شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

"ئې رامىزان! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھوزۇرىدا بىزگە شاپائەت قىلغىن" دېگەن سۆزنى دېيىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    بىزنىڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى رامىزان ئاخىرلاشقاندا بەزى دۇئالارنى قىلىدۇ، ئاشۇ دۇئالاردىن: "ئې رامىزان! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھوزۇرىدا بىزگە شاھىد بولغىن"دەيدۇ، يەنى "بىزگە شاپائەت قىلغىن" دەيدۇ، ياكى "بىزنى رەييان دېگەن ئىشىكتىن جەننەتكە كىرگۈزگىن" دېگەندەك مەنالارنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلىدۇ، بۇ تۈردىكى دۇئالار شېرىك ھېسابلىنامدۇ؟. مېنىڭ قارىشىمچە: بۇ ئىمام رامىزاننىڭ ئىنساننى جەننەتكە كىرگۈزەلمەيدىغانلىقىنى ياكى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز بىرسىگە شاپائەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭمۇ بىرسىنى جەننەتكە كىرگۈزەلمەيدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن شاپائەت تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىشمۇ شېرىكنىڭ جۇملىسىدىن ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: دۇنيادا ۋاپات بولغان ياكى يوق بولغان بىرسىدىن شاپائەت تەلەپ قىلىش، گەرچە ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرەتتە شاپائەت قىلىشى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك، پەيغەمبەرلەر ۋە پەرىشتىلەر قىيامەت كۈنىدە شاپائەت قىلىدىغان بولسىمۇ بىر كىشىنىڭ: "ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا شاپائەت قىلسىلا، ياكى ئەي ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى! ماڭا شاپائەت قىلىڭلار دېيىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى شاپائەت تەلەپ قىلىش دېگەن ئۆز ئورنىدا يەنى پەيغەمبەر ھايات بولغان ۋە ھازىر بولغان ۋاقىتتا بولىدۇ. مەشھۇر ھەدىسلەردە بايان قىلىنغاندەك، كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىشىپ: "ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بىزگە شاپائەت قىلسىلا" دەيتتى.

   ئەمما ھازىر شاپائەت تەلەپ قىلىش بولسا، يوق بولغان ياكى ئۇنىڭدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشقا ئىزنى بېرىلمىگەنلەردىن تەلەپ قىلىش بولۇپ، بۇ تۈردىكى دۇئالارنى قىلىش چەكلىنىدۇ. بۇ بولسا ئاللاھنىڭ غەيرىدىن بىر نەرسە سوراش ۋە تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇمى چەكلىمىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

    ساھابىلەرنىڭ ھېچ بىرىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن شاپائەت تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا ئەسەر كەلمىگەن.

    "ماڭا دۇئا قىلغىن. يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھوزۇرىدا ماڭا شاپائەت قىلغىن" دەپ ۋاپات بولغان كىشىدىن دۇئا ۋە شاپائەت تەلەپ قىلىش بولسا، شېرىك ھېسابلىنامدۇ ياكى شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ۋاسىتە بولامدۇ دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەتتۇر.

     ئەمما ۋاپات بولغان بىرسىدىن بىۋاستە: "مېنىڭ قېيىنچىلىقىمنى ئاسان قىلىپ بەرگىن ياكى ھاجىتىمنى ئادا قىلغىن ياكى ماڭا ياردەم بەرگىن ياكى مەدەت بەرگىن دېگەندەك تەلەپلەرنى قىلىش بىردەك چوڭ شېرىك ھېسابلىنىدۇ. 

    ئىككىنچى: سەھىھ ھەدىسلەردە: رامىزان روزىسىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۆز ساھىبىغا شاپائەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن: ئەي رامىزان! ماڭا شاپائەت قىلغىن دېيىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى رامىزان دېگەن ئايدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاي شاپائەت قىلالمايدۇ، ئاي دېگەن شاپائەت تەلەپ قىلىشقا ئىزنى بېرىلگەنلەرنىڭ قاتارىدىن ئەمەس. بۇنداق سوئاللاردىن چەكلەش كېرەك، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ غەيرىدىن بىر نەرسە سوراشنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

    دوكتۇر خالىد مۇشەيقىئدىن: (ئەي ئېسىل رامىزان! شەپقەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ ھوزۇرىدا ماڭا شاپائەت قىلغىن) دېگەن بۇ سۆزگە ھۆكۈم قىلىش قېيىن بولۇپ قالدى، ئاللاھنىڭ غەيرىدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: بۇ سۆز ھەقىقەتەن بىدئەتتۇر، ھايات كىشىدىن شاپائەت تەلەپ قىلسا بولىدۇ، خۇددى: ئاللاھدىن مېنى مەغپىرەت قىلىشى ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلغىن يەنى ئاللاھنىڭ مېنى مەغپىرەت قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغىن دېگەندەك دېسە بولىدۇ، دۇئانى ئوز لايىقىنىڭ غەيرىدىن تەلەپ قىلىشتىمۇ ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بولسىمۇ، لېكىن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ: دۇئا تەلەپ قىلغۇچى دۇئانىڭ مەنپەئەت بېرىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلغان بولسا ئاللاھ خالىسا توغرا بولىدۇ دېگەن.

    ئەمما ۋاپات بولغان كىشىدىن: ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ماڭا شاپائەت قىلغىن دەپ تەلەپ قىلىش ھەقىقەتەن توغرا بولمىغان چەكلەنگەن ئىشتۇر.

بۇنى بەزى ئالىملار چوڭ شېرىكنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىغان ۋە بەزى ئالىملار بولسا كېچىك شېرىكنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىغان.

    رامىزاندىن شاپائەت تەلەپ قىلىش بولسا چەكلەنگەن ئىش ۋە دۇئا-تەلەپتە چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك، چۈنكى رامىزان شاپائەت قىلالمايدۇ. رامىزان ئېيى دېگەن ماھىيەتتە مۇسۇلمان ئۇنىڭدا تەقۋادارلىقنى ئاشۇرىدىغان بىر ۋاقىتتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمان كىشى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدۇ.     ئەمما"ئەي رامىزان! بىزگە شاھىد بولغىن" دېگەن سۆز ھەقىقەتتە بىر نەرسە تەلەپ قىلىش ئەمەس بولسىمۇ، دۇئادا بۇ تۈردىكى سۆزلەرنى دېمەسلىك ئەۋزەلدۇر. 

ئاللاھ ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى