توغرىدا 113676- 21500  نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى