شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

قېرىماسلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش دورىسى ئۆلۈمنى كىچىكتۇرەمدۇ؟

سۇئال

قېرىماسلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش دورىسى ئىنساننى ياشانغانلىق باسقۇچىدىن ياشلىق باسقۇچىغا قايتۇرىدۇ، يېڭىلانماسلىقى بېكىتىلگەن نىرۋا ھۈجەيلىرىنى يېڭىلايدۇ دېيىشىدىكەن، بۇنىڭدىن مەڭگۈ ياشاش پىكرى ئەمىلىلىشىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى بەلگىلەنگەن ياشاش مۇددىتى پۈتكەندە ۋاپات تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت چەكسىز قۇدىرتىگە قارشى چىققانلىق ھېسابلىنىدۇ، مېنىڭ بىلىشىمچە تىلۋېزىيە قاناللىرىنىڭ بىرىدە مەشھۇر بىر دوكتۇر: ھازىر بۇنداق دورىلار تابلىت شەكىلدە مۇكەممەل تولۇق مەيدانغا كەلدى دەيدۇ، بۇ توغىرمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ىيۇقىردا زىكىر قىلىنغان پېرمىنت ماددىسى توغرىسىدا دېيىلگەن سۆزلەر توغرا بولسا ۋە ئىلمى تەجىربىلەر بىلەن ئىسپاتلانغان بولسا، بۇ ماددا ھۈجەيرىلەرنىڭ بالدۇر قېرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، نىرۋا ھۈجەيرىلىرىنى يېڭىلاش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ، تالالىق ماددىنىڭ قورىشىنى ئازلىتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەلۇم مۇددەت ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىش خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ.

   بۇ دورا ياشىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياشلىق دەۋرىنى ساقلاپ قىلىشنى ئەمەلى شەكىلدە ئىسپاتلىسا شۇنداق بولىدۇ.

   ئەمما بۇنىڭ ئۆلۈمنى چەكلەش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى بولمايدۇ، چۈنكى ئۆلۈم دېگەن ئاللاھ تائالا ئىنسان ۋە جىندىن ئىبارەت بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا پۈتىۋەتكەن ئىلاھى بەلگىلىمە بولۇپ، ياش ياكى ياشانغان بولسۇن، كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولسۇن چوقۇم ئۇلارنىڭ ھەر بېرىگە ئۆلۈم كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:  وَمَا جَعَلْنَا لِبَشَرٍ مِنْ قَبْلِكَ الْخُلْدَ أَفَإِنْ مِتَّ فَهُمُ الْخَالِدُونَ. كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ وَنَبْلُوكُمْ بِالشَّرِّ وَالْخَيْرِ فِتْنَةً وَإِلَيْنَا تُرْجَعُونَ  تەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (ئىنسانلاردىن) ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەك، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر(ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز). [سۈرە ئەنبىيا 34-35-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدېۇ:  إِنَّكَ مَيِّتٌ وَإِنَّهُمْ مَيِّتُ  تەرجىمىسى: سەن ھەقىقەتەن ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن ئۆلىدۇ. [سۈرە زۇمەر 30-ئايەت].

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئا قىلسا: ئىي يەككە-يېگانە، تەڭداشسىز، ئىنسان ۋە جىندىن ئىبارەت بارلىق مەخلۇقاتلارنى ۋاپات تاپقۇزىدىغان، ئۆزى ئەبەدى ياشايدىغان ئاللاھ! سېنىڭ ئالى ھىممىتىڭگە سېغىنىمەن دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 7383-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2717-ھەدىس].

    ئىنسان ساقلىق، ياشلىق ۋە كۈچ قۇۋۋەت جەھەتتە ھەر قانچە يۇقىرى چەككە يەتسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ياشاش مۇددىتى بولىدۇ، ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى ھېساب، جازا-مۇكاپات ئۈچۈن قايتىدىن تىرگۈزىلىنىدۇ.

    تارىختىن بىرى ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ۋە جازا-مۇكاپاتنى ئىنكار قىلىدىغان ئىنسانلار بولسىمۇ لېكىن ئۆلۈمنى ئىنكار قىلغان ھېچ بىر ئىنسان تىپىلمىدى، چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى ئېنىق كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ھېچ كىشى ئۆزىنى ئۆلۈمدىن مۇداپىئە قىلالمىدى.

    ھۈجەيرىلەرنى يېڭىلاش ياكى ئۇنىڭ بالدۇر قىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولسا، ئىنساننىڭ ياشاش مۇددىتى تۈگىگەندە ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى بىھاجەت قىلالمايدۇ، سىز ئالى قەسىرلەردە، ساغلام ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان ياشلىق ھالەتتە ياشاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋاپات بولغانلىقىنى كۆرىسىز، ھېچ بىرى كىشى ئۆزىگە ئۆلۈم كەلگەندە ئۆلۈمنى قايتۇرالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَلَوْلَا إِذَا بَلَغَتِ الْحُلْقُومَ ،  وَأَنْتُمْ حِينَئِذٍ تَنْظُرُونَ ، وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْكُمْ وَلَكِنْ لَا تُبْصِرُونَ ، فَلَوْلَا إِنْ كُنْتُمْ غَيْرَ مَدِينِينَ ، تَرْجِعُونَهَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ   تەرجىمىسى: جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر، بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر، ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار. [سۈرە ۋاقىئە 83-87-ئايەتكىچە].

    بەندىلىرىنى ئۆلۈم بىلەن بويسۇندۇرغان، مەڭگۈ باقى قىلىش بىلەن يېگانىلىككە ئىگە بولغان ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَهُوَ الْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِ وَيُرْسِلُ عَلَيْكُمْ حَفَظَةً حَتَّى إِذَا جَاءَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ تَوَفَّتْهُ رُسُلُنَا وَهُمْ لَا يُفَرِّطُونَ ، ثُمَّ رُدُّوا إِلَى اللَّهِ مَوْلَاهُمُ الْحَقِّ أَلَا لَهُ الْحُكْمُ وَهُوَ أَسْرَعُ الْحَاسِبِينَ  تەرجىمىسى: ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان - ئەتكەننى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتىدۇ، بېرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ، ئاندىن ئۇلار (يەنى بەندىلەر) ھەق ھۆكۈم قىلغۇچى، ئىگىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ (قىيامەت كۈنى) ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھغىلا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر. [سۈرە ئەنئام 61-62-ئايەتلەر].

    بىز ھېچ بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمنى تىزگىنلەيدىغان ۋاستە ياكى چەكلەيدىغان بىرەر دورا ئىجاد قىلدىم دەپ دەۋا قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز، ھېچ بىر ئىنسان گەرچە زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلارنى ياردەمگە چاقىرسىمۇ بۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، ھەقىقەتەن ئىنساننى، ئۆلۈمنى ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇددىتىنى بېكىتكەن قۇدرەتلىك زات، ئاسمانلار ۋە زېمىنلەرنى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل ئىلگىرى بۇنى پۈتىۋەتكەن، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ھېچ كىشى قايتۇرالمايدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىشى قارشى تۇرالمايدۇ.

    سىز شەك-شۈبھىنى قويۇپ، ئۆز ئىشىڭىزغا يۈزلىنىڭ، ئاللاھقا ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىڭ، چۈنكى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن ۋاقتى چوقۇم كېلىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى