چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

تور سودىسىدا باشقىلارنىڭ تور ئادرىسىدىن رۇخسەتسىز پايدىلىنىش توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ تور بېتىمنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ كۆرىشى ئۈچۈن مېنىڭ ئارخىپىمغا باشقىلار تاۋارلىرىنىڭ ئېلانىنى چېقارسا قانداق بولىدۇ؟، مەسەلەن: بىر پىلىم كۆرمەكچى بولغان كىشى مېنىڭ ئارخىپىمغا كېرىشتىن بۇرۇن شۇ ئارخىپقا خاس بولغان (كوكىيز)مەخپى نۇمۇر بىلەن كېرىپ، ئاندىن مېنىڭ ئارخىپىمغا كېرەلەيدۇ، ئارخىپقا كېرگەچ مېنىڭ مەخپى نۇمۇر كىرگۈزۈش ئورنۇمنى ئۆز ئېھتىياجى بويىچە ئېلان چېقىرىشقا ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەگەر ئىشلەپ چېقىرىلغان مەھسۇلات شەرىئەتتە چەكلەنمىگەن نەرسىلەر بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك شەكىلدىكى ئېلان بېرىش پروگىراممىسىنى قوللانسا توغرا بولىدۇ. بۇنىڭ توغرا بولىشىنىڭ بەلگىلىمىسى 249126- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

    سوئالدا بايان قىلىنغاندەك كىنۇ پىلىملىرىنى ئېلان قىلىش  چەكلىنىدۇ، چۈنكى پىلىم دېگەن يېرىم يالىڭاچلىق، تۈرلۈك ناخشا-مۇزىكا، ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى قاتارلىق نۇرغۇن چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن سېرت پىلىم دېگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى جىنايەت، ئەقىدە ۋە ئەخلاقى تەرەپلەردىكى بۇزۇقچىلىقلارنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

    مۇسۇلماننىڭ بۇنداق پىلىملەرنى تارقىتىشى ۋە ئېلان قىلىشى بەك خەتەرلىك ئىش بولۇپ، پۇرسەت كىتىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ۋە دىنىنى ساقلاپ قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارنى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشى ئۈچۈن توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كەملەپ كەتمەيدۇ، كىمكى باشقىلارنى خاتا يولغا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشى ئۈچۈن خاتا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئوخشاش گۇناھ-خاتالىق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىدىنمۇ ھېچ نەرسە كەملەپ كەتمەيدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2674-ھەدىس].

    ئىنسان بەزى ۋاقىتتا ئېلاننى ئاددى ئىشقۇ دەپ ئېتىبار قىلماسلىقى مۇمكىن، لېكىن مۇسۇلمان كىشى چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ئېلان قىلىش ئىشىغا سەل قارىماسلىق كېرەك.

    ئەگەر بۇنىڭغا سەل قاراپ، ئاددى چاغلاپ قالسا، ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ ۋە دىنىنى بۇزىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى بۇنداق بولۇشتىن ساقلىسۇن.

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆزىمۇ ئويلىمىغان ھالەتتە ئاللاھ رازى بولىدىغان بىر سۆزنى سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ. ئىنسان ئۆزىمۇ ئويلىمىغان ھالەتتە ئاللاھ غەزەب قىلىدىغان بىر سۆزنى سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى جەھەننەمگە تاشلايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 6478-ھەدىس].

    ئىككىنچى: تور دۇنياسىدا پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان ھەممە كىشىگە مەلۇملۇقكى، مەخپى نۇمۇر (كوكىيز)ئارقىلىق ئارخىپلارنى بىلىش بولسا، بەت ئاچقۇچىغا خاس بولغان ئىش، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى بەتلىرىنى بىلىش ۋە ئادرىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە ھولۇقۇپ كېتىدۇ، ئارخىپلارنىڭ مۇشۇ ئورنىنى ئېشلىتىۋېلىش بولسا، بەت ئاچقۇچىنىڭ خاس ھوقۇقىنى ئاياق-ئاستى قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ، ئايرىم ئادرىسقا شۇنىڭ ساھىبىدىن رۇخسەت ئىلىپ ئاندىن كېرىش كېرەك بولىدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن، مۇشۇنداق ئارخىپ ۋە ئورۇنلاردىن پايدىلىنىشنى ئىستىگەنلەر ئالدى بىلەن ئورۇننىڭ ئىگىسىگە بىلدۈرىشى كېرەك، بەت ئاچقۇچىنىڭمۇ ئوچۇق كۆرىشى ئۈچۈن ئاشكارا يول تۇتىشى لازىم، بۇنداق قىلغاندا ئىش ئېنىق بولىدۇ.

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىزنىڭ ئايرىم ئورنىڭىزغا ياكى بىتىڭىزگە ئېلان قويسا بولىدۇ لېكىن قويۇلىدىغان ئېلانلار چەكلەنگەن نەرسىلەردىن خالى بولىشى ۋە چەكلەنگەن نەرسىلەرنى راۋاجلاندۇرمايدىغان بولىشى شەرت قېلىنىدۇ.

بەتلەرگە ئېلان بېرىشنىڭ شەرتى، تور بەت، بەتتە بار بولغان باغلىنىش ئارخىپىغا ئاساسەن، بەت ئاچقۇچىغا مۇناسىپ بولغان نەرسىلەرنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى