جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

بىر كىشىنىڭ مەلۇم بىر كېسىلى بولۇپ، نامازنىڭ رۇكۇ-سەجدىلىرىنىڭ سانىنى ئېسىدە تۇتالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟

299278

تارقاتقان ۋاقىت : 01-10-2019

كۆرگۈچىلەر : 1651

سۇئال

مېنىڭ بىر كېسىلىم بولۇپ، ناماز ئوقۇغاندا، رۇكۇ قىلدىممۇ ياكى قىلمىدىممۇ؟ بىر سەجدە قىلدىممۇ ياكى ئىككى سەجدە قىلدىممۇ؟ يۆتكىلىش تەكبىرىنى ئېيتتىممۇ؟ دېگەندەك نامازدىكى پائالىيەتلىرىمنى ئىسىمدە تۇتالمايمەن، بەزى ۋاقىتتا بۇ كېسىلىم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، بەزى ۋاقىتتا كۈچىيىپ كېتىدۇ، قېيىن بولغىنى، مەن نامازنى قايتىدىن ئوقۇساممۇ، يەنىلا نامازدا رۇكۇ قىلدىممۇ، سەجدىنى تولۇق قىلدىممۇ دېگەندەك قىلغان پائالىيەتلىرىمنى ئىسىمگە ئالالمايمەن، كۆپ ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇ، مەن قانچىلىق ئىشەنچ قىلسام نامازنى شۇ بويىچە ئوقۇۋاتىمەن، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلدىم، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، مېنىڭ ئوقۇغان نامىزىم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كېسەللىك ياكى ۋەسۋەسە سەۋەبىدىن شەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ بۇ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بويىچە، سىز نامىزىڭىزنى شەككە قارىماستىن، ئىشەنچكە تايىنىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

    ھەنەپى ئالىملىرىدىن كاسانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى رەھىمەھۇللاھدىن نەقىل قىلىنىشچە: تاھارەت ئالغاندا بەزى ئەزالارنى يۇيۇشتا شەك قىلغان بولسا، بۇ شەكنىڭ باشلىنىشىدۇر، شەك قىلغان ئورۇننى يۇيىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇ ئورۇننى يۇمىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدۇ، يۇغانلىقىغا شەك قىلىدۇ، شەكنىڭ باشلىنىشى دېگەندىن مەقسەت: مۇشۇنداق شەك قىلىش ئادەت بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈندۇر، ئەگەر بۇنداق شەك قىلىش كۆپ بولۇپ كەتسە بۇ ۋەسۋەسە بولىدۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ، بۇنداق قىلىش ۋەسۋەسىنى ئۈزۈشتۇر، چۈنكى ئۇ كىشى شەك بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالسا، بۇ ئىشنى نامازنى ئادا قىلالماسلىققا ئىلىپ بارىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ". ["بەدائىئ سەنائىئ"1-توم 33-بەت].

   مالىكى مەزھەب ئالىملىرىدىن بولغان ساۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يۇيىدىغان ئورۇن توغرىسىدا، بۇ ئورۇنغا سۇ تەگدىمۇ ياكى تەگمىدىمۇ دەپ بىرەر قېتىم شەك قىلىپ قالسا، شۇ ئورۇنغا سۇ قويۇپ سىلاپ يۇيۇش كېرەك بولىدۇ.

    ئەمما كۆپ شەك قىلغۇچى شەككە قارىماسلىقى كېرەك، چۈنكى شەك-ۋەسۋەسىگە ئەگىشىش بولۇپ دىننى يىلتىزىدىن بۇزىدۇ، بۇنىڭدىن ئاللاھ ساقلىسۇن". ["ھاشىيەتى ساۋىي ئەلا شەرھىل سەغىر"1-توم 170-بەت].

     ھەنبەلى ئالىملىرىدىن شەيخ مۇستەپا رۇھبانى رەھىمەھۇللاھ "مەتالىب ئۇلىننۇھا" 1-توم 507-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "شەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ۋەسۋەسىگە ئايلىنىدۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلىنمايدۇ، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، شۇنىڭدەك تاھارەتتە، غۇسلىدا، نىجاسەتنى يوق قىلىشتا، تەيەممۇم قىلىشتا شەك كۆپ بولۇپ كەتسە بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنساننى تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت بولغان بىر تۈرگە ئىلىپ بارىدۇ، بۇ نامازنى تولۇق ئوقۇپ تۇرۇغلۇق زىيادە ئوقۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىق كېرەك بولدۇ".

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سىزنىڭ ئوقۇغان نامىزىڭىز توغرىدۇر. ئاللاھ تائالاتىن سىزگە شىپالىق ۋە سەھۋەنلىكىڭىزنى ئەپۇ قىلىشنى تىلەيمىز.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى