پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

دۇنيالىق مەنپەئەتنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئەمەل بىلەن ئاللاھ تائالاغا ۋەسىلە قىلسا، بۇ ئەمەلنىڭ ئەجىر-ساۋابى كەمىيىپ كېتەمدۇ؟

سۇئال

خالىس قىلىنغان ياخشى ئەمەلنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلسا بۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى توغرىسىدا ھەدىسلەر كەلگەن. مېنىڭ سوئالىم: ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن رەببىگە دۇئا قىلسا، ئۇ كىشى قىلغان ئەمىلىنىڭ ئەجىرنى دۇنيادا تولۇق ئالغان بولامدۇ، قىيامەتتە ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىلمەمدۇ؟شۇنىڭدەك بىر قېتىم قىلغان ياخشى ئەمەلنى بىر قانچە قېتىم ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىش مۇمكىن بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ياخشى ئەمەلنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش مۇستەھەب بولۇپ، بۇ غارغا سولقۇنۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ ۋەقەلىكىدە بايان قىلىنغاندەك، ئىجابەتنىڭ ئورنىدۇر.

شەيخۇل ئىسلام  ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا قىلىشقا بۇيرىغان ياخشى ئەمەل بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، ئۇنى  ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھنىڭ پەزلى، رەھمىتىنى سوراش بۇ تالاش-تارتىشسىز توغرا ئىش. ئۆز ۋاقتىدا غارغا سولقىنىپ قالغان ئۈچ كىشىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغان، پەيغەمبەرلەر ۋە  سالىھ كىشىلەرمۇ شۇنداق قىلغان. بەلكى بۇ ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتتە بۇيرىغان ۋەسىلىدىن ئىبارەتتۇر».  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَابْتَغُوا إِلَيْهِ الْوَسِيلَةَ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا (تائەت ـ ئىبادەت قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن) يېقىنچىلىقنى تىلەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار.» [سۈرە مائىدە 35-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ أُولَئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَى رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەپ) ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ (ئۆزلىرى ئىبادەت ئارقىلىق) پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەرۋەردىگارىغا) يېقىنراق بولغىنى (ھەم ئىبادەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭ) ئازابىدىن قورقىدۇ». [سۈرە ئىسرا 57-ئايەت].

    ئاللاھقا يېتىدىغان ۋەسىلە تەلەپ قىلىدۇ دېگەنلىك: ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىنغا ۋە ئۇلىشىدىغان يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشىدىغان بىر نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ ياكى ۋاسىتە قىلىدۇ، بۇ تائەت-ئىبادەت ۋە بۇيرۇقلارغا بويسۇنۇش يولى بىلەن بولسۇن ياكى ئاللاھ تائالادىن مەنپەتلىك نەرسىنى  سوراش، زېيانلىق نەرسىدىن ساقلىنىش ۋە كەچۈرۈم تەلەپ قىلىش يولى بىلەن بولىدۇ. [توغرا يولغا ئەگىشىش2/312 ].

    ئىككىنچى: ياخشى ئەمەلنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھ تائالادىن بىر نەرسە سوراش بىلەن بۇ ياخشى ئەمەلنىڭ ساۋابى كەمىيىپ كەتمەيدۇ، بۇنى دۇنيالىق پايدا-مەنپەئەتكە ۋەسىلە قىلىلى ياكى ئاخىرەتلىك مەنپەئەتكە ۋەسىلە قىلىلى ئوخشاش، چۈنكى ئۇ ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قىلىنغان ياخشى ئەمەل، ئۇنى باشلىغاندا دۇنيالىق بىر نەرسە مەقسەت قىلىنمىغان.

شەيخ ئابدۇراھمان بەرراكتىن: ياخشى ئەمەلنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھ تائالادىن بىر نەرسە سوراش، ئاخىرەتتە ئۇ ئەمەلگە بېرىلىدىغان ئەجىرنى كىمەيتىۋېتەمدۇ؟دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: قىلغان ياخشى ئەمەلنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ئاخىرەتتە ئۇ ئەمەلگە بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپنى كىمەيتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ تائالا ياخشى ئەمەلنى دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتنىڭ سەۋەبى قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎  وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَل لَّهُ مِنْ أَمْرِهِ يُسْرًا   تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.» [سۈرە تالاق  4-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُعْظِمْ لَهُ أَجْرًا   تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ.» [سۈرە تالاق 5-ئايەت ].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا ، وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ   تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ.» [سۈرە تالاق سۈرىسى 2-3-ئايەتلەرنىڭ بىرقىسمى].

    دۇئالارنىڭ جۇغلانمىسىدىن:  پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، دەيدۇ».

    ئاللاھ تائالا دوستى ئەبراھىم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:  وَآتَيْنَاهُ أَجْرَهُ فِي الدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ  تەرجىمىسى: « دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق، يەنى جىمى دىنلاردا ئۇنى ياخشى نامغا ئىگە قىلدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە ياخشى بەندىلەردىندۇر.» [سۈرە ئەنكەبۇت 27-ئايەت].

    لېكىن مۇسۇلمان كىشى ياخشى ئەمەلنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى ئۈمىت قىلىپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ بىز تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ چوڭ تەلەپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاللاھ ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارغا ۋەدە قىلغان ئىشلارنىڭ ئاسان بولىشى ۋە رىزىقنىڭ كەڭىر بولىشى قاتارلىق تەلەپلەرنى قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئىنساننىڭ ياخشى ئەمەلنى قىلىشتىكى ئاساسى غايىسى ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان ساۋاپقا قارىماستىن دۇنيا مەنپەئەتىگە ئېرىشىش بولۇپ قالسا توغرا بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا: پەرۋەردىگارىمىز!بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، دېگەنلەرنى ئەيىپلىدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَمِنَ النَّاسِ مَن يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ تەرجىمى: «بەزى كىشىلەر:ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن، دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ياخشىلىقتىن ھېچ نېسىۋە يوقتۇر.» [سۈرە بەقەرە 200-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  مَّن كَانَ يُرِيدُ الْعَاجِلَةَ عَجَّلْنَا لَهُ فِيهَا مَا نَشَاءُ لِمَن نُّرِيدُ ثُمَّ جَعَلْنَا لَهُ جَهَنَّمَ يَصْلَاهَا مَذْمُومًا مَّدْحُورًا ،‏ وَمَنْ أَرَادَ الْآخِرَةَ وَسَعَىٰ لَهَا سَعْيَهَا وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَٰئِكَ كَانَ سَعْيُهُم مَّشْكُورًا   تەرجىمىسى: «بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، ( ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ، كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەلنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولىدۇ.» [سۈرە ئىسرا 18-19-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ ئاخىرەتنى مەقسەت قىلىشىنى ئىرادە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:  تُرِيدُونَ عَرَضَ الدُّنْيَا وَاللَّهُ يُرِيدُ الْآخِرَةَ   تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى تىلەيدۇ». [سۈرە ئەنپال  67 –ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ﴿مَّن كَانَ يُرِيدُ ثَوَابَ الدُّنْيَا فَعِندَ اللَّهِ ثَوَابُ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا بَصِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى قىلغان ئەمەلى بىلەن)دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىنكى)دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتىنى تىلىسۇن). ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر». [سۈرە نىسا 134-ئايەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    ئەمما كىمكى ياخشى ئەمەلنى دەسلەپتە دۇنيا مەنپەئەتىنى مەقسەت قىلىپ باشلايدىكەن، ياكى دۇنيا ئىشلىرىدىن بىرىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بۇنى ۋاسىتە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، بۇ ياخشى ئەمەلنىڭ ساۋابى كەمىيىپ كېتىدۇ، دۇنيانى تەلەپ قىلىش مەقسىدى بىلەن قىلغان ساۋابى  ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان ساۋابقا قىستىلىپ چۈشۈپ كېتىدۇ.

    ئۈچىنچى: بىر قېتىم قىلغان ياخشى ئەمەلنى بىر قانچە ئىشلارغا ۋەسىلە قىلسا توغرا بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن بۇنداق دۇئا قىلساقمۇ توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَابْتَغُوا إِلَيْهِ الْوَسِيلَةَ وَجَاهِدُوا فِي سَبِيلِهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا (تائەت ـ ئىبادەت قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن) يېقىنچىلىقنى تىلەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار.» [سۈرە مائىدە 35-ئايەت].

    ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى