سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغان كىشىنىڭ ھېسابسىز جەننەتكە كىرىشى مۇمكىن بولامدۇ؟

297222

تارقاتقان ۋاقىت : 21-03-2019

كۆرگۈچىلەر : 1878

سۇئال

چوڭ-كىچىك گۇناھلارنى سادىر قىلغان كىشى، باشقىلاردىن رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلمىغان، ئوت بىلەن داغلانمىغان ۋە ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھېسابسىز جەننەتكە كېرىشى مۇمكىن بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

چوڭ-كىچىك گۇناھ سادىر قىلغان كىشى قىلمىشىغا تەۋبە قىلىپ، ئاللاھنىڭ تەرپىگە قايتسا، ئۇ كىشىنىڭ ھېسابسىز جەننەتكە كىرىشى مۇمكىن بولدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەت شېرىككە يېقىن بولغان ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە زىنا قىلغانغا ئوخشاش گۇناھلارنى سادىر قىلىپ تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالَّذِينَ لا يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَهاً آخَرَ وَلا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلا يَزْنُونَ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ يَلْقَ أَثَاماً * يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَاناً * إِلَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلاً صَالِحاً فَأُولَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَحِيماً  تەرجىمىسى: ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ(گۇناھلار)نى قىلىدىكەن،(ئاخىرەتتە)ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ.پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. [سۈرە پۇرقان 68-70-ئايەت]. 

   گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغان كىشى پەقەت تەۋبە قىلىش، ئاللاھ تائالادىن تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولىشىنى سوراش بىلەن ھېسابسىز جەننەتكە كېرەلەيدۇ.

    ئەمما تەۋبە قىلماستىن ئۆلۈپ كېتىپ ئاللاھ تائالاغا گۇناھكار ھالەتتە ئۇچراشقان كىشى بولسا، ئاللاھنىڭ خالىشىدا بولىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىنى خالىسا ئازابلايدۇ، خالىسا مەغپىرەت قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَنْ يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَنْ يَشَاءُ   تەرجىمىسى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ. [سۈرە نىسا 48-ئايەت].

    ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەت شۇنى ئىزاھلايدۇكى، شېرىكتىن باشقا چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان ھەرقانداق كىشى تەۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ئاللاھنىڭ خالىشى ئاستىدا بولىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىنى خالىسا ئەپۇ قىلىدۇ، خالىسا جازالايدۇ". ["تەپسىر تەبەرى 8-توم 450-بەت].

   ئىلگىرى 174528-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان، شەرىئەت دەلىللىرىنىڭ بېكىتىشىدىن شۇ ئاشىكارا بولدىكى، جەننەتكە ھېسابسىز ۋە ئازابسىز كېرىدىغانلار ياخشىلىققا باشقىلاردىن بۇرۇن ئالدىرايدۇ، ئۇلار ياخشىلىقنى نورمال قىلغۇچىلار ئەمەس ۋە ھەرگىزمۇ خاتالىق سادىر قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەمەس.

   بۇنىڭ دەلىللىرىدىن: ئىمام ئەھمەد ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ثُمَّ أَوْرَثْنَا الْكِتَابَ الَّذِينَ اصْطَفَيْنَا مِنْ عِبَادِنَا فَمِنْهُمْ ظَالِمٌ لِنَفْسِهِ وَمِنْهُمْ مُقْتَصِدٌ وَمِنْهُمْ سَابِقٌ بِالْخَيْرَاتِ بِإِذْنِ اللهِ  تەرجىمىسى: ئاندىن بىز كىتاب (يەنى قۇرئان) نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر (يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن بەك ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ)، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر (يەنى كۆپ چاغلاردا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ، قىسمەن چاغلاردا ئەمەل قىلمايدۇ) ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر. [سۈرە فاتىر 32-ئايەت].

    ياخشى ئىشلارغا ئالدىرىغۇچىلار ئۇلار جەننەتكە ھېسابسىز كىرىدۇ، ياخشى ئىشلارنى نورمال قىلغۇچىلار يەڭگىل ھېساب بىلەن ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار قىيامەت مەيدانىدا ئۇزۇن ھېساب بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە مۇشەررەپ بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار  الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَذْهَبَ عَنَّا الْحَزَنَ إِنَّ رَبَّنَا لَغَفُورٌ شَكُورٌ. الَّذِي أَحَلَّنَا دَارَ الْمُقَامَةِ مِنْ فَضْلِهِ لَا يَمَسُّنَا فِيهَا نَصَبٌ وَلَا يَمَسُّنَا فِيهَا لُغُوبٌ  تەرجىمىسى: ئۇلار ئېيتتى: جىمى ھەمدۇ-سانا بىزدىن غەم ـ قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا مەنسۇپتۇر! بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر. ئاللاھ مەرھەمىتىدىن بىزنى جەننەتتە تۇرغۇزدى. جەننەتتە بىز ھەرگىز جاپا تارتمايمىز، ھەرگىز چارچىمايمىز. [سۈرە پاتىر 34-35-ئايەت].

    بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى توغرىسىدا: ئەلى ئىبى ئەبۇ تەلھە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ئەسەردە مۇنداق زىكىر قىلغان: "ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆزى نازىل قىلغان بارلىق كىتابلارغا ۋارىس قىلدى، ئۇلاردىن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ، ئوتتۇرھال ئەمەل قىلغانلاردىن يەڭگىل ھېساب ئالىدۇ، ياخشىلىققا ئالدىرىغۇچىلارنى ھېسابسىز جەننەتكە كىرگۈزىدۇ". [ئىبنى جەرىر تەبەرى ئۆزىنىڭ تەپسىرى 20-توم 465-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئەبۇ ۋائىل رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بۇ ئۇممەت قىيامەت كۈنى ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ، بىرىنچى ئۈچتىن بىرى جەننەتكە ھېسابسىز كىرىدۇ، ئىككىنچى ئۈچتىن بىرىدىن يەڭگىل ھېساب ئېلىنىدۇ، يەنە بىر ئۈچتىن بىرى كاتتا گۇناھلار بىلەن كېلىدۇ ھەتتا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھالىنى بىلىپ تۇرۇپ پەرىشتىلەردىن: ئۇلار كىم؟ دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار سىلىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن لېكىن چوڭ گۇناھلارنى ئېلىپ كەلگەن كىشىلەردۇر دەيدۇ، ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە: ئۇلارنى مېنىڭ كەڭرى رەھمىتىمگە كىرگۈزۈڭلار دەيدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، تەرجىمىسى: ئاندىن بىز كىتاب (يەنى قۇرئان) نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر (يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن بەك ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ)، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر (يەنى كۆپ چاغلاردا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ، قىسمەن چاغلاردا ئەمەل قىلمايدۇ) ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر. [سۈرە فاتىر 32-ئايەت. بۇ ئەسەرنى ئىبنى جەرىر تەبەرى ئۆزىنىڭ تەپسىرى 20-توم 465-بەتتە كەلتۈرگەن].

    چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان كشى تەۋبە قىلماستىن ئۆلۈپ كېتىپ ئاللاھغا ئۇچراشقاندا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، بۇنىڭدىن ھېساب ئېلىنىدۇ، ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ناچار ئەمەللىرى ئۆلچىلىنىدۇ، ئەگەر ناچار ئەمەللىرى ئېغىر كەلسە ئەگەر ئاللاھ ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىۋەتمىسە، ئۇ كىشى دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلسا يەڭگىل ھېساب ئالىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىگە قىلمىشىنى ئىقرار قىلدۇرىدۇ ئاندىن ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلىدۇ.

    شەيخ ھاپىز ئەلھەكەمىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سوئال: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىستە بايان قىلىنغان: ئۇ كىشى ئاللاھقا تاپشۇرىلىدۇ، ئاللاھ خالىسا ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلىدۇ، خالىسا جازالايدۇ دېگەن سۆزى بىلەن، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ناچار ئەمەللىرى زىيادە كەلسە دوزاخقا كىرگۈزىدۇ دېگەن سۆزىنى قانداق بىرلەشتۈرىمىز؟.

   جاۋاپ: بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىدا ھېچ زىتلىق يوق، ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن يەڭگىل ھېساب ئالىدۇ، بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرىلاش دەپ چۈشەندۈردى، ئەپۇ قىلىشنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ بىرىڭلار پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولىدۇ ھەتتا ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە ئالقىنىنى قويۇپ: مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدىڭغۇ؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: شۇنداق قىلدىم دەيدۇ، ئاللاھ: مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدىڭغۇ؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: شۇنداق دەپ ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە: مەن دۇنيادا سېنىڭ ئەيىپىڭنى ياپتىم، بۈگۈن سېنىڭ خاتالىقىڭنى ئەپۇ قىلىمەن دەيدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    ئەمما گۇناھى سەۋەبىدىن دوزاخقا كىرىدىغانلار بولسا، ئىنچىكە ھېساب ئېلىنىدىغانلاردۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنچىكە ھېساب ئېلىنغان كىشى ئازابلىنىدۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. "ئەئلام سۈننەتۇل مەنشۈرە" 171-بەت.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ جەننەتكە ھېسابسىز كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەرگەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرغۇچى يەتمىش مىڭ كىشى بولۇپ، ھەر مىڭ كىشى بىلەن يەنە يەتمىش مىڭ كىشى بىرگە بولىدۇ"، ئۇلارنىڭ ئەۋۋىلىدە مۇشۇ ئۈممەتنىڭ مۇئمىنلىرى بولىدۇ، جەننەتكە دەسلەپتە كىرىدىغانلار ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك گۈزەل شەكىلدە بولىدۇ، ئۇلار جانلىرىنى سەرپ قىلىپ ئاللاھ يولىدا جېنىنى پىدا قىلغان، ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرغان، قەيەردە بولسا پەرىز قىلىنغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلغان، چەكلىمىلەردىن يىراق بولغان، ياخشىلىققا ئالدىرىغان كىشىلەردۇر.

    ئۇلارنىڭ سۈپىتى: ئۇلار باشقىلاردىن رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئوت بىلەن داغلانمايدۇ، قۇشلارنىڭ ئاۋازلىرىدىن شۇم پال ئالمايدۇ". ["ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"28-توم 60-بەت].

    ھەدىس: ئۇلارنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلغۇچىلاردۇر، ئۇلار ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغانلىقتىن ئۆزلىرىنىڭ بەزى ھاجەتلىرىدىنمۇ بىھاجەت بولىدۇ، مانا بۇ مۇكەممەل تەۋەككۇل قىلىشتۇر، شەكسىزكى، ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىشنى ھەقىقى روياپقا چىقارغان كىشى چوڭ گۇناھلارنىڭ ھېچ بىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولمايدۇ.

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ھېسابسىز جەننەتكە كىرىشنى خالىغان كىشى چوڭ گۇناھلاردىن ھەزەر قىلىشى كېرەك، ئەگەر گۇناھدىن ساقلىنالماسلىق ھالىتى كۆرۈلسە تىزدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك.

   ئاللاھقا تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى