بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئەگەر نەپلە ناماز بولسا، بۇنىڭدا كەڭرىچىلىك بار، چۈنكى ئۈزۈرسىز نەپلە نامازنى بۇزسا دۇرۇس بولىدىكەن، ئۈزۈر بىلەن بۇزسا ئەلۋەتتە توغرا بولىدۇ. بۇ شافىئى ۋە ھەنبەلىي مەزھىبىدىكى توغرا قاراشتۇر. بۇلارنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى ئەتتىگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيگە كېرىپ: يېنىڭلاردا يىگۈدەك بىر نەرسە بارمۇ؟ دەپ سورىدى، بىز: يوق دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا مەن روزا تۇتتۇم دېدى، ئارىدىن بىر قانچە كۈندىن كېيىن بىر ئەتتىگىنى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى! بىزگە خورما ھالۋىسى ھەدىيە قېلىندى دېسەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنى مەن كۆرۈپ باقاي، مەن بۈگۈن روزا تۇتقان ئىدىم دېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېدى .» [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان1154 -ھەدىس].
"كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى" 34 -توم 51 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "نەپلە نامازنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن بۇزىۋېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، ھەنەفى ۋە مالىكى ئالىملىرى: نەپلە نامازنى باشلىغاندىن كېيىن ئۇ پەرز نامازغا ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنى تولۇق ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ بىر ئىبادەت، ئۈزۈرسىز بۇزۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ دەيدۇ.
شافىئى ۋە ھەنبەلى ئالىملىرى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان: «نەپلە ئىبادەت قىلغۇچى ئۆزىگە ئەمىردۇر» دېگەن، بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى ئۇممۇ ھانىنىڭ ھەدىسىدىن مۇنداق كەلتۈرگەن: «روزىدار ئۆزىگە ئەمىردۇر ياكى ئۆزىگە ئىگە بولغۇچىدۇر». بۇ ھەدىسلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھەج ۋە ئۆمرىدىن باشقا نەپلە ئىبادەتلەرنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن بۇزۇۋېتىش دۇرۇس بولىدۇ لېكىن تاماملاش ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەمما ھەج بىلەن ئۆمرىنى تاماملاش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر ھەج بىلەن ئۆمرىنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن بۇزۇۋېتىپ قالسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ھەج، ئۆمرىنىڭ نەپلىسىمۇ پەرزىگە ئوخشاشتۇر." بۇ ھەقتە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 161243 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئىككىنچى: ناماز پەرز بولۇپ قالسا، قائىدىدە: پەرز نامازنى باشلىغاندىن كېيىن ئۇنى ئۈزۈش دۇرۇس بولىدىغان ئۈزۈر بولمىسا ئۇنى بۇزۇش توغرا بولمايدۇ.
"كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى" 34 -توم 51-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "بارلىق پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن، ۋاجىپ بولغان ئىبادەتنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن شەرئى ئۈزۈرسىز بۇزۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى باشلاپ بولغان ئىبادەتنى شەرئى ئۈزۈرسىز بۇزۇۋېتىش ئىبادەتنىڭ ھۆرمىتىگە زىت كېلىدىغان بىر ئىشتۇر، ئىبادەتنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن بۇزىۋېتىشتىن چەكلەنگەن توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار».
ئەمما شەرئى ئۈزۈر بىلەن نامازنى بۇزۇش بولسا يوللۇق، يىلان، چايان دېگەندەك زىيانداشلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ قىممەتلىق بۇيۇملىرى، ماللىرىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، جىددى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان كىشىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، غاپىلنى ياكى ئۇخلاپ قالغۇچىنى ئۇ تەرەپكە كېتىۋاتقان يىلاندىن تەسبىھ ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرۇش مۇمكىن بولمىسا، بۇنداق ھالەتلەردە نامازنى بۇزسا بولىدۇ، سۇغا غەرق بولغان كىشىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزى ياكى ئېمىدىغان بوۋاقتىن ئەنسىرىسە روزىنى بۇزسا بولىدۇ".
يەرتەۋرەش، سەل ئاپىتى قاتارلىق ھادىسىلەر يۈزبەرگەندە پەرز نامازلارنىمۇ بۇزۇش توغرا بولىدىغان ئۈزۈرلەردىندۇر. بەلكى بۇنداق ھالەتتە ئۆزىنى ياكى باشقا قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نامازنى بۇزۇش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار». [سۈرە بەقەرە 195 -ئايەت.]
شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك سۆزلىرى بار، ھەقىقەت بولسا، ئايەتنىڭ خۇسۇسىي سەۋەبىنى ئېتىبارغا ئالماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئومۇمى لەۋزىنى ئېتىبارغا ئېلىشتۇر، ئايەتكە مۇۋاپىق كېلىدىغان تەپسىر: ئۆزۈڭلارنى دىندا ياكى دۇنيالىق ئىشلىرىڭلاردا ھالاكەتكە تاشلىماڭلار دېمەكتۇر. ئىبنى جەرىر تەبەرىيمۇ شۇنداق دېگەن". ["پەتھۇل قەدىر" 1 -توم 222 -بەت].
ئالىملار نامازنى بۇزسا دۇرۇس بولىدىغان بىر تۈرلۈك ئۈزۈرلەرنى بايان قىلدى، ھەنبەلى ئالىملىرى ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە تەھدىت بولىدىغان خەتەر بىلەن باشقىلارغا تەھدىت بولىدىغان خەتەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىدى.
خەتەر باشقىلارغا تەھدىت بولسا نامازنى بۇزىدۇ ئۇنى قۇتقۇزۇپ بولۇپ ئاندىن نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىدۇ.
ئەمما خەتەر ئۆزىگە تەھدىت بولسا نامازنى بۇزمايدۇ، بەلكى خەتەردىن قاچىدۇ، قۇتۇلىدۇ، كۆپ ھەرىكەت قىلسىمۇ، يۈگۈرسىمۇ ھەتتا قىبلىدىن بۇرۇلۇپ كەتسىمۇ ئۇ كىشى نامازدا بولغان بولىدۇ، بۇ قورقۇنچ نامىزى توغرىسىدىكى ئايەتكە ئەمەل قىلغانلىقتۇر، ئايەتتىكى قورقۇنچ پەقەت دۈشمەنگىلا خاس ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالاً أَوْ رُكْبَاناً تەرجىمىسى: «قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ ناماز ئوقۇڭلار.» [سۈرە بەقەرە 239 -ئايەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرسەڭلار، قورقۇشۇڭلار دۈشمەندىن، ئوت ئاپىتىدىن، سەل ئاپىتىدىن ياكى ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسان قورقۇدىغان ئىشلار يۈز بەرسە، ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قېچىڭلار دېمەكتۇر".
سەئدىي رەھىمەھۇللاھ كىتابىنىڭ 106 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ئايەتتە قورقىدىغان نەرسە زىكىر قىلىنمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زالىمدىن، كاپىردىن، يىرتقۇچ ھايۋاندىن ۋە باشقا تۈرلۈك قورقۇنچىلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق دېگەندىن: قىبلىگە يۈزلەنگەن ياكى يۈزلەنمىگەن ھالەتتە دېمەكتۇر".
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 3 -توم 97 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " نامازدا زەرۈرەتسىز كۆپ ھەرىكەتكە ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھەرىكىتى نامازنى بۇزىدۇ.
ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر نامازدا ئىككى كېچىك بالىنىڭ ئۇرۇشىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرىنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇ كىشى بېرىپ ئۇ ئىككى بالىنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قويۇپ كېلىپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ".
يەنە مۇنداق دەيدۇ: " بىر كىشى يەنە بىر كىشىنى ئىزدەپ ئارقىسىدىن مەسچىتكە كىرگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا نامازغا تەكبىر ئېيتىلغان بولسا، نامازغا كېرىدۇ، ئىمام سەجدە قىلغاندا ئىزدىگەن ئادەم مەسچىتتىن چېقىپ كەتسە، ئۇنى ئىزدەيدىغان ئادەممۇ دەرھال مەسچىتتىن چىقسا بولىدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش ئوت كەتكەن بولسا ياكى بىر كىشى سۇغا غەرق بولغان بولسا ئوت ئۆچۈرۈش ياكى غەرق بولىدىغان كىشىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نامازنى بۇزۇپ، كېيىن يېڭىدىن باشلايدۇ.
ئەگەر ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئوت ئىچىدە قالسا ياكى سەلگە دۇچ كەلسە، ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، نامىزىنى شۇ يەردىن داۋام قىلىدۇ، قورقۇنچ نامازنى تامام قىلغاندەك تامام قىلىدۇ".
مىرداۋىي "ئەل ئىنساپ" 3 -توم 658 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " قېنى تۆكۈلمەيدىغان كاپىرنى بىلمەي قۇدۇق تەرەپكە ماڭسا ئۇ يەردىن قايتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ، گەرچە ناماز ئادا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىككى قاراش ئەڭ توغرىسىغا كۆرە، مۇسۇلماننى قايتۇرغاندەك قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ، نامازنى بۇزىدۇ، كېيىن يېڭىدىن باشلاپ ئوقۇيدۇ، مەزھەپتىكى توغرا قاراشتا: يېڭىدىن باشلىماي ئۈزگەن يەردىن تاماملايدۇ دېيىلگەن.
ھەنبەلى مەزھىبىدىكى توغرا قاراشتا: شۇنىڭغا ئوخشاش، قەرزى بار ئادەم قېچىپ كەتسە نامازنى بۇزسا توغرا بولىدۇ، ھۇبەيش ئىمام ئەھمەدتىن: ئۇنى ئىزدەپ نامازنى بۇزۇپ مەسچىتتىن چىقسا بولىدۇ ۋە سۇغا غەرق بولغاننى قۇتقۇزۇشتىمۇ شۇنداق بولىدۇ دەپ نەقىل قىلغان.
ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىدىن ۋە ئىماملاردىن نۇرغۇن كىشىلەرمۇ قورقۇنچلىق ئىش ۋە زور خەتەر بولغاندا نامازنى بۇزۇشنىڭ رۇخسەت ئىكەنلىكىگە بارغان.
ئىبنى رەجەپ ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " قەتادە مۇنداق دېگەن: كېيىمى ياكى نەرسىسىنى ئوغرى ئالسا نامازنى تەرك قىلىپ ئوغرىنى قوغلايدۇ.
ئابدۇرەززاق ئۆزىنىڭ كىتابىدا مەئمەردىن ھەسەدىن قەتادىنىڭ مۇنداق سورىغانلىرىنى بايان قىلغان: بىر كىشى ناماز ئوقۇۋېتىپ ئۇلىغىنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ياكى يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرىسە قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئىككەيلەن: نامازنى بۇزىدۇ دېگەن،
مەئمەر قەتادىدىن : بىر كىشى ناماز ئوقۇۋېتىپ كېچىك بالىنىڭ قۇدۇقنىڭ بېشىغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرسە، بالىنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، نامازنى بۇزامدۇ؟ دەپ سورىسام، قەتادە: ھەئە دېدى، ئوغرى ئايىغىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى كۆرسە نامىزىنى بۇزامدۇ؟ دېسەم، ھەئە بۇزىدۇ دېدى.
سۇپياننىڭ مەزھىبىدە: بىر كىشى نامازغا تۇرغاندا زور بىر ئىشقا دۈچ كەلسە، نامازنى بۇزىدۇ، بۇنى مائاپى سۇپياندىن رىۋايەت قىلغان. شۇنىڭدەك چارۋىلىرىنىڭ ياكى ئۇلىغىنىڭ سەل ئاستىدا قىلىشىدىن ئەنسىرىسە نامىزىنى بۇزىدۇ.
مالىكى مەزھىبىدە: ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇلىغى قېچىپ كەتسە، ئالدى تەرەپ ياكى ئوڭ-سول تەرەپتە بولسا ئۇلاغقا يېقىن ماڭىدۇ، ئەگەر يىراقلاپ كەتكەن بولسا نامازنى بۇزىدۇ.
بىزنىڭ مەزھىبىمىزدە: سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن ياكى ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن كىشىنى كۆرسە ياكى ئىككى كېچىك بالىنىڭ ئۇرۇشىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئىشلارنى كۆرسە، ئۇنى يوق قىلىشقا قادىر بولسا نامازنى بۇزۇپ ئۇ ئىشلارنى يوق قىلىدۇ.
بەزىلەر بۇنى نەپلە ئىبادەت بىلەن قەيت قىلدى. توغرىسى: ئۇ پەرز ۋە نەپلە ھەممە ئىبادەتتە ئومۇم بولىدۇ.
ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: " قەرزى بار كىشىگە ئەگىشىپ كەلگەن قەرز ئىگىسى مەسچىتكە كىرسە ئۇلار بىرلىكتە نامازغا كېرىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن قەرزدار نامازنى بۇزۇپ قاچسا، قەرز ئىگىسىمۇ نامازنى بۇزۇپ كەينىدىن قوغلاپ چىقىدۇ.
ئىمام ئەھمەد يەنە مۇنداق دەيدۇ: "كېچىك بالىنىڭ قۇدۇق تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، نامازنى بۇزۇپ ئۇ بالىنى تۇتىۋالىدۇ.
بىزنىڭ بەزى يېقىنلىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر قىلىدىغان ئىش كۆپ بولسا نامازنى بۇزىدۇ، ئەمما قىلىدىغان ئىش كۆپ بولمىسا ئۇنىڭغا نامازنى بۇزمايدۇ.
ئەبۇ بەكرىمۇ: قەرزى بار كىشىنىڭ كەينىدىن چېقىپ ئۇ كىشىنىڭ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولسا، كەينىگە يېنىپ كىرىپ نامىزىنى كەلگەن يېرىدىن داۋاملاشتۇرىدۇ، ئەگەر كېتىۋاتقان بولسا ئۇنى قازىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىدۇ دېگەن. شۇنداق دېيىشنىڭمۇ ئېھتىمالى بار: نامازدا تۇرۇپ مېلىدىن ئەنسىرەپ قالسا، گەرچە كۆپ ھەرىكەتكە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ مېلىنى قوغدايدۇ. [ئىبنى رەجەبنىڭ "پەتھۇلبارى" ناملىق ئەسىرى 9 -توم 336-337 -بەت].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا يەرتەۋرەش، ئوت ئاپىتى، سەل ئاپىتى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ھادىسىلەر ۋە ئومۇمى بالا-قازالار يۈز بەرسە، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ياكى مال-مۈلكىگە، جېنى قوغدىلىدىغان باشقىلارغا ياكى ئۇلارنىڭ مېلىغا زىيان يېتىشتىن ئەنسىرىسە نامازنى بۇزسا بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.