پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بېشىغا مەسھى قىلىش يەنى بېشىنى سىلاش بىلەن زىيانلىنىدىغان كىشى تاھارەت ئالغاندا، بېشىغا بىر نەرسە قويۇپ ئاندىن مەسىھ قىلامدۇ؟

سۇئال

مەندە بىر خىل كېسەللىك بولغانلىقى ئۈچۈن تاھارەت ئالغاندا بېشىمغا مەسھى قىلالمايمەن، تاھارەت ئالغان ۋاقتىمدا بېشىمغا بىر نەرسە كېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسام بولامدۇ؟ تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن بېشىمنى ئورىغان نەرسىنى ئىلىۋەتسەم، ئالغان تاھارىتىم توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: بېشىنى ئورىۋالغان سەللە قاتارلىق نەرسىلەرگە مەسىھ قىلىش توغرا بولىدۇ، ئەمىر ئىبنى ئۇمەييە مۇنداق دەيدۇ: مەن «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سەللىسىگە ۋە كەيكەن ئايىغىغا مەسىھ قىلغانلىقىنى كۆردۈم.» [بۇخارى رىۋايىتى 205-ھەدىس].

   سەللىگە مەسىھ قىلسا توغرا بولىدۇ دېگەن سۆز ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدىكى قاراشتۇر. بۇ توغرىدا 129557- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   بېشىغا كەيگەن دوپپا، تۇماق، قالپاق قاتارلىق نەرسىلەرگە مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا 139719- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: ئەگەر بېشىڭىزدا تېڭىق ياكى باشقا چاپلانغان نەرسە بولسا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىسىڭىز بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

   بەيھەقى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ باپتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنمىغان، پەقەت ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلغىنى بىلەن، كىيىنكى تابىئىنلار، ئۇلارغا ئەگەشكەن پىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزى بار.

بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاھارەت ئالدى، ئالقىنى تىڭىقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالقىنىغا ۋە تىڭىققا مەسىھ قىلدى، باشقا ئەزالىرىنى يۇدى، مانا بۇ ئىبنى ئۆمەردىن بايان قىلىنغان توغرا ئىسنادتۇر". ["ئەل مەجمۇئ"2-توم 368-بەت].

    ئۈچىنچى: ئەگەر بېشڭىز ئوچۇق بولسا، يەنى بىر نەرسە ئورىمىغان بولسىڭىز، بېشىڭىزغا مەسىھ قىلسىڭىز زەرەر يېتىدىغان بولسا، باشقا ئەزالىرىڭىزنى يۇيۇڭ، بېشىڭىزغا قۇرۇق قولىڭىز بىلەن مەسىھ قىلىڭ. ئەگەر بېشىڭىزدا ئورالغان نەرسە ياكى ئېلىۋەتسە زەرەر بولىدىغان تېڭىق بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بېشىڭىزغا بىر نەرسە ئوراپ مەسىھ قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.

   "كەشاپۇل قىنا"1-توم 165-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئەگەر بەدىنىنىڭ بەزى جايلىرىدا جاراھەت بولۇپ يۇيۇش ياكى مەسىھ قىلىش بىلەن زەرەر يېتىدىغان بولسا، ئۇ جاراھەتلەرگە تەيەممۇم قىلىدۇ، ئەگەر سۇ بىلەن مەسىھ قىلىش مۇمكىن بولسا مەسىھ قىلىدۇ، بۇ كۇپايە قىلىدۇ، چۈنكى ئەسلىدە يۇيۇشقا بۇيرۇلغان بولۇپ سۇ زەرەر بەرسە ئۇنىڭ بەزىسىگە مەسىھ قىلىش كېرەك بولىدۇ، بۇ خۇددى، نامازدا رۇكۇ-سەجدە قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشى ئىشارەت قىلىپ ئوقۇغانغا ئوخشاشتۇر".

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر بېشىدا تېڭىق بولسا ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىدۇ، ئەگەر ئوچۇق بولسا ئۇنىڭ ئۈستىگە تەيەممۇم قىلىدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئىنساندا جاراھەت قاتارلىق نەرسە بولسا، ئۇ ياكى ئورالغان بولىدۇ ياكى ئوچۇق بولىدۇ، ئەگەر ئوچۇق بولسا ئۇنى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر يۇيۇش قېيىن بولسا جاراھەتكە مەسىھ قىلىدۇ، ئەگەر مەسىھ قىلىشمۇ قېيىن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تەيەممۇم قىلىدۇ، بۇ تەرتىپ بىلەن بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئوراش مۇمكىن بولغان نەرسە بىلەن ئورىغان بولسا، ئۇنىڭغا پەقەت مەسىھ قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئوراغلىق ھالەتتە مەسىھ قىلسىمۇ زەرەر يېتىدىغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا ئوچۇق ھالىتىدە قىلغاندەك تەيەممۇم قىلىنىدۇ، مانا بۇ پىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ بايانلىرىدۇر". ["شەرھىل مۇمتىئ"1-توم 169-بەت].

    تۆتىنچى: جاراھەت قاتارلىقلارغا تەيەممۇم قىلىشتا تەيەممۇمنى تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن قىلسىمۇ ياكى كېيىن قىلسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ھەنبەلى مەزھىبىدە تاھارەت ئالغاندا تەرتىپ بىلەن ئىلىش كېرەك بولۇپ، بېشىغا مەسىھ قىلىدىغان ۋاقىتتا ئاندىن تەيەممۇم قىلىدۇ، دەيدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: جاراھەت بولسا ئۇنىڭغا تەيەممۇم قىلىپ قالغان ئەزالىرىنى يۇيىدۇ دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشىنىڭ بەدىنىدە ياكى ئەزاسىدا جاراھەت بولسا، بۇنىڭغا سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا، بۇ جاراھەتكە تەيەممۇم قىلىدۇ، قالغان ئەزالىرىنى سۇ بىلەن يۇيىدۇ، جاراھەتكە تەيەممۇم قىلىشتا سۇنىڭ تىپىلماسلىقى شەرت قىلىنمايدۇ، سۇ بولسىمۇ تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ.

   يازغۇچىنىڭ سۆزىنىڭ كۆرۈنىشى: تەيەممۇم قىلىدىغان ئەزانى يۇيۇش نۆۋېتى كەلگەندە ئاندىن تەيەممۇم قىلىدۇ، چۈنكى تاھارەتتە تەرتىپ بىلەن ئېلىش شەرت قىلىنىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما جۇنۇپ بولۇپ يۇيۇنماقچى بولسا، بەدىنىدىكى جاراھەتكە يۇيۇنىشتىن بۇرۇن تەيەممۇم قىلسىمۇ ياكى يۇيۇنۇپ بولۇپلا تەيەممۇم قىلسىمۇ ياكى يۇيۇنۇپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تەيەممۇم قىلسىمۇ بولىدۇ، مانا بۇ ھەنبەلى مەزھىبىنىڭ قارىشىدۇر، چۈنكى ئۇلار غۇسلىدا تەرتىپ بىلەن ۋە ئارىقىمۇ-ئارقا يۇيۇنىشنى شەرت قىلمايدۇ.

    ئەگەر جاراھەت قولىدا بولسا، ئالدى بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ ئاندىن قولىغا تەيەممۇم قىلىپ ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلىپ ئاندىن پۇتىنى يۇيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يۈزىنى ۋە قولىنى سۈرتىدىغان لۆڭگە دېگەندەك نەرسە كېرەك بولىدۇ، چۈنكى تەيەممۇم قىلىدىغان توپىدا توزاڭ بولۇش شەرت بولىدۇ، ئەگەر يۈزى ھۆل بولۇپ قالسا تەيەممۇم توغرا بولمايدۇ.

بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: خۇددى چوڭ تاھارەت ئىلىشتا تەرتىپ ۋە ئارقىمۇ-ئارقا ئىلىش شەرت قىلىنمىغاندەك كېچىك تاھارەت ئىلىشتىمۇ شەرت قىلىنمايدۇ.

   مۇشىنىڭغا ئاساسەن: جاراھەتكە تەيەممۇم قىلىش تاھارەت ئىلىشتىن بۇرۇن بولسىمۇ ياكى ئۇنىڭ ئازراق ياكى كۆپرەك كېيىن بولسىمۇ توغرا بولىدۇ.

    بۇ توغرا قاراش بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر مۇشۇ قاراش بويىچە ئەمەل قىلىۋاتىدۇ، بۇقاراشنى "مۇۋەپپەق، ئەلمەجد ۋە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق ئۆلىمالار تاللىغان". ["شەرھىل مۇمتىئ" 1-توم 383-بەت]. 

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى