يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

مىزاندا تەۋھىد ھەممىدىن ئېغىر كېلىدىغان تۇرۇغلۇق، گۈزەل ئەخلاق قانداقمۇ ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ؟

سۇئال

سىلەر 174947- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا: كارت (بىتاقە) ھەدىسىدە مىزاندا ھەممىدىن ئېغىر كىلىدىغان نەرسە تەۋھىد كەلىمىسى دەپ بايان قىلىنغان ئىدى، بۇنىڭ بىلەن: مىزاندا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ دېگەن بۇ ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىنى قانداق بىرلەشتۈرىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   كارت (بىتاقە) ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك، قىيامەت كۈنىدە مۇئمىننىڭ مىزانىدا تەۋھىدتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ.

   ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بولغان بىر كىشىنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا ھەر بىرى كۆز يەتكۈسىز بولغان توقسان توققۇز دانە پۈتۈكنى تاشلايدۇ، ئاندىن: بۇنىڭدىن بىرەرنى ئىنكار قىلامسەن؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق، ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى ئىنكار قىلمايمەن دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: سېنىڭ بۇنىڭدا بىرەر ئۈزرەڭ بارمۇ؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق، ئى پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ ھېچ ئۈزرەم يوق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: بەلكى بىزنىڭ ھوزۇرىمىزدا سېنىڭ قىلغان ياخشى ئەمىلىڭ بار، ھەقىقەتەن بۈگۈن ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەپ، ئۇ كىشىگە ئۈستىگە: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھى مەبۇد بەرھەق يوق، شۈبھىسىزكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دېگەن سۆز يېزىلغان بىر كارتنى بېرىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە: بۇنى مىزاندا ھازىر قىلغىن دەيدۇ، ئۇ كىشى: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇ بىر تال كارت بىلەن توقسان توققۇز دانا پۈتۈك قانداقمۇ تەڭ بولسۇن؟دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەيدۇ، كارت مىزاننىڭ بىر تەرىپىدە قويۇلىدۇ، پۈتۈكلەر يەنە بىر تەرىپىدە قويۇلىدۇ، پۈتۈكلەر يەڭگىل كېلىپ كارت ئېغىر كېلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىسمى بولغان نەرسىدىن ھېچ نەرسە بولمايدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 2639-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 4300-ھەدىس. ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد"11-توم 571-بەتتە كەلتۈرگەن، ھاكىم: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ئىسنادتىن دېگەن، ئىمام زەھەبىمۇ بۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"1-توم 262-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مىزاندا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4799-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 2002-نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"2 -توم 535-بەتتە كەلتۈرگەن. بۇ ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىدىن گۈزەل ئەخلاق تەۋھىد كەلىمىسىدىن ئەۋزەل دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ ياكى گۈزەل ئەخلاق ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن ئەۋزەل دېگەنلىك ئىسپاتلانمايدۇ، ئەگەر گۈزەل ئەخلاق ئىمان بىلەن بىرگە بولمىغاندا ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئىگىسىگە ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن: مىزاندا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ ئىشىنىدىغان مۇئمىن كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ دېيىلىدۇ.

   گۈزەل ئەخلاقنى ئۇنىڭدىن باشقا ئەمەللەردىن ياكى نەپلە ئەمەللەردىن ئارتۇق كۆرۈش مۇمكىن بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: مۇئمىن كىشى ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى تاپالايدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4798-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ"سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"2-توم 421-بەتتە كەلتۈرگەن].

   سەنئانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "گۈزەل ئەخلاق ساھىبى ئۆزىنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئاخىرەتتە، كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ". تىيبى رەھىمەھۇللاھ: بۇنىڭدىن نەپلە روزا ۋە نەپلە نامازلار مەقسەت قىلىنىدۇ دەيدۇ. ["تەنۋېر شەرھى جامىئۇسسەغىېر"9-توم 476-بەت].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پالانى ئايال كېچىدە ناماز ئوقۇيدۇ، كۈندۈزدە روزا تۇتىدۇ، سەدىقە قىلىدۇ ۋە كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلىدۇ، لېكىن خوشنىلىرىغا بەك ئەزىيەت بېرىدۇ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئايالدا ياخشىلىق يوق، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن دېگەن. ساھابىلار: پالانى ئايال بەش ۋاقىت نامىزىنى ئوقۇيدۇ، ئاددى نەرسىلەرنى بولسىمۇ سەدىقە قىلىدۇ، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەيدۇ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئايال جەننەت ئەھلىدىن دېگەن. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى"ئەدابۇل مۇپرەد"119-بەتتە، ئىمام ئەھمەد"ئەلمۇسنەد" 15-توم 421-بەتتە كەلتۈرگەن. باشقا ھەدىس ئالىملىرىمۇ ئۆز كىتابىدا كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ: "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"1-توم 369-بەتتە كەلتۈرگەن].

     شۇنىڭدەك نەپلە ئىبادەتلەرمۇ گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئېغىر بولىدۇ، ئەگەر ئەخلاقى بۇزۇلسا ئۇنىڭ پايدىسى يوق بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ لَا يُتْبِعُونَ مَا أَنْفَقُوا مَنًّا وَلَا أَذًى لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ ، قَوْلٌ مَعْرُوفٌ وَمَغْفِرَةٌ خَيْرٌ مِنْ صَدَقَةٍ يَتْبَعُهَا أَذًى وَاللَّهُ غَنِيٌّ حَلِيمٌ ، يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُبْطِلُوا صَدَقَاتِكُمْ بِالْمَنِّ وَالْأَذَى كَالَّذِي يُنْفِقُ مَالَهُ رِئَاءَ النَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ صَفْوَانٍ عَلَيْهِ تُرَابٌ فَأَصَابَهُ وَابِلٌ فَتَرَكَهُ صَلْدًا لَا يَقْدِرُونَ عَلَى شَيْءٍ مِمَّا كَسَبُوا وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ  تەرجىمىسى: پۇل - مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە (خەير - ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ. ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سەدىقىسىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ. ئى مۆمىنلەر! پۇل- مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق (پۇل - مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا - چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمىنى ھىدايەت قىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 262-264-263-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى